سۈرىيەدىكى ئاخىرقى قەلئە-ئىدلىب

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1054216
سۈرىيەدىكى ئاخىرقى قەلئە-ئىدلىب

رۇسيە ۋە ئىراننىڭ يانتاياق بولۇشى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەنىڭ نۇرغۇن رايونىنى ھەربىي يوللار ئارقىلىق قايتىدىن قولغا كىرگۈزۈۋالدى. سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر ۋە ھۇمۇس، غۇتا، دەرئا ۋە باشقا رايونلاردىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئىدلىبكە كۆچۈپ كېلىشىدىن كېيىن ئىدلىب ھەم سۈرىيەلىك يەرلىك خەلقنىڭ ھەمدە قوراللىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەلئەسىگە ئايلاندى. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى نوپۇسى 700 مىڭ بولغان ئىدلىبتە نۆۋەتتە  3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ياشىماقتا. سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان ئاستانا مۇزاكىرىلىرىدە توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن 4 رايوندىن بىرسى دەل ئىدلىب ئىدى. ئاستانا مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسى ئىدلىبتە جەمئىي 12 كۆزىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ چىققانىدى.

ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ئىدلىبكە قوزغىغان ھۇجۇملىرى ئۇزۇندىن بۇيان كۈنتەرتىپنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ناۋادا ئىدلىبكە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغالغان تەقدىردە ئىدلىبتە كۆچ دولقۇنى يۈز بېرەتتى، مىليونلارچە ئادەم تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلەيتتى. تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىرى بولۇپ، ناۋادا بۇ قېتىم ئىدلىبتىن مۇساپىر كەلسە بۇ مۇساپىرلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيلىنىپ قالاتتى. ئىدلىبكە قىلىنىدىغان ھۇجۇم كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋەيرانچىلىق ۋە ئىنسانىي كىرىزىسلەر پۈتكۈل دۇنيانى ئەندىشە سالدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ھەم نەق مەيداندا ھەمدە مۇزاكىرە ئۈستىلىدە ئىدلىب كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە دادىللىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ئاستانا مۇزاكىرىلىرىدىن كېيىن ئىران، تۈركىيە ۋە رۇسىيە تېھراندا سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە مەخسۇس يىغىن چاقىردى. يىغىندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىدلىبتە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش ۋە ئىنسانىي بۆھرانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئالدىنى ئېلىش زور كۈچ سەرپ قىلدى، ئەردوغاننىڭ بۇ تىرىشچانلىقىغا پۈتكۈل دۇنيا شاھىت بولدى، بۇ  يىغىن ئاساسەن نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلدى. بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئىدلىبتە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش پىكىرىگە ئىران بىلەن رۇسىيە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئىدلىبتىكى تەرەپلەرنى قورال تاشلاشقا چاقىردى. بۇنىڭدىن سىرت، تۈركىيەنىڭ قەتئىي پوزىتىيەسى نەتىجىسىدە ھېچ بولمىغاندا ئىدلىبكە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلگەن بولدى ۋە ئىدلىب مەسىلىسىگە ئۈنۈملۈك چارە تېپىش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ پۇرسەت يارىتىلدى.  

ئىدلب مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن چارە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. رۇسىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تۈركىيەنىڭ كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىن چېكىنپ، ئىدلىبكە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە. تۈركىيە بولسا مەسىلىنى پەرقلىق يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇ يوللاردىن بىرسى  تۈركىيە ۋە تۈركىيەگە يېقىن تۇرىدىغان قوراللىق ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىپ، ھەيەت تاھرىر ئۇش شام ۋە بەزى گۇرۇپپىلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا شىمالدىن چېكىنىپ جەنۇبغا يۆتكىلىشى، شۇنداقلا تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ۋە ھۇراس ئەد دەنگە ئوخشاش گۇرۇپپىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئىدلىبتە ئىنسانىي بۆھرانلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئۆزىگە يېقىن تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىدلىبكە كىرىپ، ئىدلىب مەركىزى بولۇپ بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق چارە بولۇشى مۇمكىن. بۇ چارە ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلتۆكۈس زېمىنسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىنسانىي بۆھرانلارنىڭ يۈز بېرىشىگە قاراپ تۇرماسلىق، پ ك ك –ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قالايمىقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلاردا ئىشقا يارايدۇ. ناۋادا ئىدلىبكە ھەربىي ھەرىكەت قوزغالغان تەقدىردە پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىلىرىغا پۇرسەت يارىتىلىدۇ. ئىرانغا تەۋە قوراللىق كۈچلەر ۋە ھىزبۇللاھنىڭ سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىگە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەربىي تەلىم ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ كۈچلەرمۇ ئىدلبكە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتكە قوشۇلۇشنى پىلانلاپ يۈرگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇرلار بار. بۇ كۈچلەر ئافرىننى  قايتىدىن قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت سۈرىيەنىڭ تېل-رىفات رايونىدىمۇ بۇ كۈچلەر قوشۇن توپلىماقتا. مۇشۇنداق خەتەرلىك ۋەزىيەتتە تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى ناھايىتى تەبىئىي ئىشتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر