ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابېنىڭ خىتاي زىيارىتى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابېنىڭ خىتاي زىيارىتى

ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابېنىڭ خىتاي زىيارىتى

بۇ يىل 26-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شىن جىنپىڭ بېجىڭدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شېزو ئابې بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، شى جىنپىڭ خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن نورمال ھالەتكە كېلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، شېزو ئابې ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرغاندا ھەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلماقتا. 7 يىلدىن بۇيان بىر ياپونىيە باش ۋەزىرى تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلدى، 1972-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنتىلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى داۋالغۇش باسقۇچىلارنى باشتىن كەچۈردى. مەسىلەن، 2012-يىلى، 2013-يىللىرىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زېمىن مەسىلىسى كەسكىنلەشتى.

ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى بولىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھالقىق مەزگىلدە، دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئىككىنچى چوڭ دۆلەت بىلەن ئۈچىنچى چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن كۆرۈشۈشى كىشىنىڭ ھەقىقەتەن دىقىتىنى قوزغايدۇ.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا پۇل-مۇئامىلە، سودا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسى بولۇپ جەمئىي  52 تۈر بويىچە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى، بۇ تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 26 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خەلق بانكىسى بىلەن ياپونىيە بانكىسى مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈنمۇ توختام تۈزگەن.

ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كەلدى،دېگەن سۆزىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟

سودا ئۇرۇشى بولىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ يىراق ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نېمە ئۈچۈن ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ؟

دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى جەھەتتە ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە مىللىي پۇللارنى ئىشلىتىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلىشى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ نوپۇزىغا تەسىر يەتكۈزمەمدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر