ئادالەتنى ئاساس قىلمىغان تىنچلىق ھەققىي مەنىدىكى تىنچلىقمۇ؟

ئىبراھىم كالىننڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ئادالەتنى ئاساس قىلمىغان تىنچلىق ھەققىي مەنىدىكى تىنچلىقمۇ؟

تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان تىنچلىق ئادالەتكە تايانغاندىلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ، باشقا نەرسىلەر بولسا ھەققىي مەنىدىكى تىنچلىققا خىزمەت قىلالمايدۇ.

2012-يىلى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى كۆزىتىش جەريانىدا نەپەس سىقىلىش كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ۋاپات بولغان «پۇلىتزەر»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ژۇرنالىست مەرھۇم ئانتونى شادىد،  ئوتتۇرا شەرق ياكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ قانداقلا يېرىگە بارسا قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان گەپلەرنىڭ دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، ھەق-تەلەپ ھەقلىرى ياكى ئەركىنلىك ئەمەس ئادالەت ئىكەنلىكىنى دېگەنىدى. ئۇ بۇ گەپنى مۇنداقلا دەپ قويغان ئەمەس ئىدى. ئۇ مۇسۇلمان دۇنياسىدىلا ئەمەس دۇنيا مىقىياسىدا چوڭقۇر يىتلىز تارتقان بىر مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ ئادالەت بولماي تۇرۇپ تىنچلىق، نىزام ۋە بىخەتەرلىك ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

پەلەستىن مەسىلىسى ئۈستىدە ئازراق توختىلايلى. مودېرن تارىختا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئىشغالىيەتكە پەلەستىن شاھىت بولدى. پەلەستىن خەلقى يازغان داستاننىڭ قىممىتى تولىمۇ بىباھا، چۈنكى دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە پەلەستىندىكىگە ئوخشاش سىياسىي توقۇنۇش بولۇپ باقمىدى. 1948-يىلدىن بۇيان پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى، ھەتتا پەلەستىن مەسىلىسى تۈپەيلى مىللەتلەر ئۇرۇش قىلىشنىمۇ قارار قىلىشتى، ئەپسۇس بۇ زور تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم پەيدا قىلالمىدى. نېمە ئۈچۈن؟ ئىسرائىلىيە تەشۋىقاتچىلىرى ئىلگىرى سۈرگەندەك پەلەستىنلىكلەر ۋە ئەرەبلەرنىڭ تىنچلىقنى سۆيمەسلىكى ياكى ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق ھاسىل قىلىدىغان ئىتتىپاقداش تاپالماسلىقى ئەمەس، بەلكى ھازىرغىچە كۈنتەرتىپكە كەلگەن تىنچلىق چارىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى پەلەستىنلىكلەرگە ئادالەت ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللاردىن مەھرۇم بولۇشى ئىدى. پەلەستىن زېمىنلىرىنى پارچىلاش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاساسلىق ھەق-ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئادالەتنى ئاساس قىلمىغانلىقى ئۈچۈن سىجىللىققا ئىگە تىنچلىق بەرپا قىلالمىدى. سىجىللىققا ئىگە تىنچلىق پەقەت ۋە پەقەت پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇلارغا ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنغان ئەھۋالدىلا ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن. ھېچقانداق بىر بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ياكى سىياسىي مۇقەررەرلىك بۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

ھەممەيلەن ئۈچۈن ئادالەت دېگەن پىرىنسىپقا تايانغان تەقدىردە سىياسىي چارە تاپقىلى بولىدىغان يەنە بىر ھادىسە بولسا سۈرىيە ئۇرۇشىدۇر. سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئەھۋال قانداقتۇر بۇ نەتىجىنى ئادىل ياكى ھەقلىق سەۋىيەگە ئېلىپ بارمايدۇ. ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىجىل بولماستىن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى سۈرىيە زېمىنى ۋە مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن چىقىرىۋېتىشقا ئۇرۇنۇشى ھەرگىزمۇ سۈرىيەگە تىنچلىق ياكى مۇقىملىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. سىجىللىققا ئىگە تىنچلىق پەقەت ۋە پەقەت سۈرىيەلىكلەر ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ.

بۇ پىرىنسىپ دۇنيانىڭ باي ۋە نامرات دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بارغانچە چوڭقۇرلىشىۋاتقان ھاڭ ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. ھازىرقى ئىقتىسادى تۈزۈمنىڭ باي دۆلەتلەرنى تېخىمۇ باي نامرات دۆلەتلەرنى تېخىمۇ نامرات قىلىۋېتىشتەك پىرىنسىپى دۇنيانى ھەرگىزمۇ خاتىرجەم ماكانغا ئايلاندۇرالمايدۇ.

ئىسلام ئىدىيە ئەنئەنىسىدە ئادالەت «ھەممە نەرسىنى ئۆزىگە ماس ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھەممە نەرسىنى ئۆزىگە ماس ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەققىنى بېرىش، سالاھىيەت، ئىرق ياكى دىنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممە ئادەمنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىپ بېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئالەمشۇمال پىرىنسىپ جەمئىيەتنى مۇستەھكەم ۋە ئۇيۇلتاشتەك قىلىدۇ ۋە  ئىجتىمائىي-سىياسىي پىرىنسىپ  بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ ئىجىمائىي نىزام ۋە مۇقىملىقنى قوغدايدۇ.

بۇنداق ئەھۋالدا تىنچلىق نوقۇل ئۇرۇشنىڭ يوقلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى توقۇنۇشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىشى تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس، تىنچلىقنى سىجىللىققا ئىگە قىلىدىغان باشقا ئامىللارمۇ بولۇشى كېرەك. بەزى ئاكادېمىكلار ئوتتۇرىغا قويغان «ئاكتىپ تىنچلىق»دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئەخلاقىي ۋە سىياسىي ئالاھىدىلىكى تۈرتكىسىدە تىنچلىق سىجىللىققا ئىگە بولۇپ ھەممە ئادەم ئۈچۈن بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە پاراۋانلىق يارىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئادالەت پىرىنسىپىنىڭ مۇھىملىقىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرىدۇ يەنى ھەممە نەرسىنى ئۆزىگە مۇۋاپىق ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقىنى ئەسلىتىدۇ.

بۇ مەسىلە بۇ يىل «پارچىلانغان دۇنيادا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىش»تېمىسى بويىچە 3-4-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدە ئىستانبۇلدا ئىككىنچى نۆۋەتلىكى چاقىرىلغان «ت ر ت دۇنيا مۇنبىرى»دە مۇنازىرە قىلىنغان تېمىلاردىن بىرى ئىدى. دۇنيا رەھبەرلىرىنى ۋە نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان مۇنبەر، ۋەزىيىتى بارغانچە قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتقان دۇنيادا تىنچلىق، نىزام، بىخەتەرلىك ۋە ئادالەت تېمىلىرى بويىچە دۇنياغا كۈچلۈك سىگناللارنى بەردى.

مۇنبەرنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئادالەتنى ئاساس قىلىغان تىنچ دۇنيا تەرتىپىنىڭ بەرپا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت نىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مەسىلىسى ۋە سۈرىيە ئۇرۇشىدىن پەلەستىن توقۇنۇشىغىچە بولغان مەسىلىلەر، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ۋە بايلار ئۈچۈنلا ئەمەس دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر ئۈچۈن تىنچلىق ۋە ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان دۇنياۋى تىنچلىق دىپلوماتىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى.

دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان كۈنىمىز دۇنياسىدا، ھەممە ئادەم بىخەتەرلىككە ئېرىشىپ بولمىغۇچە ھىچكىممۇ بىخەتەر ئەمەس. بايلىق ئادىل تەقسىم قىلىنمىغۇچە بىرمۇ مىللەت ھەققىي مەنىدە پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ تەمىنى تېتىيالمايدۇ. ئادالەتتىن مەھرۇم بىر دۇنيا ھېچكىم ئۈچۈن خاتىرجەم ماكانغا ئايلىنالمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇش ۋە ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ.

تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان تىنچلىق ئادالەتكە تايانغاندىلا ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ، باشقا نەرسىلەر بولسا ھەققىي مەنىدىكى تىنچلىققا خىزمەت قىلالمايدۇ. كۈنىمىز دۇنياسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ تارىخى بۇ ئاددىي ھەقىقەتنىڭ ئاچچىق ئىسپاتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر