ئادالەت دائىرىسى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (40)

ئادالەت دائىرىسى (ئاۋازلىق)

ئادالەت دائىرىسى

دۇنيا كۆزنىكى (40)

«ئادالەت دائىرىسى»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «ئادالەت دائىرىسى» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

*** *** **** ****

ئالدىنقى ھەپتە نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا، دۇنيا رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يەر شارىلىشىشقا قارشى ئىكەنلىكىگە دائىر باياناتى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ترامپقا جاۋاب بولىدىغان شەكىلدە يەر شارى خاراكتېرلىق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىشى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «دۇنيا بەشتىن بۈيۈك» دېگەن سۆزىنى تەكىتلەپ، ئادالەتكە چاقىرىق قىلىشى، يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى ئاردېرن خانىمنىڭ ئومۇمىي كېڭەشكە 3 ئايلىق بوۋىقىنى بىرگە ئېلىپ كېلىشى... قاتارلىقلار رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ خاترىلىرىمىزدە قالدۇرغانلىرى بولدى. 

بىز بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا ئومۇمىي كېڭەشتە ئالدىنقى پىلانغا چىققان تېمىلارنى ئەمەس، بەلكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادالەت چاقىرىقى ئۈستىدە توختالماقچىمىز. ئەردوغان كونا بىر ئىسلامىي تېرمىن ياكى ئەنئەنىسى ھسابلىنىدىغان «ئادالەت دائىرىسى» نى ئەسكەرتىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئادالەت بوشلۇقىغا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«بىز مەدەنىيىتىمىزدە <ئادالەت دائىرىسى> دەپ ئاتايدىغان، جەمئىيەت، قانۇن، دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى، دۆلەت كۈچى، ئىقتىساد ۋە ئادالەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتلەرنىڭ ئەڭ توغرا شەكىلدە ئورنىتىلىپ، ئىشقا سېلىنىشىنى ئاساس قىلىدىغان بىر جەمبەر بار. ھەممىسى بىر بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ جەمبەرنىڭ ھالقىلىرى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا پارچە پارچە قىلىنىپ تاشلانغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقنىڭ چاڭگىلىدا تولغىنىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ. ھەممىمىزنىڭ خاتىرىجەم ۋە بىخەتەر كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئادالەت ئىزدىنىشى بىلەن باشلانغان كۈرەشلىرىنى، ئادالەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەندۈرۈشتە ئۇتۇققا ئېرىشىش مەجبۇرىيتىمىز بار. بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ باي 62 كىشىنىڭ مال مۈلكى ئومۇمىي دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىغا، يەنى 3 مىليارد 600 مىليون ئىنساننىڭ ئومۇمىي مال مۈلكىگە تەڭ كېلىدۇ، دېمەك بۇ يەردە بىر مەسىلە بار دېگەنلىك بولىدۇ»

*** * *** ** ****** ******* ***

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ ئادالەت چاقىرىقىنى تېخىمۇ چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېقىنقى دەۋر غەرب ئەللىرى قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

 2دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، ۋە باراۋەرلىك... دېگەنگە ئوخشاش تېرمىنلارنىڭ چېمپىيونى بولغان غەرب دۇنياسى مانا بۈگۈنكى كۈندە بۇ قىممەت قاراشلاردىن تولىمۇ تىز ئۇزاقلاشماقتا. غەرب ئەللىرىدە كۆچمەنلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەر ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلانماقتا. ئىرقپەرەس پارتىيەلەرنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى، پارتىيەلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى بۆلىشىشلىرى ۋە بۇ ئارقىلىق چەت ئەللەرگە قارىتىلغان نەپرەتلەرنىڭ كۆپىيىشى، ئەمدىلىكتە مەسىلە قاتارىدا كۆرۈلمەيدىغان بولدى. ھەتتا بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە سىياسىي پارتىيەلەر پەقەت پاناھلانغۇچىلارغا قارشى شوئارلىرى ئارقىلىقلا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلەلەيدىغان ئەھۋال شەكىللەنمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پاناھلانغۇچىلارغا پەقەتلا چېگرا بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن قارىماقتا ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ئارمىيە قۇرماقتا. پاناھلانغۇچىلار ئۆز دۆلەتلىرىدە ئۆلۈپ تۈگىسە ياكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى بولۇۋاتقان تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە قالىدىغانلا بولسا، غەرب دۇنياسىغا نىسبەتەن ھېچقانداق مەسىلە بولمىغان ئەھۋالغا ئايلانماقتا. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنسانىي قىمممەت قاراشلارنى غەربكە قارشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىك يېڭى بىر دۇنياغا بۇرۇلماقتىمىز.

تۈركىيە نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، ھەم ئېتىقادىمىزنىڭ، ھەم مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئەڭ نۇقتىلىق قىممەت قارىشى ۋە تېرمىنى ئادالەتتۇر.  چۈنكى ئادالەت ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرغاندىلا ئەركىنلىكمۇ، باراۋەرلىكمۇ ئۇنىڭغا تەڭ مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. ئەسىرلەردىن بۇيان بىزگە يول باشچى بولۇپ كېلىۋاتقان ۋە بارلىق مەھكىمىلىرىمىزدە يېزىپ ئېسىلغان «ئادالەت دۆلەتنىڭ ئاساسىدۇر» دېگەن سۆز ئەسلىدە، «دۆلەت پەقەتلا مال مۈلۈك ۋە ماددىي نەرسە ئەمەس، ئادالەت تۈزۈمىدۇر» دېگەنلىك بولىدۇ. ئادالەتنىڭ ئېھتىياجى ئەنئەنىمىزدە «ئادالەت دائىرىسى»، نىشانى ۋە ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشى بىلەن سىستېمىلاشقان بولىدۇ. «ئادالەت دائىرىسى»؛ ئادالەت بىلەن باشلىنىپ، ئادالەت بىلەن تاماملىنىدىغان، سىياسىي، ئىجتىمائىي، ھەربىي، مالىيە، سودا ۋە ئىقتىسادىي بىر تۈزۈلمىنىڭ سىسىتېمىلاشقان شەكلىدۇر.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 1069يىلى يېزىپ قالدۇرغان «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرى، كىنالىزادە ئەلى ئەپەندىنىڭ 1564يىلى يازغان «ئەخلاقى ئالىيە» ناملىق شاھ ئەسەرى قاتارلىق تۈرك - ئىسلام ئەنئەنىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئەسەرلىرىدە، ئادالەت تەكىتلىنىدۇ. بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە ھەممە نەرسىنىڭ ئاساسىي ئادالەت ئىكەنلىكىگە، ئادالەت بەرپا قىلىنمىغان ئەھۋالدا، دۆلەتنىڭمۇ پۇت تېرەپ تۇرالمايدىغانلىقىغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭمۇ خوشاللىققا ئىگە بولالمايدىغانلىقىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچ، قاراش ۋە پوزىتسىيە «ئادالەت دائىرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئادالەت دائىرىىسىدە ياكى جەمبىرىدە ھەم دۇنيانىڭ ھەم دۆلەتنىڭ تۈزىمى ئادالەت بىلەن باشلىنىپ، ئادالەت بىلەن تاماملىنىدىغان ھالقىلارغا ئوخشىتىلىدۇ. دۇنيانىڭ سالامەتلىكىنى ۋە دۆلەت تۈزۈملىرىنى بەلگىلەيدىغان تۇنجى ھالقا ئادالەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى ھالقىدا دۇنيا، تاملىرى دۆلەتتىن شەكىللەنگەن بىر باغقا ياكى باغچىغا ئوخشىتىلىدۇ. ئۈچىنچى ھالقا دۆلەتنى رەتكە سالىدىغان قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆتىنچى ھالقىدا ھۆكۈمران بولماي تۇرۇپ قانۇننى قوغدىغىلى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بەشىنچى ھالىقىدا ئەسكەر بولماي تۇرۇپ ھۆكۈمدارنىڭ دۆلەتكە ئىگە چىقالمايدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. بۇ چەمبەرنىڭ كېيىنكى ھالقىسىدا بولسا، مال (يەنى، باج) بولمىسا، ئەسكەرلەرنى توپلىغىلى بولمايدىغانلىقى، مالنى توپلىغۇچىنىڭمۇ خەلق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ. ئادالەت جەمبىرىنىڭ ئاخىرىقى ھالقىسىدا بولسا، ئەڭ دەسلەپتىگە ئوخشاش يەنە ئادالەت قاتتىق تەكىتلىنىدۇ. چۈنكى باج تۆلەلىشى ئۈچۈن بەلگىلىك كىرىمگە ئىگە بولغان خەلقنى ھۆكۈمەتكە ئىتائەت قىلىشقا ئۆندەيدىغان نەرسە ئادالەتتۇر. شەيخ ئەدەبالىنىڭ «ئىنسانلارنى ياشاتقىنكى، دۆلەت ياشىسۇن» دېگەن سۆزى، ئىنسان، ئادالەت ۋە دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ جەۋھىرىگە ئوخشايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە يەر شارى خاراكتېرلىك تۈزۈم جىددىي سوئال يارىتىۋاتقان بولسا، خۇددى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېيتقاندەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى تەقەززا قىلىنۋاتقان بولسا، ھېچقانداق جاۋابكارلىقى يوق تۇرۇغلۇق بىگۇناھ ئىنسانلار ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بىر قىتئەدىن يەنە بىر قىتئەگە كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان بولسا، دېمەك دۇنيانىڭ تۈزىمى بۇنداق كېتەۋىرەلمەيدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ.

چارىسىزلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن بوۋاقلاردىن ئەگەر گۇناھلىرى نېمە ئىدى؟ دەپ سورالغاندا ئۇلارنىڭ بېرىدىغان جاۋابى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ۋە ھەممىمىزگە نىسبەتەن ئېغىر خىجالەت ۋە ئەڭ ئېغىر نۇمۇس ئەمەسمۇ؟!

دەرۋەقە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادالەت جەمبىرىنى تەكىتلىشى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھازىرقى زۇلۇملارنىڭ ئاستىدا قالماسلىقى ئۈچۈن غەربنىمۇ قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلغان بىر مۇھىم چاقىرىقتۇر. چۈنكى بۈيۈك سەلجۇقىيلار ۋەزىرى نىزامۇل مۈلكنىڭ 1000 يىل ئىلگىرى ئېيتقىنىغا ئوخشاش «كۈلتۈر بىلەن بەلكى، بىراق زۇلۇم بىلەن دۆلەت پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ»

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر