يا ھالاكەت ياكى ئالەمشۇمۇل ئادالەت

«دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «يا ھالاكەت ياكى ئالەمشۇمۇل ئادالەت» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

يا ھالاكەت ياكى ئالەمشۇمۇل ئادالەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «يا ھالاكەت ياكى ئالەمشۇمۇل ئادالەت» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

20 ـ ئەسىر ئىنسانىيەت ئەڭ كۆپ ۋەھشىلىككە يولۇققان بىر ئەسىر بولدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسىر پەقەتلا ئىنسانلارنىلا ئەمەس، بەلكى چۈشكەن ھەر قانداق يەردىكى پۈتۈن جانلىقلارنى قويماي يوقۇتۇپ تاشلايدىغان ئاتوم بومبا ھۇجۇملىرىنىمۇ ئۆز قوينىغا ئېلىپ ئۈلگۈردى.

2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان دۇنيا سىستېمىسى، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئالغان ھالدا ئۇرۇشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدىغان بىرەر تىنچلىق سىستېمىسىگە ئايلىنالمىدى. بەلكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەيدىغان غالىپلار تۈزىمىگە ئايلىنىپ قالدى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغان ۋە ئامېرىكا دوللىرىنى دۇنيانىڭ ئاساسلىق پۇلىغا ئايلاندۇرىدىغان «Bretton Wood» سىستېمىسى، غالىپلار قۇرۇپ چىققان ب د ت تۈزۈلمىسىنى دائىملىق ھالغا كۈلتۈرۈشنىڭ كاپالىتى بولدى.

سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە كۆرۈنۈشتە تولىمۇ ياخشى رولىنى جارى قىلدۇرغان «Bretton Wood» سىستېمىسى ۋە ب د ت تۈزۈلمىسى ئەمدىلىكتە چۇۋۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئاساسلىقى بىرلەشمە ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ قالغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى بولغان ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلىقى ئۆزگىرىشكە باشلىماقتا.

ئىككى قۇتۇبلۇق دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن يەر شارى خاراكترلىق ئاكتىيورلار، ئوخشاش بولمىغان ئىتتىپاقداشلىق ئاستىدا، ياكى پاسلىشىشلار سايىسىدا نۆۋەتتىكى سىستېمىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئادالەتنى ئاساس قىلمىغان بۇ ئىتتىپاقداشلىقلارنىڭ ئىراقتا، ئافغانىساندا، بوسنىيەدە، قىرىمدا، سۈرىيەدە ۋە ئاراكاندا قانداق قۇرۇلغان ياكى قۇرۇلمىغانلىقىنى ۋە ياكى كېچىكىپ قۇرۇلغانلىقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆردۇق. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ قالدۇقى بولغان بۇ يەر شارى خاراكتېرلىق سىستېما ، يەر شارىلىشىش ھەرىكىتى بىلەن ھەممە نەرسە تېخىمۇ ئوچۇق كۆرۈنىدىغان ۋە بىلىنىدىغان باسقۇچقا كىرگەندىن كېيىن،بارغانچە كۈچلۈك تەنقىدلەرگە ئۇچىرىماقتا. بۇ نۇقتىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھەر دائىم دۇنيانىڭ بەشتىن چوڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. چۈنكى خەلقئارا ئۇچۇر ـ ئالاقە ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇشقا يېپىق ھالدىكى خەلقلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك ئادالەتسىزلىكلەرگە دۇچار بولىشىنىڭ بەدىلى كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلىمەكتە.  ئەگەر ھەر تۈرلۈك مەلۇماتلارغا ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىغان بىر خەلقئارالىق سىستېما قۇرۇلغان تەقدىردە، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ قالدۇق سىستېمىسى كارغا كەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بولىدۇ.

مانا بۈگۈنكى كۈندە بۇرۇنقى ئەھۋاللارنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولمىغان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىۋاتىمىز. ئەمدىلىكتە تۈرك تىلىمىزدا ئومۇملاشقان «بۇرۇنقى ھالەتنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق، ياكى يېڭى ھالەت ۋە ياكى ھالاكەت» دېگەن سۆزدە ئىپادىلەنگىنىگە ئوخشاش بىر ئەھۋالنى باشتىن كەچۈرىۋاتىمىز. دېمىسىمۇ بۇرۇنقى ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بەدىلى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا. شۇنداقتىمۇ خەلقئارلىق ئاكتىيورلار تارىختا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە پەقەت ئىنسان ئىرقىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جانلىقلار تۈرىنى يوقۇتۇپ تاشلايدىغان خىمىيەلىك قوراللارغا ۋە يادرولۇق بومبلارغا بەس بەستە ئىگە بولۇشماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان تەڭپۇڭسىز سىياسى رەھبەرلىك مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت سالماقتا. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ قالدۇق سىستېملىرى تەنقىد قىلىنىۋاتقان ئەمما تېخىچە يېڭى سىستېما قۇرۇلالماياتقان بىر مۇھىتتا يېڭى بىر يۇقۇلۇش تەھدىتىدە دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقان بۇ قوراللاردىن قۇتۇلۇش شۇنداقلا سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى سىستېمىنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرىجەملىك ئېلىپ كېلىشنى نىشان قىلغان خەلقئارالىق پۈتۈن ساھالەردە يېڭى ئىتتىپاقداشلىقلارنى قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. چۈنكى ئادالەت بىلەن بىلەن ئادالەتسىزلىك ئوخشاشلا يۇقۇملىقتۇر.

يەر شارى خاراكتېرلىق ئادالەت ئۈچۈن ئىتىىپاقداشلار ئىزدىنىشىنى پەقەتلا دۆلەتلەر دەرىجىسىدە ئويلىماسلىق لازىم. دۇنيا كەلگۈسىنى ئىزدەۋاتقان بىر دەۋردە ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە، ھەر سەۋىيەدە خەلقئارالىق ئادالەت ئىتتىپقداشلىقىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىششقا توغرا كېلىدۇ. ئاكادېمىكلەر، سودا ـ سانائەتچىلەر، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئۇشمىلار، ئادۋوكاتلار بىلشمىلىرى، پىكىر تەتقىقات ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تەنتەربىيە، سەنئەت، ئەدەبىيات، زىيالىيللار، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىشى.... قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا يەر شارى خاراكتېرلىق ئادالەت ئىتىپاقداشلىقىنىڭ بىر پارچىسى بولالىشى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە ئالدى بىلەن بىر بىرىمىزنى تونۇش ھەمكارلىشىشنى بويلىغان پائالىيەتلەرنى ئاشۇرۇپ، ئاندىن ئاۋازىنى بىرلىكتە يۇقىرى كۆتىرىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىلگىرى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە كۆپ سانلىقنى ئاساس قىلمايدىغان مېدىياغا قارشى ئوخشاش بولمىغان يوللارنى تاللاش ئانچە مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھازىر ئۇچۇر ئالاقە ۋە بىلىم تېخنىكا ئالماشتۇرۇش تەرەققىي قىلغان مۇھىتتا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىن بولىدىغان ئەھۋالغا كەلدى. ئوقۇغۇچى ئۈچۈنمۇ ھەممىلا يەردە يەتكۈدەك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار بار. سودا سانائەتچىلەر ئۈچۈنمۇ خەلقئارلىق سەۋىيەدە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ناھايىتى ئاسان. قىسقىسى ھەممىلا ساھەدە مانا شۇنداق بىر ئىزدىنىشكە تىرىشىشىمىز لازىم.

تەھدىتلەر ئىنتايىن يېقىنلاشقان، ھالاكەتلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىق تۈس ئالغان ۋەزىيەتتە، يەرلىك تۈستە مەھكەم تۇرۇش ئارقىلىق خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار، يەھۇدى، ئاتائىست، بۇدىست.... مەيلى قايسى ئېتىقادتا، مەيلى قايسى ئىدىئولوگىيەدە بولۇشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، ھازىر بىز دۇچ كەلگەن خەۋپلەرنىڭ نە قەدەر چوڭلۇقىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، يەر شارى خاراكتېرلىق ئادالەت ئىتتىپاقداشلىقى ئىچىدە، ھەممىمىز بىرلىكتە كەلگۈسىمىزگە ساھىپ چىقىشىمىز، مۇھىمى ئىنسانىي ۋىجداننى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشىمىز لازىم. 

بۇ ئىش پات پات ئۇتۇققا ئېرىشىپمۇ كەلمەكتە.ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن چىقارغان قۇددۇس قارارىغا قارشى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆزىنى نامايەن قىلغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىردەك پوزىتسىيەسى ھەمدە ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە قارشى دۇنيا مىقياسىدا كۆرسىتىلگەن نارازىلىقلار، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەيداندا، ئورتاق پوزىتسىيەدە بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى نامايەن قىلىپ بىزگە ئۈمىت بەرمەكتە.

خۇددى شۇنىڭدەك مەلۇم مەسىلىلەر ئاساسىدىكى يەر شارى خاراكتېرلىق ئىتتىپاقداشلىقلارنى قۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن؛ قۇددۇس، ئاراكان، سۈرىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى ھەمكارلىق، يېڭىچە ناتسىزم، فاشىزم، خىمىيەلىك قوراللىنىش ۋە مۇنوپلچىلىققا قارشى ئورتاق پوزىتسىيە شەكىللەندۈرۈش مۇمكىن. ھەر سەۋىيەدىكى يەر شارى خاراكتېرلىق ئادالەتسىزلىكلەرنى پاش قىلىش، بۇنىڭغا قارشى يەر شارى خاراكتېرلىق ئادالەتنى تەلەپ قىلىش ۋە شۇنىڭغا مەجبۇرلاش لازىم. مەيلى قايسى دىن، قايسى تىل، قايسى ئىرققا، مەيلى قايسى ئېتىقاد ۋە ئىدىئولوگىيەگە تەۋە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، مەيلى كىم قىلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماستىن، زۇلۇمنى جاۋاپكارلىققا تارتىدىغان يەر شارى خاراكتېرلىق سۆز ئۈستۈنلىكىنى بولسىمۇ بەرپا قىلالمىساق، ھالاكىتىمىزدىن قۇتۇلغىنى بولمايدۇ. چۈنكى بىر دۆلەت، بىر خەلق ياكى بىر ئېقىمنىڭ ئۆزى يالغۇز يەر شارى خاراكتېرلىق ھۇجۇملارنى توختىتىپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس.  

بۈگۈنكى كۈندە بىز يېڭى بىرەر خەلقئارالىق تۈزۈم ئورنىتىلمىغان بىر دەۋردە تۇرماقتىمىز. دۇنيا گويا مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇرغاندەكلا. لېكىن تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش پۇرسىتىمىز بار.  ئادالەت يولىدا تېگىشلىك پۈتۈن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن كېلىشچە ئەڭ ئەقەللىي تىرىشچانلىقلىرىمىزنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن كەلگۈسىدە ئادالەتنى ئاساس قىلمىغان دۇنيا سىستېمىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاش خاتا قۇرۇلغاندا، ياكى يەر شارى خاراكتېرلىق ئاكتىيورلاردىن بىرسى ئىنسانىيەتنى يوقۇتۇپ تاشلايدىغان بومبىلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق دۇنيانى قىيامەتكە زورلىغاندا تولىمۇ كېچىككەن بولۇپ قالىمىز.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر