دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ پۇتىن-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى ئانالىزى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ پۇتىن-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى ئانالىزى

پۇتىن-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئانالىز

رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرق ئىقتىسادىي مۇنبىرى دائىرىسىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا سوممىسىنىڭ بۇلتۇر %30 ئېشىپ 50 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە سودا سوممىمىزنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.  

ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىشى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان پۇتىن مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قوللايدۇ. سودىدا مىللىي پۇللار ئىشلىتىلسە بانكىچىلىق سىستېمىلىرىمۇ ساغلام بولىدۇ. »

كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان پۇتىن، رۇسىيە-خىتاي يول خەرىتىسىگە مۇۋاپىق ھالدا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللاردىن ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇنڭىدىن سىرت رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قەرەللىك ھالدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى فېڭخې ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

رۇسىيە فېدراتسىيەسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ ھەربىي خادىم قاتناشقان « ۋوستوك-2018 » ناملىق بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا، 300مىڭغا يېقىن ئەسكەر، مىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلان، تىكئۇچار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 35مىڭغا يېقىن تانكا، ھەربىي ئاپتوموبىل بىلەن 80گە يېقىن ھەربىي پاراخوت قاتناشتۇرۇلدى.

شەرقىي ئىقتىسادىي مۇنبىرى قانداق يىغىن؟ ئىككى چوڭ قوشنا دۆلەتكە نىسبەتەن سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 50 مىليارد بولۇشى ئاز ئەمەسمۇ؟ ئىككى دۆلەت سودىدا نېمە ئۈچۈن دوللارنىڭ ئورنىغا مىللىي پۇل ئىشلىتىدۇ؟ بۇ ئەمەلگە ئاشامدۇ؟  ئىككى دۆلەت نېمە سەۋەبتىن قەرەللىك ھالدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى؟ رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرنى نېمە ئۈچۈن خىتاي چېگراسىغا يېقىن جايدا ئۆتكۈزىدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر