سودا ئۇرۇشلىرى دولقۇنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىش بەلگىلەش ئۇرۇنۇشلىرى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «سودا ئۇرۇشلىرى دولقۇنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىش بەلگىلەش ئۇرۇنۇشلىرى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

سودا ئۇرۇشلىرى دولقۇنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىش بەلگىلەش ئۇرۇنۇشلىرى

سودا ئۇرۇشلىرى دولقۇنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىش بەلگىلەش ئۇرۇنۇشلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «سودا ئۇرۇشلىرى دولقۇنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۆنىلىش بەلگىلەش ئۇرۇنۇشلىرى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

دۇنيا ئىقتىسادى سودا ئۇرۇشلىرى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا تولىمۇ ھەرىكەتچان جەريانلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. دۇنيا سودىسىدىكى مەۋجۇت يىرىكچىلىكنىڭ شۇنداقلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دوللار ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ئىقتىسادىي كۈچىدىن سىياسىي ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. گەرچە ئامېرىكا بۇ پوزىتسىيەسىگە تايىنىپ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشنى نىشان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئېمبارگولارغا دۇچار بولغان دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىدىن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ باشقا كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا نوپۇزىغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ.

تۈركىيە قاتارلىق خەلقئارا سەھنىدىكى ئاكتىيورلارنىڭ بۇ مۇساپىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، دۇنيادىكى باشقا تۇراقسىزلىقلارنىڭ سودا سۈركىلىشلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشى، نۆۋەتتە ھەم دۆلەتلەر ھەم خەلقئارالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يۆنىلىش بەلگىلىشى ئالدىدىكى غايەت زور بىر توسۇق بولۇپ قالماقتا.

دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىدە سۈركىلىش كۈچلۈك بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيەمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلگەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان پولات ۋە ئاليۇمىندىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى ئىككى ھەسسىگە چىقىرىش قارارى، سودا ئۇرۇشى دولقۇنىنى تۈركىيەگىمۇ كېڭەيتىشنىڭ پىلانلانغانلىقىنىڭ روشەن ناماياندىسىدۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر نۇقتىسىدىن ھېچقانداق ئىزاھاتىنىڭ بولماسلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى مالىيە ساھەسىدە بىر ئىقتىسادىي ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، تۈركىيە بۇ خىل ئېمبارگولارغا قارىتا ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ھەم كۈچلۈك ماكروئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى سايىسىدا ئالدى بىلەن ئۆز رايونىدا، ئارقىدىن خەلقئارا سەھنىدە ھەمكارلىق ۋە دىيالوگ ئورنىتىش يولىنى تاللاپ، بۇ مۇساپىدە ئىقتىسادقا يەتكۈزۈلگۈسى زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

رايوننىڭ مۇھىم ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان رۇسىيەگە كېلىدىغان بولساق، بۇ يەردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىدا يېقىنقى مەزگىللەردە ئەھمىيەتلىك قەدەملەرنىڭ تاشلانغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. رۇسىيە نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرىغا دۇچ كەلگەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە تۈركىيە بىلەن كۈچلۈك شېرىكچىلىكلەرنى ئورناتماقتا. مۇشۇ كۈنلەردە رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈنتەرتىپىدىمۇ ئېمبارگولارنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە رۇبلىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر ئىككى دۆلەت دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئامېرىكا ئامىلى پەيدا قىلغان مەسىلىلەرگە چارە تېپىشقا تىرىشماقتا. ئەسلىدە دەل مۇشۇنداق شارائىتتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان سودا ۋە مالىيە ساھەسىدە تاشلىنىدىغان ھەربىر قەدەم ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە مەيلى سودا ھەجىمىنى ئاشۇرۇش بولسۇن، مەيلى مالىيە ساھەسىدە شېرىكچىلىك ئورنىتىش جەھەتتە بولسۇن، ئىجابىي ۋە سىجىل سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا ئېھتىياج بار.

ئامېرىكا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان يەنە بىر دۆلەت – ئىراننىڭمۇ ئىقتىسادىي مەنىدە مۇھاسىرىگە ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنگەندىن كېيىن، كېلىشىمگە تەرەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولۇشىنى كۈتكەن بولسىمۇ كۆڭلىدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنىدى. گەرچە بۇ جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كۆڭۈلدىكىدەك پوزىتسىيەگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرنىڭ ئىران بازىرىدىن مۇئەييەن مىقداردا چېكىنگەنلىكى كۆرۈلدى.

نىھايىتىدە بۇ ئېمبارگولارنىڭ ياۋروپاغىمۇ زەربە بېرىش ئېھتىماللىقى بار. چۈنكى، تۈركىيە ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش ياۋروپا بىلەن قويۇق سودا مۇناسىۋىتى بولغان ھەتتا ئۆزئارا ماس قۇرۇلمىغا ئىگە دۆلەت ئىقتىسادلىرىدا كۆرۈلىدىغان ھەرقانداق بىر مەسىلىدە ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يېقىن ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق يول ھېسابلىنىدۇ.

ئاخىرىدا 7 – سېنتەبىردە تېھراندا چاقىرىلىدىغان رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيە ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا، ئاستانا مۇساپىسى ۋە سۈرىيە كىرىزىسى سۆھبەتلىرى بىلەن بىرگە، سودا ئۇرۇشلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە. ئېمبارگولارغا دۇچ كەلگەن بۇ ئۈچ دۆلەت ياقلايدىغان ئىستراتېگىيە، بەلكى ئىقتىسادىي ساھەدىكى يېڭى تۈزۈم ئىزدەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ چىقىش ئېغىزى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر