ئامېرىكىنىڭ ئىران ئېمبارگوسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ئامېرىكىنىڭ ئىران ئېمبارگوسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى

ئامېرىكىنىڭ ئىران ئېمبارگوسى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىلىكى

ئامېرىكا ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنىڭ تۇنجى باسقۇچلىق قىسمىنى تۈنۈگۈن رەسمىي  ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ئىراننىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىشىنى، دۆلەت زايوملىرىنى سېتىشىنى، ئالتۇن ۋە باشقا قىممەتلىك كان بايلىقلىرى بىلەن پولات-تۆمۈر، ئالىيۇمىن، كۆمۈرگە ئوخشاش مەدەنلەرنىڭ سودىسىنى قىلىشنى، يولۇچىلار ئايروپىلانى ياكى باشقا خىلدىكى ئايروپىلانلارنىڭ زاپچاسلىرىنى ئىمپورت  قىلىشىنى چەكلەيدىغان ئېمبارگو لايىھەسى رەسمىي ئىجرا قىلىندى. چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىگە كىرىشىگە توسالغۇ بولىدىغان بۇ ئېمبارگولار دائىرىسىدە ئىراندىكى توقۇلغان گىلەم ۋە پۇرچاققا ئوخشاش نەرسىلەر ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنالمايدۇ.

ئېنېرگىيە ساھەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئېمبارگولارنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قىسمىنىڭ بۇ يىل 5-نويابىردا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئېمبارگولارنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە كىرىزىسنىڭ بوسۇغۇسىغا كېلىپ قالغان ئىران ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەسىلەن، ئىران ئەمگەك ئىشلىرى مىنىستىرى ئەلى رەبى ئېمبارگولار سەۋەبلىك بىر مىليون كىشىنىڭ ئىشسىز قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئېمبارگولارنى ئىران بىلەن سودا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تەرىقىدە يولغا قويىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىگە ئۈچىنچى بىر دۆلەتمۇ ئۇچرايدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولارنى تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، ئىران بىلەن سودىسى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىران بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىگەن تەقدىردە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا يولغا قويغان بۇ ئېمبارگولارغا ياۋروپا دۆلەتلىرى بولۇپ نۇرغۇن دۆلەت نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ؟ ئىران بىلەن مۇناسىۋىتى ئىزچىل ناچار بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن بۇرۇن ئەمەس ھازىر ئېمبارگو يولغا قويىدۇ؟ ئېمبارگولار ھەم ئىرانغا ھەمدە تۈركىيەگە ئوخشاش ئىرانغا قوشنا دۆلەتلەرگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

ترامپ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى باشتا كەسكىنلەشتۈرۈپ كېيىنچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىرانغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتامدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر