ئىدلىبتە پۇرسەتلەر ۋە قىيىنچىلىقلار

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ئىدلىبتە پۇرسەتلەر ۋە قىيىنچىلىقلار

ئىدلىبتە پۇرسەتلەر ۋە قىيىنچىلىقلار

يېقىنقى كۈنلەردە كۈنتەرتىپتىكى قىزىق تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدلىب مەسىلىسى ئۈستىدە رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا چارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئىدلىب مەسىلىسىگە نىسبەتەن مۇھىم قەدەم ھېسابلىناتتى. 3 مىليون 500 مىڭ ئادەم ياشايدىغان ئىدلىبنى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش تولىمۇ مۇھىمدۇر. تۈركىيەنىڭ ئىدلىب مەسىلىسىگە تۇتقان قەتئىي پوزىتسىيەسى پۈتكۈل دۇنيانى ئەندىشە سالغان كىرىزىسنىڭ يۈز بەرمەسلىكىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىدلىب مەسىلىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە، ئىدلىبتە 10-15 كىلومېتىر ئارىلىقىدا قوراللاردىن خالىي رايون بەرپا قىلىنىش قارار قىلىندى،شۇنداقلا ھەم ئۆكتىچىلەر ھەمدە ئەسەد ھاكىمىيىتى ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى بۇ رايوندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ ۋە تېررورچىلارمۇ بۇ رايوندىن تامامەن تازىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان لازىقىيە ۋە دەمەشقنى ھالەبكە تۇتاشتۇرىدىغان « M4» ۋە « M5» تاشيوللار قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئىدلىب مەسىلىسىگە بەزىبىر چارىلەرنى تاپقان بولسىمۇ، لېكىن بەزى توسالغۇلار يەنىلا مەۋجۇت.

رۇسىيەنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى سۈرىيەدىكى ئىران يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان شىئە قوراللىق كۈچلەردۇر. دەرۋەقە سوچى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ئىراننىڭ قاتناشماسلىقى سوچى كېلىشىمىنىڭ تەدبىقلىنىشىدا بەزىبىرى قىيىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىران ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتى سوچى كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغان بولىسىمۇ،مەيلى ئىران بولسۇن مەيلى ئەسەد ھاكىمىيىتى بولسۇن ئىدلىب مەسىلىسىگە ئالاھىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدۇ. سوچى كېلىشىمىنىڭ تەدبىقلىنىشى ئۈچۈن رۇسىيە چوقۇم ئىران يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان شىئە قوراللىق كۈچلىرىنى قايىل قىلىشى كېرەك.

سوچى كېلىشىمىدىن كېيىنمۇ ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا پات-پات خىرىس قىلىپ تۇرۇشى ۋە ئىدلىب ئەتراپىغا يىغقان قورال-ياراغلارنى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ كەتمەسلىكى رۇسىيەنىڭ ئىدلىب مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مەلۇم دەرىجىدە قىيىنىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ  بېرىدۇ.

تۈركىيەگە نىسبەتەن سوچى كېلىشىمىنىڭ تەدبىقلىنىشىدىكى توسالغۇلاردىن بىرى رايوندىكى كۈچلەرنىڭ تۈركىيەگە ماسلىشىپ ماسلاشماسلىقىدۇر. ئىدلىب رايونىدىكى ئەڭ چوڭ كۈچلەردىن بولغان ۋە تۈركىيەمۇ قوللاپ كېلىۋاتقان سۈرىيە مەملىكەتلىك ئازادلىق فىرونتى بايانات ئېلان قىلىپ سوچى كېلىشىمى دائىرىسىدە تۈركىيەگە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىراق رۇسىيە، ئىران ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

تۈركىيەگە نىسبەتەن يەنە سوچى كېلىشىمىنىڭ تەدبىقلىنىشىدىكى زور توسالغۇلاردىن بىرى رايوندىكى ئاشقۇن كۈچلەردۇر. ئىدلىب رايونىدىكى ئاشقۇن تەشكىلاتلارنى ئىككى سەپكە ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچى سەپنى ھەيەت تاھرىر ئەل شام ئۆز ئالدىغا تەشكىل قىلىدىغان بولسا، ئىككىنچى سەپنى چوڭ-كىچىك بەزى ئاشقۇن كۈچلەر تەشكىل قىلىدۇ. ھەيەت تاھرىر ئەل شام كۈچلىرىنىڭ ئىدلىب خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن بەزىبىر ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن. بۇ كۈچنىڭ يەنە ئىدىئولوگىيەلىك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۆتىدىل ئۆكتىچىلەر ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا مۇۋازىنەت سىياسىتى يولغا قويۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. دەرۋەقە، ھەيەت تاھرىر ئەل شام كۈچىنىڭ سوچى كېلىشىمى توغرۇلۇق ھازىرغىچە ئىپادىسىنى بىلدۈرمىدى، شۇڭا  سوچى كېلىشىمىنىڭ تەدبىق قىلىنىشى ئۈچۈن ھەيەت تاھرىر ئەل شام كۈچلىرىنى قوراللاردىن خالىي رايوننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن قايىل قىلىش ئېھتىمالى بار.

لېكىن ھۇرراش ئەد دىن گە ئوخشاش تېخىمۇ ئاشقۇن ۋە بىۋاستە ئەل-قائىدىگە «بەيئەت»قىلغان بەزى كۈچلەر سوچى كېلىشىمىنى كەسكىن رەت قىلىشتى. بۇنداق ئەھۋالدا تۈركىيە ئۆزىگە يېقىن تۇرىدىغان كۈچلەر بىلەن بىرلىشىپ بۇنداق ئاشقۇن تەشكىلاتلارغا قارشى بەزى قەدەملەرنى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

سۈرىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى دائېش ۋە پ ك ك – ي پ گ غا ئوخشاش ئۇنسۇرلاردىن تازىلىغان تۈركىيەنىڭ سوچى كېلىشىمى ۋە ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى دائىرىسىدە ئىدلىب رايونىنىمۇ مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئاشقۇن تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن تازىلاپ چىقىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش كۈرىشىدە ئىدلىب سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن يېڭى ماكان ھالىتىگە كېلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر