ترامپ ۋە پۇتىننىڭ خېلسىنكىدىكى ئۇچرىشىشى

جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ترامپ ۋە پۇتىننىڭ خېلسىنكىدىكى ئۇچرىشىشى

ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ خېلسىندىكى ئۇچرىشىشى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ فىنلادىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى نۇرغۇن جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى كېيىنكى مەزگىللەردە ياخشى ئەمەس ئىدى. پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ كۈنتەرتىپىدە يادرو قوراللىرى، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلار، ئېنېرگىيە سىياسىتى، سۈرىيە ۋە خىتاي قاتارلىقلار بار ئىدى.

بۇ ئىككى دۆلەت ئەينى ۋاقىتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ناچارلىشىپ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن چاغلاردا فىنلاندىيەنى بىتەرەپ رايون سۈپىتىدە تاللاپ مۇزاكىرە ئۆتكۈزەتتى. بۇ قېتىممۇ ترامپ بىلەن پۇتىن بۇرۇنقى ئەنئەنە بويىچە فىنلاندىيەدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى. فىنلاندىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، دۇنيا نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۇنيا تاراتقۇلىرى يېقىندىن كۆزەتكەن بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت رەھبىرى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ترامپنىڭ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى كەيپىياتى ۋە قىلغان سۆزلىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق سىياسەتچىلەرنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا ئارىلىشىپ ئارىلاشمىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا ئورگانلىرىنى تەنقىد قىلىپ رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلە توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىغا بەكرەك ئىشىنىدىغانلىقىنى دېيىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. دونالد ترامپ  ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن خېلسىندىكى يىغىندا « wouldn’t » (بولمايدۇ) نىڭ ئورنىغا خاتالىشىپ « would  » (بولىدۇ) دەپ تاشلىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن خاتا چۈشىنىلىش كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ خېلسىندىكى باياناتلىرىغا تۈزىتىش بەردى.

ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت رەھبىرى خەلقئارا گىئو-سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرە قىلىنغان تېمىلار ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قوشۇمچە باجلارنى قويۇشنى قارار قىلىشى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا زور سۈركىلىش پەيدا قىلدى، خېلسىندىكى ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ رەھبىرى خىتايغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە بىر-بىرىنىڭ رايىنى بىلىپ بېقىشقا ئۇرۇندى. لېكىن رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىمالى ھازىرچە يوق ئىدى.

خىلسىندىكى يەنە بىر مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى بولسا سۈرىيە مەسىلىسى ئىدى. ترامپ بىلەن پۇتىن سۈرىيەنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى نوپۇزى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشتى. ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسرائىلىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ 1974-يىلدىكى ئەھدىنامە بويىچە ئىش تۇتسا كېلىشىم ھاسىل قىلالايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دونالد ترامپ بولسا ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى نوپۇز دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنىڭ قەتئىي توغرا ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. لېكىن دونالد ترامپ ئىرانغا قارشى سۈرىيەدە قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىش توغرىسىدا يىپ ئۇچى بەرمىدى.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىنلا كۆرۈشتى. ناتو يىغىنىدا گېرمانىيەنى رۇسىيەگە شىمالىي ئېقىم 2- لايىھەسى سەۋەبىدىن ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى ساھەسىدە بېقىندى بولۇپ قېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن دونالد ترامپ، خېلسىندىكى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇنىڭ گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشى ۋە قارارى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ۋىلادىمىر پۇتىن بولسا خەلقئارا بازاردىكى گاز باھاسىنى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ بىرلىكتە بەلگىلەش تەكلىپىنى بەردى. پۇتىن بۇ تەكلىپنى بۇرۇنمۇ بەرگەنىدى. رۇسىيە ئىقتىسادىي تەبىئىي گاز ئېكسپورتىغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلقئارا بازاردىكى ئېنېرگىيە باھالىرى بىۋاستە رۇسىيەگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.

خېلسىندىكى يىغىننىڭ يەنە بىر مۇھىم تېمىسى بولسا يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ئىدى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە دۇنيادىكى بارلىق يادرو قوراللىرىنىڭ %90نى كونترول قىلماقتا. ئىككى رەھبەر دۇنيادىكى يادرو قوراللىرىنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن مەۋجۇت كېلىشىمنىڭ داۋاملىشىشى لازىملىقىنى قارار قىلىشتى.

خېلسىنكى يىغىنى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىتەرەپ رايوندا كۆرۈشۈشى ۋە نۇرغۇن مەسىلىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ تۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر