15 – ئىيۇل؛ قاتىل روبوتلارنىڭ قانلىق ھەرىكىتى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (28)

15 – ئىيۇل؛ قاتىل روبوتلارنىڭ قانلىق ھەرىكىتى (ئاۋازلىق)

15 – ئىيۇل؛ قاتىل روبوتلارنىڭ قانلىق ھەرىكىتى

دۇنيا كۆزنىكى (28)

«15 – ئىيۇل؛ قاتىل روبوتلارنىڭ قانلىق ھەرىكىتى»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «15 – ئىيۇل؛ قاتىل روبوتلارنىڭ قانلىق ھەرىكىتى» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

تۈركىيە سىرتىدا ياشايدىغان، كونتىرولدىن ئۆتكەن روبوتلار، ئالاھىدە ۋىرۇس ئۇرۇلۇپ، كونىروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان ئىنسانلارنىڭ ياكى ئۆزلىرىچە مەلۇم نىشانلارنى بەلگىلەپ يۈرگەن ئازغۇن تەرىقەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە شەكىللەندۈرگەن تەھدىتى ۋە بۇلارغا قارشى دۇنيانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قەھرىمانلارچە كۈرەشلەرنى پەقەت كىنو - فىلىملەردىلا كۆرگەن بولۇشىڭلار مۇمكىن.

تۈركىيە 2016 - يىلى 15ئىيۇلدا دەل ئەنە شۇنداق بىر ۋەقەنى باشتىن كەچۈردى. دۆلەت ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كېرىۋالغان فوتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، خۇددى كىنولاردىكىگە ئوخشاش ئادەتتىكى چاغدا بۇۋاقلاردەك سەبى يۈزلۈك كۆرۈنىدىغان، بىراق ۋىرۇس ئۇرۇلغان ياكى بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن ھامان يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئۆزگۈرىدىغان ئازغۇن ئېتىقاد ئەزالىرىنىڭ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە دۈچ كەلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئازغۇن دىنىي رەھبەر فەتھۇللاھ گۈلەندىن ئالغان بۇيرۇققا بىنائەن 2016يىلى 15 - ئىيۇلدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى. 

ت ر ت ۋە سى ئەن ئەن قاتارلىق بەزى مۇھىم رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ھەتتا ئۇرۇش مەزگىلىدىمۇ بومباردىمان قىلىنمىغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نى بومباردىمان قىلدى. خەلق تەرىپىدىن سايلانغان جۇمھۇر رەئىسنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئۇ تۇرۇشلۇق يەرلەردە تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. بۇ بۇلۇۋاتقان ئىشلارغا قارشى پۈتۈن تۈركىيە خەلقى كوچىلارغا قاراپ ئاقتى. مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۈستىگە روبوتلاشقان ئادەملىرى ئارقىلىق ئوق ياغدۇرۇلدى. خەلققە ۋە خەلق ئىدارىلىرىغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن بومبا ئاتتى. پۇقرالار تانكىلارغا قارشى يۈرۈش قىلدى. تانكىلارنىڭ ئاستىدا يېتىۋالدى. نەتىجىدە بىر قانچە سائەت ئىچىدە يۈزلىگەن كىشى شېھىت ۋە مىڭىلغان كىشى يارىدار بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ دېموكراتىيەسىنى ۋە ئۆز كەلگۈسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان بۇ كۈرىشى، كىنولاردىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قەھرىمانلارچە ئېلىپ بېرىلدى. پۈتۈن تۈركىيە مىقياسىدا مىليونلىغان كىشى كوچىلارغا ئاقتى. پۇقرالار دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلارنى قورشاۋغا ئالدى. فوتھۇللاھچى ئەسكەرلەر ئوق ياغدۇرسىمۇ ئارقىسىغا داجىمىدى. شۇ كېچىسى مەنمۇ كوچىلاردا ئىدىم. مېنىڭمۇ يېقىن تونۇشلىرىم، دوستلىرىم يۈرۈش قىلىپ، مانقۇرتلار، ھاشھاشىلار، ۋە فېرىنكېشتايانلارنىڭ ياكى ئازغۇن تەرىقەت ئەزالىرىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئەسىرگە ئېلىۋىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدۇق.

دەرۋەقە تۈركىيەدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھەربىي سىياىسي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى. بىراق بىۋاستە خەلقنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بۇنداق قانلىق ھەربىي ئۆزگىرىش تۈركىيە تارىخىدا تۈنجى قېتىم يۈز بەرمەكتە ئىدى. ھەر خىل پىكىر ۋە ئېقىملاردىكى مىليونلىغان كىشى بۇ ھەربىي ئىسيانغا قارشى كوچىلارنى تولدۇردى. دۆلىتىگە، كەلگۈسىگە، غۇرۇرىغا، دېموكراتىيەسىگە جۈملىدىن پۈتۈن ئىسانىيەتكە ئىگە چىقتى. مىليونلىغان خەلق ئاممىسى ھەپتىلەرگىچە كوچىلاردىن قايتمىغان تۇرۇغلۇق، بىرەر قېتىممۇ بۇلاڭچىلىق، مالىمانچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. ھەتتا چۈمىلىنىمۇ بىئارام قىلدىغان ئىشنى سادىر قىلمىدى. تۈركىيەدە ئادەتتىكى ئىنسانلار دۇنياغا ئەڭ ۋەھشى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى قانداق قىلىپ تىنچ ھالدا توسۇپ قالغىلى بوزلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى. گويا پۈتۈن دۇنياغا بۇنىڭ ئەمەلىي ئۈلگىسىنى نامايان قىلىپ بەردى. 

1990يىللىرى تىئەنمىن مەيدانىدا ۋىجدانلىق بىر خىتاي ياش خىتاي تانكىلىرىنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ ئۆرە تۇرغان ئىدى. مېڭىسى تولۇق كونتىرولۇققا ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك، ھەتتا خىتاي ئەسكەرلىرىمۇ ئۇ ياشنى بېسىپ ئۆتمەي ئارقىغا چېكىنگەن ئىدى. بۇ قەھرىمانلارچە كۆرۈنۈشنى پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرى كۆرگەن ۋە ئالقىشلىغان ئىدى. تۈركىيەدە بولسا، ئازغۇن دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئادىمىيلىكىنى ئۇنتۇغان فوتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى، تانكىلارنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈستىدە ماڭدۇردى. ئەپسۇسكى، بىر كىشىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن بىر خەلقنىڭ قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى دۇنيا مېدىياسى ئاساسەن دېگۈدەك كۆرمەسكە سالدى. گەرچە بۇ خەلق ھەرىكىتى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ داستان، بۇ ۋىجدان، بۇ قارشىلىق ھەرىكىتى، شاھىت بولغۇچىلار تەرىپىدىن قەتئىي ئۇنتۇلمىغۇسى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كىم؟

ئەپسۇسكى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جامائەتچىلىك ھازىرمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئەزالىرىنى ئۆز رەھبىرىگە مەسىھكە ئىشەنگەندەك بىر ئېتىقاد بىلەن مەھكەم باغلىغان، ئۆزىنىڭ ئازغۇن ئېتىقادلىرى دائىرىسىدە ئايرىم بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقماقچى بولغان بىر تەشكىلاتتۇر. بۇلار رەھبىرىنى «تاللانغان قوتقازغۇچى» دەپ قارىشىدۇ. ھەتتا ئەگەشكۈچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنى «تاللانغان كىشىلەر» دەپ قارايدۇ. بۇلار مۇشۇ ئېتىقاد دائىرىسىدە «پۈتۈن دۇنيانى قوتقۇزىمىز» دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. بۇلارنىڭ بارلىق دۆلەتلەردە، رايونلاردا، شەھەرلەردە ھەتتا مەھللىلەردىمۇ بەلگىلەنگەن ئىماملىرى بولىدۇ. رەھبىرى فوتھۇللاھ گۈلەننى بولسا، بىر دۆلەتنى ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانى قوتقۇزىدىغان «كائىنات ئىمامى» دەپ قوبۇل قىلىشىدۇ. مانا بۇ ۋەجىدىن فوتھۇللاھچى تېررورلالۇق تەشكىلاتىنى يەر شارى خاراكتېرلىك بىر ھەرىكەت دېيىشكە بولىدۇ. قەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ سەپسەتىلىرىگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەزالىرىنى ئۇزۇن ۋە قېيىن بىر تەربىيەدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ جەرياندا ئەزالىرىنى پۈتۈنلەي جەمئىيەتتىن ئايرىپ تاشلايدۇ. مەخسۇس يارىتىلغان مۇھىتلاردا ئۆزلىرى ئىشەنگەن ۋە بىلگەن ئېتىقاد دۇنياسىنى بەرپا قىلىشىدۇ. ئەزالىرىنى باسقۇچمۇ باسقۇچ ئۆز خەلقىدىن، قىممەت قاراشلىرىدىن، تىنچلىق ۋە خاتىرىجەملىك دىنى بولغان ئىسلامنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن ئومۇمىي ئېقىمىلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ. 1970يىللىرى باشلانغان بۇ ھەرىكەت بىرەر تارىخ، مەدەنىيەت، ئەنئەنە كۆزنىكى بولمىغان ۋە چوڭقۇر يىلتىزىمۇ بولمىغان بولغاچقا ئەزالىرى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن، پەقەت ئۆزلىرى ئىشەنگەن ئازغۇن ئېتىقادقىلا ئىگە بولغان بولىشىدۇ. پەرزەنتلىرىنى فەتھۇللاھچىلارنىڭ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقان ئائىلىلەر بىراز دىققەت قىلىدىغانلا بولسا، ئۇلارنىڭ ئاستا ئاستا ئۆزلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ كەتكەنلىكىنى ياقىيالايدۇ. ئەزالىرى مانا شۇنداق يېڭى بىر تۈسكە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇلار مەخپىي، مۇقەددەس بىر ئۇلۇغ غايىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇلارغا تولىمۇ مەخپىي، ئاتالمىش ئىنتايىن ئۇلۇغ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەر، ئۆزلىرىنى قەتئىي ئاشكارىلىماسلىق، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزلىرىنى مەخپىي تۇتۇش شەرتى بىلەن بېرىلىدۇ. ئۆزلىرىنى مەخپىي تۇتۇش ۋە مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئۇلارغا جائىز ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ. چۈنكى بارلىق قىلمىشلىرىنى توغرا كۆرسىتىدىغان ۋە قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈرىدىغان بىر مۇقەددەس غايىلىرى بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئېتىقادتا ۋە پوزىتسىيەدە بولالايدۇ. خالىغانچە كېيىم كېيەلەيدۇ، خالىغان ئىدىئولوگىيەدە كۆرۈنەلەيدۇ. مەۋلانا رۇمىنىڭ «يا قانداق بولساڭ شۇنداق كۆرۈنگىن، ياكى قانداق كۆرۈنسەڭ شۇنداق بولغىن!» دېگەن پەلسەپىسىنىڭ دەل ئەكسىچە ھەرگىزمۇ قانداق بولسا شۇنداق كۆرۈنگىلى ئۇنىمايدۇ. نىيەتلىرى باشقا بولغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆرۈنگەندەكمۇ بولمايدۇ. 

  ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر