سۈرىيە قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (37)

سۈرىيە قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

سۈرىيە قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟

دۇنيا كۆزنىكى (37)

«سۈرىيە قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «سۈرىيە قەيەرگە كېتىپ بارىدۇ؟» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

*** *** *** *** *** *** *** **** ***** *

سۈرىيەدىكى ئۇرۇش 7يىلىغا قەدەم قويغاندىمۇ پۈتۈن رەھىمسىزلىكى بىلەن داۋاملاشماقتا. ئاستانە مۇزاكىرلىرىدە «توقۇنۇشسىز رايون» دەپ بەلگىلەنگەن 4 رايوندىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ئىدلىبكە ئەسەد قىسىملىرى ۋە رۇسىيەنىڭ قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا. خەلقئارا جامائەتچىلىك پۈتۈن سوغۇققانلىق بىلەن گويا بىرەر كىنو ياكى تىلېۋېزىيە تىيارتىرىنىڭ سىنارىيەلىرىنى سۆزلىشىۋاتقاندەك، بۇ ھۇجۇملاردىن كېيىن قانچە مىليون ئىنساننىڭ يۈرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىدىغان ياكى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى تالاش - تارتىش قىلماقتا. خۇددى يۈرەكلىرى تاشقا ئايلىنىپ قالغاندەك، پەرۋاسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق ۋە پىسەنت قىلماسلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا.

ئاستانە مۇزاكىرىلىرىنىڭ تەرەپلىرى بولغان تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە ئالدىنقى ھەپتە تېھراندا بىر يەرگە جەم بولدى. ئىدلىب ۋە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى مۇزاكىرە قىلىندى. تېھراندىكى ئالىي يىغىننى، «غەرب دۇنياسى يىراقتىن ناخشا ئوقۇۋاتقان، خەلقئارا جامائەتچىلىك ۋە ئورگانلارنىڭ ئېغىزىنى يۇمۇۋالغان بىر دۇنيادا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىكلەرنى قەتلىئامدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قانداق يالغۇز قالغانلىقىنىڭ ۋە يالغۇز ئۆزىگە تايىنىپ قانداق مەرتلەرجە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن پاكىتى بولدى» دېيىشكە بولىدۇ. تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ مەلۇماتى بولماستىن، ئىران تەرەپنىڭ مۇزاكىرىلەرنى نەخ مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىشى، بۇ ھەقىقەتنى خۇددى ئۇچۇق ئۇنتۇلۇپ قالغان مىكروفۇنغا ئوخشاش يالىڭاچلانغان ھالدا پۈتۈن دۇنيانىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشى ۋە ئاڭلىشىغا سەۋەب بولدى. ئەپسۇسكى، مۇزاكىرلەردە باشقا رەھبەرلەردىن سۈرىيە خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە خىلاپ پاجىئەلەرگە قايغۇرۇش خاراكتېرلىك بىرەر جۈملىنىمۇ ئاڭلىيالمىدۇق. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش توختىتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى. تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى سۈرىيە خەلقىدىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 4 يېرىم مىليون كىشىگە ساھىبخانلىق قىلۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ۋەھالەنكى تۈركىيەمۇ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرگە ئوخشاش سۈرىيە خەلقىگە چېگراسىنى ۋە ئىسنانىيەتكە قەلب دەرۋازىسىنى تاقىۋالالايتى. بىر قانچە مىڭ پاناھلانغۇچىنى كۆرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇققا، «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، قېرىنداشلىق» دەستۇرلىرىغا پىسەنتمۇ قىلماستىن، كۆچمەنلەردىن نەپرەتلىنىش سىياسىتى ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا ئۆتۈشنىڭ غېمىنى قىلىپ يۈرىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلالايتتى.

لېكىن تۈركىيە ئۇنداق قىلمىدى ۋە قىلالمايتتى. تۈركىيەنى ئۇلاردىن پەرقلىق قىلغان ئۇنىڭ تارىخى، ۋىجدانى ۋە ئىنسانىيەتكە دائىر مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇپ، شۇڭا ئۇ دۆلەتلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلالمايتتى ۋە قىلمايتتى.

*** *** ** ** ****** ** *****

سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ 7يىلىدا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەۋقەسىدە ئەپسۇسكى كۆرەنەرلىك بىرەر ئۆزگىرىش بولمىدى.  رۇسىيە سۈرىيەدىكى بازىلىرى ئارقىلىق ئاق دېڭىزدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش، قىرىم، گىروزىيە، ئۇكرائىنا مەسىلىسى بىلەن ئەمەس، تېخىمۇ ئۇزاق رايۇنلاردا غەرپ بىلەن ھەپىلىشىش مەقسىتىدە، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىران بولسا، رايون خاراكتېرلىك كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى سۈرىيەدىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا. دىنىي رەھبەر ئەلى ھامانىيغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان تېھران پارلامېنت ئەزاسى ئەلى رىزا زاكائىنىڭ «3 ئەرەب دۆلىتى بۈگۈنكى كۈندە ئىراننىڭ ئالقىنىدا ۋە ئىسلام ئىنقىلابىغا سادىق. يەمەنننىڭ پايتەختى سەنامۇ ئىران ئىنقىلابىغا قېتىلىپ 4ئەرەب پايتەختى بولدى» دېگەن سۆزلىرى ئىراننىڭ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا. 

لىۋان، ئىراق، يەمەن ۋە سۈرىيەنىڭ بۇ پايتەختلىرى تېھران پارلامېنت ئەزاسى ئەلى رىزا زاكائىنىڭ ئېيتقىنىدەك زادى قانچىلىك ئىراننىڭ ئالقىنىدا؟ بۇنى بىلمەيمەن. بىراق بۇ دۆلەتلەردىكى ئـۆزگىرىشلەر، رايون خەلقىنىڭ ئېقىۋاتقان قان ۋە يۈز بەرگەن پاجىئەلەرگە ئىراننى جاۋابكار دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئىراقنىڭ 2چوڭ شەھىرى ۋە ئەڭ مۇھىم پورت شەھىرى بەسرادىمۇ كۆپىنچىسى شىئە بولغان خەلقنىڭ ئىرانغا قارشى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىشى، ئىران كونسۇلخانىسىغا ئوت قويۇپ بېرىشى، ئىراننىڭ كېڭەيمىچىلىكى كىرگەن دۆلەتلەرگە قولدۇرغان ئىزلىرى نۇقتىسىدىن تولىمۇ ئىبرەتلىك ئەھۋال. شۇنىڭدەك سۈرىيە خەلقىنىڭ دۇنيانىڭ شۇنچە ئۇزاق ئۇچرىلىرىغا كېتىۋاتقان تۇرۇغلۇق، ئىرانغا بىرمۇ پانالانغۇچىنىڭ بارماسلىقىمۇ، ئىراننىڭ مەزھەپپەرەست ئېنىقلىمىلىرىغا، قوشنىدارچىلىقىغا ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرىغا دائىر قىلچىمۇ ئۈمىدى يوقلىقىنى نامايان قىلىپ بەرمەسمۇ؟

سۈرىيە ئۇرۇشىنڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق رولغا ئىگە ئاساسلىق دۆلەت ھەر ھالدا ئىسرائىلىيە بولسا كېرەك. ئىسرائىلىيە رايوندىكى رەقىبلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ مۇمكىن قەدەر ئۇزۇن داۋاملىشىشىغا دائىر ئەڭ باشتىن تارتىپلا يەر ئاستىدىن جىمجىت سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. بۇ سىياسەت؛ ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرالىرىنى، سىيونىست يەھۇدىيلارنىڭ «ۋەدە قىلىنغان زېمىن» ئىدىئولوگىيەسى دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «ۋەدە قىلىنغان زېمىن» غا قەدەر كېڭەيتىشنى ئالدىن پىلانلىغان «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» ئىستراتېگىيەسىگە ماس كېلىدۇ. ئېنىقكى، ئەڭ باشتىن تارتىپلا مۇشۇنداق سىياسەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا.  

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە سىياسىتى بولسا، ئىسرائىلىيەدىن ئايرىم ئەمەس. ئامېرىكا دائېش تەھدىتى يوقۇتۇلغان تۇرۇغلۇق پ ك ك پ ي د تېررولۇق تەشكىلاتىغا ھەر تۈرلۈك قورال بىلەن پەۋقۇئاددە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ياردەمنىڭ ئىراننى چەمبەرگە ئېلىش ئۈچۈن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.  تۈركىيەنى بۆلۇشنى نىشان قىلغان ۋە تۈركىيە چېگراسىنى بويدىن بويىغا تاقىۋالىدىغان پ ك ك پ ي د تېررورلۇق دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ياردەمنى پەقەتلا ئىراننى چەمبەرگە ئېلىش بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىنمۇ؟ ياكى بۇ تېرررولۇق كارىدورى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانلىرىغا يېتىشى ئۈچۈن ئېچىلغان يولمۇ؟

ئەمدى ياۋروپاغا كەلسەك، ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتكەن ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئەسىر ئالغان بىر ۋەزىيەتتە، بىردىن بىر غېمى بىر قانچە سۈرىيەلىك پاناھلانغۇلارچىنىڭمۇ دۆلەتلىرىگە كەلمەسلىكىدىنلا ئىبارەت بولماقتا. ئەھۋال بۇ ئىكەن، ئەجىبا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە ئۈچۈن بىرەر سىياسىتى بارلىقىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىنمۇ؟ 

**** *** ** **** ***** *** ***

شۇنىسى ئېنىقكى، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا شەرق سىياسەتلىرىدىن ۋاز كەچمۈگىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئەمەلى ئىجراسى بولمىغان قۇرۇق ۋەدىلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كونكېرت قەدەملەرنى تاشلىمىغۇچە، سۈرىيەدە رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ ياردىمى ئاستىدىكى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى كۈتۈش بىمەنىلىكتۇر. سۈرىيە خەلقى ئۆز دۆلىتىدە ياكى تۈركىيەدە تۇرىۋېرىدىغانلا بولسا، ياۋروپا ئىتىتىپاقى بىلەن ئامېرىكىغا نىسبەتەن سۈرىيە مەسىلىسى ئانچە چوڭ مەسىلە ھېسابلانماي كېتىۋېرىدۇ، خالاس.

مانا سۈرىيەدە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا. سۈرىيەنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلمەكتە. سۈرىيە ھۆكۈمتى ۋە قوللىغۇچىلىرى، يەنە بەزىدە غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئالقىنىغا كىرگۈزمەكجى بولغان شەھەرلەرنىڭ تېررورىستلارنىڭ ماكانىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلماقتا. 

بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىليونلىغان خەلق يۈرت ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا. ئۇنداقتا مىليونلىغان ئىنساننىڭ بىراقلا تېررورچى بولۇپ كېتىشىنى ئويلاش مۇمكىنمۇ؟ بۇنىڭدىكى بىردىن بىر مەقسەت ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىش ۋە شەھەرلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش بولماي نېمە؟ ئەگەر مەقسەت تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش بولسا، بۇنىڭ بىردىن بىر يولى تېررورچىلارنى ۋە بىگۇناھ گىشىلەرنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن، پۈتۈن شەھەردىكى خەلقنى بىرلىكتە يوقىتىشمىدۇ؟

ئۇرۇشنىڭ بەدىلىنى تۈركىيەگە ئوخشاش ئىنسانىيەتنىڭ غېمىنى يەيدىغانلار تۆلەيدىغان سۈرىيەدىكى بۇ پاسكىنا ئۇرۇش ئاخىرلىشىشى لازىم. يارىلىرىنى تېڭىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللارغىچە داۋاملىشىدىغان قەدەملەرنىڭ تاشلىنالىشى ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ ئۇرۇش ئاخىرلىشىىشى لازىم. بۇ ئۇرۇشتا بومبىلار بىلەن تېرىك كۆيدۈرۈلىۋاتقان بوۋاقلارنىڭ زادى نېمە گۇناھى بار؟ يۈرەكلىرىمىز بومباردىمان ئاستىدا قالماسلىق ئۈچۈن دۆلىتىدىن قېچىپ، دېڭىزدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن يەنە قانچىلىغان ئايلان بۇۋاقلارنىڭ پاجىئەسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟

ئىنسانىيەت تارىخىدا نى نى زالىملار كېلىپ كەتتى. ئىدىئامىن، سىتالىن، ماۋزىدۇڭ، پولپوت، گېتلېر، مۇسسولۇنى، كونكۇنچ ئىۋان، روبېسپېررە، كونت دراكۇلا، ئەھلى سەلىب ۋە ھەججاج دۇنيادىكى زالىملانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكىلىرى ئىدى. بىراق تارىختا ھېچقانداق زۇلۇم مەڭگۈلۈك بولمىدى. ھامان بىر كۈنى قىلغان زۇلۇملىرى زالىملارنىڭ بېشىغا بالا بولدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولمىسىمۇ ئۇزۇن مەزگىلدە ھەر دائىم زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار غەلىبە قىلدى. بۈگۈن بۇ زۇلۇملار ھەممەيلەن تەرىپىدىن بىلىنىپ لەنەتلىنىۋاتقان بولسا، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىدىندۇر. چۈنكى بۇلاڭچىلار دۇنياغا ھۆكۈمران بولالمايدۇ.

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر