ئىستانبۇلدىكى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ۋە سۈرىيە

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ئىستانبۇلدىكى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ۋە سۈرىيە

ئىستانبۇل ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ۋە سۈرىيە

ئىستانبۇلدا فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا سۈرىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇشقا ئوخشاش مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى. يىغىندا سۈرىيە توغرۇلۇق مۇھىم قارارلار چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۈرىيەدە يەنىلا ۋەزىيەت جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. سۈرىيە-ئىراق چېگراسىدا دائېش ۋە ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە، سۈرىيە-تۈركىيە چېگراسى لىنىيەسىدە ي پ گ تېررورچىلىرى پات-پات تۈركىيە تەرەپكە ئوق چىقىرىپ تۈركىيەنى ئاۋارە قىلماقتا، تۈركىيە ئارمىيەسى ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ بازىلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا، ئىدلىب رايونىدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە. بۇ ئەھۋاللار سۈرىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ ئۇنچىۋېلا ئاسان ئەمەسلىكىنى ۋە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەش لازىملىقىنى كۆرسىىتپ بېرىدۇ.

ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەن 4 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى سۈرىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم قارارلارنى چىقاردى. ئۇزۇندىن بۇيان كېڭەش قىلىپ كېلىنىۋاتقان سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا كۈنتەرتىپكە كېلىشى سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىش پىلانى سۈرىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن سۈرىيە مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ. ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىلغاندىن كېيىن سۈرىيە خەلقىنىڭ ئاۋازىغا قويۇلىدۇ، لېكىن بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنچىۋېلا ئاسان ئەمەس. مىليونلارچە سۈرىيەلىك ھېلىھەم ئۆزگە دىيارلاردا ياشىماقتا، يەنە مىليونلارچە سۈرىيەلىك يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ ئۆزگە مەملىكەتلەرگە كۆچۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيە خەلقىگە پاسپورت بېرىشنى توختىۋەتتى، بۇ قىيىنچىلىقلار سۈرىيەدە يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئەل رايىغا سىناش پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىدا زور توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا يەنە، ئىدلىبتە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش، تېررورچىلارغا قارشى ئىزچىل ھەربىي-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەسلىلەر ئۈستىدىمۇ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى. دەرۋەقە، پ ي گ تېررورلۇق تەشكىلاتىدەك سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش خىزمەتلىرىدە تۈركىيە زور نەتىجىگە ئېرىشتى.

ئەمدى سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە قايتىپ كېلەيلى: سۈرىيە-ئىراق چېگراسىدا ي پ گ بىلەن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى  ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ كەلمەكتە. ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ يانتاياق بولۇشى ئارقىسىدا، يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى ھاجىن لىنىيەسىگە بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ھۇجۇم قوزغىدى. رايوندا مەيدانغا كەلگەن بوران-چاپقۇن ئاپىتىدىن پايدىلانغان دائېش، ي پ گ تېررورچىلىرى نەچچە ئاي ئۇرۇنۇپ ئاران قولغا كىرگۈزگەن رايوننى بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا تارتىۋالدى. دائېشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دائېش تېررورچىلىرى قايتىدىن ئىراق چېگراسىغا يېقىنلاپ كەلدى، ئىراق دائىرىلىرى دائېشنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئالدى، ھاشدى شابى كۈچلىرى بولسا رايونغا ئەۋەتىلدى. دائېشنىڭ كۈچىيىشىگە قارىتا، رايونغا زاپاس قوشۇن ئەۋەتكەن ي پ گ تېررورچىلىرى خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ دائېشنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولالمىدى. دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشنى باھانە قىلىپ، سالاھىيىتىنى قانۇنلۇق قىلىۋالغان ي پ گ تەشكلاتىنىڭ دائېشنى تولۇق يوق قىلىش نىيىتىنىڭ بار يوقلىقىنى بىلىش تولىمۇ تەس، ھەتتا  ي پ نىڭ بۇنداق نىيىتىنىڭ بارلىقى گۇمانلىق.

سۈرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ي پ گ تېررورچلىرى نىسبەتەن پاسسىپ ئورۇن چۈشۈپ قالدى، دائېش ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى. دائېشتىن زەربە يىگەن ي پ گ تېررورچىلىرى سۈرىيەدە شىمالىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە كىچىك كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ كەلمەكتە، تۈركىيە ئارمىيەسى بولسا پ ي گ تېررورچىلىرىغا تەۋە بازىلارنى بومباردىمان قىلماقتا. ئەين ئەل ئەرەبنىڭ غەرىبىدىكى چېگرا لىنىيەسىدىكى تۆپىلىكلەردە تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان ي پ گ قوراللىق كۈچلىرىگە، تۈركىيە توپچى قىسمى ئېغىر زەربىلەرنى بەرمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، تال ئابياد چېگرا لىنىيەسىدە تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ي پ گ تېررورچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ئەتىسى تەكرار ئەين ئەل ئەرەبنىڭ غەرىبىدە ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ي پ گ بازىلىرىدىن تۈركىيە چېگراسىدىكى ھەربىي ماشىنىلارغا تانكائاتارلار ئېتىلدى. ي پ گ تېررورچىلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمىنى كۆرۈنۈشكە ئېلىپ تارقاتتى. بۇ ھادىسىلەردىن كېيىن، ي پ گ نىڭ ھاجىن رايونىدا دائېشقا قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىنى، تۈركىيەنىڭ بومباردىمانلىرى سەۋەبىدىن توختاتقانلىقىنى جاكارلىشى، ئەمەلىيەتتە ي پ گ نىڭ دائېشنى پىلانى ۋە مەقسىتى دائىرىسىدە ۋاستىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىدلىبتىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. سوچى كېلىشىمى تۈرتكىسىدە ئىدلىبنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالى تۆۋەنلىدى، ھەتتا يوق بولدى. ئۆتكەن ھەپتە ئىدلىب رايونىدا ھەيەت تەھرىر ئۇش-شام تېررورلۇق تەشكلاتى بىلەن نۇرەددىن زەنگى قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەيەت تەھرىر ئۇش شامغا قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى، ئىدلىب رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سۈرىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىدلىبتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تولىمۇ مۇھىمدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر