«ئۇتقاندا گېرمانىيەلىك، ئۇتتۇرۇۋەتكەندە كۆچمەن»

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1029104
«ئۇتقاندا گېرمانىيەلىك، ئۇتتۇرۇۋەتكەندە كۆچمەن»

ياۋروپادا ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىلىرى بارغانچە ئومۇملاشماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غول كۈچلىرىدىن بولغان گېرمانىيەدە، ناتسىست سوتسىيالىست پارتىيەسى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋىردىكىگە ئوخشاش كەيپىيات باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىلىرى نورمال ھالەتكە كېلىۋاتقان گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن مەسۇت ئۆزىل سەتچىلىكى ۋە  ئۇنىڭ گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىلىرىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەسۇت ئۆزىلنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنگلىيەدە بىرلىكتە رەسىمگە چۈشۈشى گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ۋە گېرمانىيەدىكى سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن گېرمانىيە جەمئىيىتىدە دۇنيا لوڭقىسىدىن ئىلگىرى مەسىلىگە ئايلاندۇرۇلدى. ئەسلىدە مەسۇت ئۆزىل 2010-يىلدىن بۇيان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ ئەردوغان بىلەن ھەر كۆرۈشكەندە خاتىرە رەسىمگە چۈشۈپ كېلىۋاتقانىدى، بىراق بۇ قېتىم مەسۇت ئۆزىل ئىرقچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى. ئىرقچىلار مەسۇد ئۆزىلگە ھاقارەت قىلىش بىلەنلا بولدى قىلماي تەھدىت سېلىشتى، مەسۇت ئۆزىل ئىرقچىلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلدى، گېرمانىيە پۇتبول فېدراتسىيەسى باشلىقى رېيىنھارد گىرىندېل مەسۇت ئۆزىلنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەسىمگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشقا قىستىدى، مەسۇت ئۆزىلنىڭ سەۋر قاچىسى توشتى ۋە بۇنى قەتئىي رەت قىلدى.

گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ بۇ يىلقى دۇنيا لوڭقىسىدا شاللىنىپ كېتىشىگە قارىتا پۈتكۈل گېرمانىيە تاراتقۇلىرى گېرمانىيەنىڭ شاللىنىپ كېتىش خەۋىرىنى مەسۇت ئۆزىلنىڭ رەسىمى بىلەن بىرلىكتە تارقىتىشى ۋە گېرمانىيە پۇتبول فېدراتسىيەسى باشلىقى رېيىنھارد گىرىندېلنىڭ گېرمانىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللىنىپ كېتىشىدىن مەسۇت ئۆزىلنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى قاتارلىقلار مەسۇت ئۆزىلنى غەزەبلەندۈردى. دەرۋەقە، مەسۇت ئۆزىل جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەسىمگە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارغاندا چۈشكەن رەسىملىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورتاقلىشىشى سەۋەبىدىنمۇ ئېغىر ھاقارەت ۋە ھۇجۇملارغا دۇچار بولغانىدى.

مەسۇت ئۆزىل سۈكۈتىنى بۇزۇپ بايانات بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئەسلىدە مەسۇت ئۆزىلنىڭ زور جاسارەت بىلەن تۋىتتېر ئادرېسىدا ئىنگلىزچە ئېلان قىلغان باياناتى گېرمانىيەدە ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىلىرىنىڭ قايسى سەۋىيەگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسۇت ئۆزىل مۇنداق يازدى: «غەلىبە قىلغاندا گېرمانىيەلىك بولىمەن، ئۇتتۇرۇپ قويغاندا كۆچمەن...»مەسۇت ئۆزىل بۇ قېتىمى  باياناتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىنچى مۇھەممەد ئەلىسى بولغانىدى. گېرمانىيە بولۇپمۇ گېرمانىيە پۇتبول فېدراتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان مەسۇت ئۆزىل، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلب سادىسىغا تەرجىما بولدى.

مەسۇت ئۆزىل باياناتىدا گېرمانىيەدىكى ئىرقچلىق، تەڭسىز مۇئامىلە ۋە قوش بىسلىق ئۆلچەملەرنى تەنقىد قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەم تۈركىيە ئۈچۈن ھەمدە گېرمانىيە ئۈچۈن سوقۇپ تۇرىدىغان قەلبىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى. مەسۇت ئۆزىلنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن چۈشكەن رەسىمگە ئاداققىچە ئىگە چىقىشى ۋە گېرمانىيە ئۈچۈن قولغا كەلتۈرگەن زور ئۇتۇقلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىرقچى ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىشىنى دادىللىق بىلەن تىلغا ئېلىشى ئەمەلىيەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرەتتى. گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەسۇت ئۆزىلنى قەھرىمان ئېلان قىلىشتى.

مەسۇت ئۆزىلنىڭ باياناتى گېرمانىيەدىكى تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلب سادالىرىنى ياڭرىتىپ ئۇلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ۋەكىللىك قىلغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن بىر پۇتبولچى ۋە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ۋەكىللىك قىلالماسلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى  تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى ۋە گېرمانىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارغا  تولۇق ۋەكىللىك قىلالماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ دەردىگە بولالماسلىقى گېرمانىيەگە نىسبەتەن چوڭ مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر تەرەپتىن گېرمانىيەدە ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيەدىكى تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرمۇ پارلامېنت ئەزاسى بولماسلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

گېرمانىيەدىكى بۇ زىتلىق سەۋەبىدىن گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا ئىشەنچ بېرىش ئۈچۈن تۈركىيە گېرمانىيەدە ئاكتىپ سىياسەت يولغا قويۇشى كېرەك. تۈركىيە گېرمانىيە جەمئىيىتىدە نوپۇزىنى ھېس قىلدۇرۇپ گېرمانىيەدىكى تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلسا گېرمانىيەدىكى تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلار جاسارەتلىنىدۇ ۋە ئاچچىق ھەقىقەتلەرنى دادىللىق بىلەن جاكارلىيالايدىغان مىڭلارچە مەسۇت ئۆزىل چىقىدۇ. تۈركىيە گېرمانىيەدە ئاكتىپ سىياسەت يولغا قويالمىغان تەقدىردە، گېرمانىيەدىكى تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام ئەندىشىسى يامراپ كەتكەن گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر