دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە سۈنئىي ھەمراھلار

«مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈرك خەۋەر – ئىش ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تارىق سەزگىننىڭ «دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە سۈنئىي ھەمراھلار» ناملىق ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە سۈنئىي ھەمراھلار

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە سۈنئىي ھەمراھلار

دۆلەتلەر مەملىكەتلىرىنى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن مۇداپىئە سانائىتىگە زور مەبلەغ ئاجرىتىدۇ. دۇنيا كۈچ تەڭپۇڭلىقىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن مۇداپىئە سانائىتىگە زور مەبلەغ سالغان دۆلەتلەردىن بىرى ئەلۋەتتە تۈركىيەدۇر. تۈركىيە 2014-يىلى دۇنيا بويىچە ھەربىي ساھەگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان 15 دۆلەتتىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 2017-يىلى مۇداپىئە چىقىمى ئۈچۈن 29 مىليارد تۈرك لىراسى چىقىم قىلىندى. بۇ دۆلەتنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ %4.6نى تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە بولغانلىقتىن رايوننىڭ ناچار ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. تۈركىيە پ ك ك ، پ ي د – ي پ گ ، دائېش، د ھ ك پ –ج قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئۈچۈن مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرى ۋە سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى زۆرۈردۈر. يېقىنقى مەزگىللەردە مۇداپىئە سانائىتىدە زور قەدەملەرنى تاشلاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە بۇ ساھەدە كۈندىن-كۈنگە ئىلگىرىلىمەكتە.  

مۇداپىئە سانائىتىدە 2004-يىلى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان مىللىي ۋە يەرلىك مودېللار بىلەن مىللىيلىك نىسبىتى %20دىن ھازىر %65غا يەتكۈزۈلدى. بۇ مىللىيلىك نىسبىتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىستىراتېگىيەلىك مەھسۇلاتلاردا %90غا كۆتۈرۈلدى. تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە ساناقلىقلا دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، دۇنيادا پەقەت ئۈچ دۆلەتلا كامىكازە تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى (ئالپاگۇ ۋە كارگۇ)ئىشلەپچىقىرالايدۇ. تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىدا دۇنيادا ھەم ئايروپىلان مۇنبىرى ۋە سىستېمىلىرى ھەمدە ئەقىللىق بومبىسى بىلەن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان لايىھلەپ ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئالدىنقى 6 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە يالغۇز ئۆزىنىڭلا ئېھتىياجىنى قامداپلا قالماستىن دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگىمۇ ئېكسپورت قىلىدۇ. نۆۋەتتە تۈركىيە ئۆزى ئىشلەپچىقىرغان پاراخوت، تىكئۇچار، ھەربىي ئاپتوموبىل، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، راكېتامىيوت، ھەربىي ئۇچۇر-ئالاقە ۋە تىزگىنەكلىك سىستېما ئېكسپورت  قىلىدۇ.

تۈركىيە 2002-يىلىدا 66 مۇداپىئە لايىھەسى ۋۇجۇدقا چىقارغانىدى، بۇنىڭغا جەمئىي 5 مىليارد 500 مىليون دوللار سەرپ قىلغانىدى. نۆۋەتتە مۇداپىئە لايىھەلىرى تەخمىنەن 11 ھەسسە ئاشتى ۋە بۇنىڭغا سەرپ قىلىنغان چىقىم 60 مىليارد دوللارغا يەتتى. مەسىلەن، نۆۋەتتە مىللىي پىيادە مىلتىقى ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىلىماقتا، مىللىي پىيادە مىلتىقىنى تۈركىيە ئارمىيەسى، ژاندارما ۋە ساقچى قىسىملىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى ئىشلەتمەكتە. 4 يىل ئىچىدە 46 يۈرۈش «بايراكتار ت ب-2»تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ۋە چېگرادىن ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر تەخمىنەن 60000 قېتىم ئاسماندا پەرۋاز قىلدى.

 

يەرلىك سۈنئىي ھەمراھلار

تۈركىيە سۈنئىي ھەمراھلار ۋاستىسى ئارقىلىق ئالەم ساھەسىدە مەلۇم تەجرىبىگە ئېرىشتى. تۈرك ئىنژېنېرلىرى تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىغان «رەسەت كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى» 2011-يىلى، گۆكتۈرك -2 تىپلىق كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى 2012-يىلى، گۆكتۈرك-1 كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى بولسا 2016-يىلى تاشقى پىلانتقا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىجرا قىلماقتا. بۇ سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ساقچى قىسىملىرىغا تاشقى پىلانتتىن كۆرنۈشلەر ئەۋەتىپ تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەركەتلەردە مۇھىم رول ئوينىشىدۇر. تۈركىيە يەنە سۈنئىي ھەمراھ پۈتۈنلىشىش ۋە سىناق مەركىزى قۇرۇپ چىقتى. 2020-يىلى ئوربىتاغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى «تۈركىستان -6ئا» بۇ يەردە ياسالماقتا. «گۆكتۈرك-1»سۈنئىي ھەمراھى بۇرۇنلا قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ فىرانسىيە شىركىتىگە بېسىم قىلىشى تۈپەيلى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. «گۆكتۈرك-1»سۈنئىي ھەمراھى «گۆكتۈرك-2»سۈنئىي ھەمراھى تاشقى پىلانتقا قويۇپ بېرىلىپ 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى. ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن ھەربىي ئىستىخبارات مەقسىتى بىلەن ئېنىقىلق دەرىجىسى يۇقىرى كۆرۈنۈشلەرنى ھەل قىلالايدىغان «گۆكتۈرك-1»سۈنئىي ھەمراھىنىڭ كامېرا سىستېمىسى بىلەن ئېلېكتر-ئوپتىك بۆلۈملىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىسرائىلىيە تەمىنلەيتتى. ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ بۇنداق تېخنىكىغا ئىگە بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقى ئۈچۈن فىرانسىيە شىركىتىگە بېسىم قىلىپ سۈنئىي ھەمراھنىڭ تاشقى پىلانتىغا قويۇپ بېرىلىشىگە توسالغۇ بولدى. ئىسرائىلىيە «گۆكتۈرك-1»سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندە كۆرۈنۈش ئېلىشىنى خالىمىدى. تۈركىيە دائىرىلىرى ئسىرائىلىيەدىن كۆرۈنۈش ئالغاندا چەكلىمە قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى. بىراق تۈركىيەنىڭ تەلىپى رەت قىلىندى، تۈركىيە بولسا دەرھال پۇل تۆلەشنى توختاتتى. تۈركىيە تۈرك ئىنژېنېرلىرى تەرىپىدىن لايىھلەپ چىقىلغان «گۆكتۈرك -2»سۈنئىي ھەمراھىنى 2012-يىلى خىتايدىن قويۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن شىركەت كەينىگە داجىشقا مەجبۇر بولدى.

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستافا ۋرانك تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقى تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئالەم قاتنىشى لايىھەلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى، بۇ لايىھەلەردە خىزمەت قىلىدىغانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش، تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش خىزمەتلىرى قاتارلىقنى ئېلىپ بارىدۇ. سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرلىقى 100 كۈنلۈك ئىجرائات پىلانىدا ئاگېنتلىقنىڭ بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇپ تەشكىلاتلىنىش خىزمەتلىرىنىڭ تاماملىنىدىغانلىقى بىلدۈردى. سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنسىتىرى ۋارانك، تۈركىيە ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقىنىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنولوگىيەلىرى ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئالەم قاتنىشى ئاگېنتلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ ساھەدە تاشلىنىدىغان زور قەدەم ھېسابلىنىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر