ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى خالامسىز؟ (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 27 - 2018

ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى خالامسىز؟ (ئاۋازلىق)

ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى خالامسىز؟

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئەسھابىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. «بۈگۈن قايسىڭلار روزا تۇتتۇڭلار؟» دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «مەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام يەنە، «بۈگۈن قايسىڭلار بىر قېرىندىشىڭلارنىڭ جىنازىسىگە قېتىلدىڭلار؟ بۈگۈن قايسىڭلار بىر كەمبەغەلنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويدۇڭلار؟ بۈگۈن قايسىڭلار بىر كېسەلنى يوقلىدىڭلار؟» دەپ ئايرىم ئايرىم سورىدى.

ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسىگە «مەن» دەپ جاۋاپ قويتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم بۇ گۈزەل ئەمەللەرنى قىلغان بولسا، ئۇ چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ» دەپ ساھابىسىگە جاۋاب بېرىش ئارقىلىق گويا پۈتۈن ئۈممەتكە بىر خوشخەۋەر بەرگەن ئىدى. (مۇسلىم، ساھابىلەرنىڭ پەزىلىتى بابى، 12ھەدىس)

ئەزىز قېرىنداشلار! يارىتىلىش سەۋەبىمىز ھەممىدىن بەك ئاللاھ تائالانى لايىقىدا تونۇش، ئۇنىڭغا چىن يۈرەكتىن باغلىنىش، ئۇنىڭ بۇيرۇقى ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مەۋجوتلۇقىمىزنىڭ غايىسى ئىماننى ۋە سالىھ ئەمەللەرنى، ياخشىلىق ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ھاياتىمىزغا ھاكىم قىلىشتۇر. بۇنىڭ يولى بولسا، قۇرئان ۋە سۈننەتكە سەمىمىي بىر شەكىلدە ئەمەل قىلىشتىن ئۆتىدۇ. چۈنكى قۇرئان ۋە سۈننەت ھاياتلىق سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ ساغلام، ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ ئاساسلىق يول باشلىغۇچىسىدۇر.  بۇ سەپەرنىڭ مەنزىلىدە بولسا، ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشكەن بەندىلىرىگە بىر لۇتفى ۋە مۇكاپاتى ھېسابلىنىدىغان جەننىتى بولىدۇ.

بىزنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھىدايەت يولىنىڭ تۇنجى قەدىمىدە ئىمان كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ۋە بىرلىكىگە ئىمان ئېيتقانلارلا جەننەت كىرىدۇ. ئىمان ئاساسلىرىغا چىن قەلبىدىن مەھكەم باغلانغانلار ئەبەدىي نېمەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاخىرىقى تىنىقىمىزغا قەدەر ئىمانىمىزغا سادىق بولۇش ۋە رەببىمىزگە بەرگەن بەندىچىلىك ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىش، ئىمانىمىز ۋە سۆز ئەمەللىرىمىزدە ئەمەلىي ئىسپاتلاش ھەمدە گۈزەل ئەمەللىرىمىزنى جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.  چۈنكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: 

شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان، سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلار بارغۇ؟! ئەنە شۇلار يارتىلمىشلارنىڭ ئەڭ خەيرىلىكىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان، ئىچىدە ئۇلار مەڭگۇ قالىدىغان ئەدەن جەننەتلىرىدۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ مۇكاپات رەببىدىن قورقايدىغانلارغا خاستۇر» (سۈرە بەييىنە 7ۋە 8ئايەت)

ئەزىز قېرىنداشلار! جەننەتكە تۇتۇشىدىغان يولنىڭ 2قەدىمى سالىھ ئەمەلدۇر. بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۇرىشىنى ئۈمىت قىلغان سالىھ ئەمەللىرىمىزنىڭ يەنى، گۈزەل پوزىتسىيەلىرىمىزنىڭ، توغرا ۋە مەنىلىك تاشلىغان قەدەملىرىمىزنىڭ چېكى بولمايدۇ. بەندىچىلىك ئېڭىمىز بىلەن قىلغان ھەر بىر خەيرىلىك سۆزىمىز، ئىنسان بولۇش شەرىپىگە لايىق ھەر بىر گۈزەل ھەرىكىتىمىز، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلغان ھەر بىر نىيىتىمىز سالىھ ئەمەلدۇر. بىز پەقەت سەمىمىيەتتىن ئايرىلمىساقلا بولدى. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى باشقا بىرەر ئارزۇ ياكى غايىگە قۇربان قىلىۋەتمىسەكلا بولدى.

شۇنىڭدەك ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ھەر بىرى بىردىن سالىھ ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. بىزنى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغانمۇ ئىبادەت، ئۆز نۆۋىتدە يەنە بىزنى ياخشى خاراكتېرگە ئىگە قىلىدىغانمۇ يەنە ئىبادەتتۇر. نامىزىمىز بىزنى گۇناھ ۋە ناچار ئىشلاردىن توسىدۇ. روزىمىز تىلىمىزنى يامان سۆزلەردىن، قولىمىز، زىھنىمىز ۋە كۆڭلىمىزنى يامانلىقتىن قوغدايدۇ. ھەججىمىز ئاللاھقا بولغان تەسلىمىيىتىمىزنى ۋە ئۈممەت ئېڭىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ. زاكاتىمىز، سەدىقىمىز ۋە قۇربانلىقىمىز بىزگە دۇنيا نېمەتلىرىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. 

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئىماننى كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ۋە مۆئمىننى جەننەتكە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك يول بولسا، گۈزەل ئەخلاقتۇر. مۆئمىن ئاتا ئانىسىغا، ئايالىغا، ئەۋلادلىرىغا خۇلۇم - قوشنا، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا جۈملىدىن بارلىق جانلىقلارغا كۆيۈم - شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. قولى ۋە تىلى بىلەن ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەتراپىدىكىلەرگە ئىشەنچ بېرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان شەكىلدە توپ توغرا بولىدۇ. توغرا يولدىن قەتئىي ئايرىلمايدۇ. زىيان كېلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ يالغان سۆزلىمەيدۇ. ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ. بېكار، پايدىسىز ئىشلار بىلەن ئۆمرىنى ئىسراپ قىلمايدۇ. جەننەت يولىنىڭ يولۇچىسى ھاياتىنىڭ ھەر بىر لەھزىسىدە ۋە ھەر بىر قىلغان ئىشىدا ئاللاھنىڭ رىزاسىنى كۆزلەيدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! بۇ ئۇلۇغ جۈمەنى نىجاتلىقىمىزغا ۋە جەننەت ئەھلى بولىشىمىزغا ۋەسىلە قىلىپ بەرسۇن. بىز ھەممىمىز بۈگۈن ئۆز - ئۆزىمىدىن ھېساب سورايلى!

ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان ئۆمرىمىزنى قايسى يولدا تۈگىتىۋاتىمىز؟

مېڭىۋاتقان يولىمىز بىزنى جەننەتە يەتكۈزىدىغان يولمۇ ياكى جەننەتتىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان يولمۇ؟

تۇرمۇش شەكلىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى جەننەتكە يەتكۈزىدىغان بىر كۆۋرۈك سىلىۋاتامدىمىز ياكى جەننەت بىلەن ئارىمىزغا تام سېلىۋاتامدىمىز؟

سۆز ۋە ئەمەللىرىمىز سەمىمىيلىككە ئۈلگە بولۇۋاتامدۇ ياكى قىلغان ئەمەللىرىمىزنى رىيا ۋە كۆز كۆز قىلىش بىلەن بېكار قىلىپ يۈرىۋاتامدۇق؟

دېگەن بۇ سوئالارنى بىر - بىرلەپ ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى!

ئەزىز قېرىنداشلار! خۇتبىمىزنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسى شەرىپى بىلەن ئاخىرىلاشتۇرماقچىمىز:

«سىلەر ماڭا 6 ئىش ھەققىدە كاپالەت بەرسەڭلار، مەنمۇ سىلەرگە جەننەتنىڭ كاپالىتىنى بېرەي؛ سۆز قىلغاندا توغرا سۆز قىلىڭلار. ۋەدە قىلغاندا ئەمەل قىلىڭلار. سىلەرگە بىر نەرسە ئامانەت قىلىنغاندا ئۇنىڭغا رىئايە قىلىڭلار ۋە سەزگۈرلىكىڭلارنى قوغداڭلار. كۆزلىرىڭلارنى ھارامدىن ساقلاڭلار. قوللىرىڭلار يامانلىقتىن ئۇزاق تۇتۇڭلار» (ئىبنى ھەنبەل، 5جىلد 323ھەدىس)  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر