دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئىدلىب كىرىزىسى توغرىسىدىكى ئانالىزى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ  ئىدلىب كىرىزىسى توغرىسىدىكى ئانالىزى

سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ تۈگۈنى: ئىدلىب

رۇسىيە ۋە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئىدلىب مەسىلىسى بىردىنلا خەلقئارانىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. تۈركىيەگە قوشنا بولغان ئىدلىب رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بىردىنلا كەسكىنلىشىپ كېتىشى تۈركىيەدىلا ئەمەس ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بەزى چوڭ دۆلەتلەردە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە بەزى دۆلەتلەر ئىدلىب رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق بەس-بەس بىلەن بايانات ئېلان  قىلىشتى. سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى، بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىنغان ئىدلىب رايونىنىڭ ۋەزىيىتى سۈرىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا قارىغاندا نىسبەتەن مۇقىم ئىدى، بىراق  رۇسىيە بىلەن ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبنىڭ بۇ مۇقىم ۋەزىيىتىنى بۇزۇۋەتتى،  تۈركىيەگە قوشنا بولغان ئىدلىبتە پاجىئە يۈز بەرسە تەسىرى ھەممىدىن بەك تۈركىيەگە بولاتتى، چۈنكى ئىدلىبلىكلەرنىڭ تۈركىيەگە كېلىش ئېھتىمالى تولىمۇ يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن مەسلىمۇ بار ئەلۋەتتە. ئىدلىب مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتاتتى ۋە  ئىران ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىدلىب مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانىدى، بۇ دائىردە ئاستانا مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە ئىدلىب توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، لېكىن بۇ قېتىم ئىدلبنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشى  نۇرغۇن مەسىلە ۋە ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى.

ئىدلىب رۇسىيە، ئەسەد، ئىران ۋە تۈركىيە، ھەتتا ئامېرىكىغا نىسبەتەن نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋېلا مۇھىم؟ ناۋادا ئىدلىب كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۇچرىسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ؟ تۈركىيە نېمە ئۈچۈن ئىدلىبتە مەسىلە پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر