يەر يۈزىنىڭ چارىسىزلىرى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (25)

996151
يەر يۈزىنىڭ چارىسىزلىرى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (25)

«يەر يۈزىنىڭ چارىسىزلىرى»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «يەر يۈزىنىڭ چارىسىزلىرى» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

بۈگۈن 20ئىيۇن كۈنى «خەلقئارا پاناھلانغۇچىلار كۈنى» دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. يەنى ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ دۇنيانى ئورتاقلاشقان بىراق ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا مەسىللەرنى بىز كۆرمەسكە سېلىپ كېلىۋاتقان، كۆرسەكمۇ پەقەت مۇنداقلا سۆز قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان، يەر يۈزىنىڭ چارىسىزلىرىغا، يەنى پاناھلانغۇچىلىرىغا ئاتالغان بىر كۈن.

ھازىرقى چاغدا دۇنيادا 65ياكى 70 مىليون پاناھلانغۇچىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ نوپۇسقا قارىغاندا پاناھلاغۇچىلار دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ 20چوڭ دۆلەتنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇرت ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلار سانىنىڭ 400 مىليوندىن كۆپ ئىكەنلىمۇ تىلغا ئېلىنماقتا. دېمەك سانىنىڭ نەقەدەر كۆپلىكى ئېنىق. بۇ ساننىڭ ئۆزىلا ۋىجدان ئىگىسى بولغان ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانسىزلىقىنى ئاشكارىلايدىغان ئەڭ ئېغىر، ئەڭ ئاچچىق ئەلەمدۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ سوغۇق ھەقىقەتلىرى ئەسلىدە يۈز بەرگەن ئازابلارنى، كۆز ياشلىرى، ئۆلۈم، زۇلۇم، سۈرگۈن قاتارلىقلارنى پەردىلەپ قويۇشقىلا يارىماقتا. ھەر بىر پاناھلانغۇچى بۇۋاق، ئۆسمۈر، ئايال، ياش ۋە مويسىپىتلارنىڭ ئايرىم بىر پاچىئە ئىكەنلىكى، ئونلىغان مىليون دەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان بۇ سانلار ئارىسىدا كۆپىنچە ھاللاردا نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا.  ۋەھالەنكى ھەر بىر كۆچۈش، ھەر بىر ئايرىلىش، بەلكى مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان ئەشۇ يۇرتلىرىدا ياشىغانلارغا نىسبەتەن ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق ھېسابلىنىشى شۇنداقلا بۇنىڭغا قارشى پەريادلىرىنىڭ ساداسىز ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

كىممۇ بىكاردىن بېكار پۈتۈن ئەجدادلىرى، ئاتا ئانىسى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان زېمىننى تاشلاپ ھەمدە شۇنچە يۈزلىگەن يىللىق ئۆتمۈشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يۈرتلىرىدىن چىقىپ كەتسۇن؟ ئىسەنچىسىز، ئېنىقسىز قاراڭغۇ ئۆتمۈشكە قاراپ قاداقمۇ يەلكەن ئاچسۇن؟

چۈنكى ھەر بىر كۆچۈش ئۆزى ياشىغان جۇغراپىيەدىكى ئۆتمۈىشگە دائىر ھەممە نەرسىنى ۋە كەلگۈسىگە دائىر پۈتۈن ئۈمىتلەرنى يوقۇتۇپ تۇرۇپ، بېرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرىقى قاراردۇر.

دەرۋەقە، ھازىر ئەڭ كۆپ پاناھلانغۇچى چىقىۋاتقان دۆلەتلەر سۈرىيە، ئافغانىستان، جەنۇبىي سۇدان ۋە سومالى بولۇپ رەتكە تىزىلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى، تېخى 2010يىلىدا ئەڭ كۆپ پاناھلانغۇچىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان سۇرىيەنىڭ ئەمدىلىكتە ئەڭ كۆپ پاناھلانغۇچى چىقىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقدۇر. ئۆز دۆلەتلىرىدە ھەرگىزمۇ پاناھلانغۇچى بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان، بىردىن - بىر غېمى پاناھلانغۇچىلارنىڭ كېلىشىنى قاندق قىلىپ توسۇپ قىلىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ يۈرىۋاتقانلارغا نىسبەتەن نەقەدەر ئىبرەتلىك ئەھۋال ھە-  بۇ؟

دېمىسىمۇ كۆرۈشنى خالايدىغانلارغا نىسبەتەن دۇنيا تارىخى بۇ خىل ئىبرەتلىك ۋەقەلەرگە تولۇپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادا پاناھلانغۇچىغا ئايلىنىپ باقمىغان ۋە كۆچۈپ باقمىغان مىللەت يوق دېيەرلىك. شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ئەڭ كۆپ پاناھلانغۇچى چىقىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك تۈزۈلگەن ئىستراتېگىيەلەرنىڭ تۇقۇنۇش ساھەسىگە ئايلانغان دۆلەتلەر بولۇپ كەلمەكتە. يەرشارى خاراكتېرلىك كۈچلەرنىڭ تۇقۇنۇشى ئوتتۇرىسىدا ئېزىلگەنلەر بولسا، پاناھلانغۇچىلارغا ئايلىنىپ قالماقتا.

شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىنىڭ بىردىن - بىر سەۋەبى، ھەرگىزمۇ يەرشارى خاراكتېرلىك ئىستىراتېگىيەلەرنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشلىرى ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش مەسىلىسى، ناچار ھاكىمىيەتلەر، سىياسىي مەسىلىلەر، ئىقتىسادىي ھەقىقەتلەر، ئاچارچىلىق، قورغاقچىلىق... دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەرنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. يەرشارى خاراكتېرلىك ھاۋا ئىسسىپ كېتىش سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىقلىم پاناھلانغۇچىلىقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرسىدۇر. 

قىسقىسى، چوڭ كۆچمەنلىك دولقۇنلىرىغا چارە تېپىش ئۈچۈن تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بەزىدە كىچىككىنە سەمىمىي تىرىشچانلىقمۇ يېتەرلىك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. مەسىلەن ئافرىقىدا بىرەر يېزىدا سۇ قۇدۇقى ئېچىشنىڭ چىقىمى ئىنتايىن تۆۋەن. قۇدۇق ئېچىلغان تەقدىردە شۇ يېزىنىڭ ئومومىي يۈزلۈك كۆچۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تىرىشچانلىقلار بەلكى مەسىلىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىپ كېتەلمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا نېيىتىمىزنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرمەكچى بولغان ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سۇ توشىغان چۈمىلىنىڭ تىرشچانلىقىغا ئوخشايدۇ. بەزىدە بۇ خىل كىچىك سەمىمىي تىرىشچانلىقلار بىزگە نىسبەتەن بولمىغاندىمۇ، بۇنىڭدىن پايدىلانغانلارغا نىسبەتەن ھاياتىنى قوتقۇزۇش بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. قىرغاققا چىقىپ قىلىۋاتقان مىڭلىغان دېڭىز يۇلتۇزلىرىنى قايتىدىن دېڭىزغا ئاتقان ئادەمنىڭ: «شۇنداق، ھەممىسىنى قۇتقۇزالمايدىغان بولغاچقا بۇ قىلغانلىرىم سىلەرگە مەنىسىزدەك تۇيۇلىشى مۇمكىن، بىراق مەن دېڭىزغا ئاتقان ھەر بىر دېڭىز يۇلتۇزى، مېنىڭ مۇشۇ قىلغىنىم بىلەن يېڭى بىر ھاياتقا ئېرىشىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگىنىدەك ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئىنساننى پەزىلەتكە ئىگە قىلىدىغىنى ئورۇندۇقى/ ئەمەلى، بايلىقى/ ھەميىنى ئەمەس، باشىقلار ئۈچۈن غەم يىگىنىدۇر.

پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن پەقەتلا ئازابنى ئېنىقلاپ، تەڭ ئازابلىنىپ، ھېچ ئىش قىلماستىن يولىمىزنى داۋملاشتۇرۇپ، سوغۇق ئانالىزلار بىلەنلا كوپايە قىلامدۇق؟ بۇ ئازابقا سەۋەب بولغانلارغا ھېچ قانداق جاۋابكارلىق ئارتمامدۇق؟

ئەلۋەتتە ياق، ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ھېچقانداق ئۈمىد قويماي، ئىسانلارنىڭ ئۆتمۈشلىرى ۋە كەلگۈسىگە دائىر ئۈمىتلىرىنى پۈتۈنلەي يالماپ كەتكەن ناچار ھۆكۈمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تەنقىد قىلىشىمىز. ئىنسانلارنىڭ ياكى دۆلەتلەرنىڭ چارىسىزلىكلىرى ئۈستىگە خۇددى قارا باسقاندەك يېپىشىپ، ئادىمىيلىققا زىت بىپەرۋالىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئازابلىرى ئۈستىگە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىرىنى قۇرۇپ چىقىۋاتقان ئېمپىرىيالىست مەقسەتلەرنىمۇ ئاشكارىلىشىمىز لازىم ھەمدە يەنە خەلقئارا سىياسەتلىرىنى، مەنپەئەت جەدۋىلى ئاساسىدا ئەمەس، پىرىنسىپ ئاساسىدا يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەتلەرنىمۇ ھەر دائىم قوللىشىمىز ۋە ئالقىشلىشىمىز لازىم. 

دەرۋەقە، سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ باي دۆلەتلەرمۇ جىم تۇرۇۋېلىپ بارغان ئەھۋالدا، تۈركىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەنىڭ ئۆزلىرى يالغۇز يەلكىسىگە ئالغان يۈكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈستىگە ئالغىنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولدى. تۈركىيەنىڭ يالغۇز بىر شەھىرى، يەنى كىلىس شەھىرى ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانىمۇ نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭكىدىن ھەسسىلەپ كۆپ. كىرىزىس باشلانغاندىن بۇيان پەقەت تۈركىيەدە تۇغۇلغان پاناھلاغۇچىلار بۇۋاقلىرىنىڭ سانىنىڭلا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيورلار سۈرىيە مەسىلىسىدە ھەل قىلىشنىڭ ئەمەس، قېيىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كەلمەكتە. سۈرىيەگە بولغان قىزىقىشلىرى ئاساسەن ئۆز مەنپەئەتلىرى ۋە بولۇپمۇ ھەربىي خىراجەت، قورال سېتىش شۇنداقلا مەسىلىنى تېخىمۇ ھەل بولماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇش بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.

خەلقئارا جامائەتچىلىك زىياننىڭ ئورنىنى تۆلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنى جاپانى تەڭ تارتىشقا مەجبۇرلىشى لازىم.  مەيلى ئىنسانپەرلىك، ئەخلاق پەزىلەت، مەيلى ۋىجدان، يەرشارىلىشىش، ياكى مەيلى ئىدېئولوگىيەلىك ۋەياكى دىنىي... نېمە دەپ ئاتىشىدىن قەتئىي نەزەر، خىلمۇ- خىل پىرىنسىپال پوزىتسىيەلەرنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇنداق قىلىشنى تەقەززا قىلماقتا.  

ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار تېخىمۇ چوڭقۇر ئاڭ پەيدا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مەسىلىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيورلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ يەلكىسىگە چۈشىدۇ. پاناھلانغۇچىلار ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىقلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرسى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلەر تۈزۈلىۋاتقان مۇھىتتا، بۇنىڭغا ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى يەرلىك ياكى رايون خاراكتېرلىك سەۋىيەدە قەلغانلىقىدۇر. يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىش ئۈچۈن يەرشارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىقلارنى نىشان قىلىشى، دوكلاتلار ۋە ئانالىزلار ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكتە پىكىر پەيدا قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.

ئەسلىدە بۇ ۋەزىپە يالغۇز ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭلا ئەمەس، ھەر بىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى بولۇشى لازىم. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ھەل قىلىنىشىغا بىز تۆھپە قوشالمىغان ھەر تۈرلۈك ئىنسانىي مەسلىلەر بىزنى پەقەت پىرىنسىپسىز، پەزىلەتسىز كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇپلا قويماستىن، بەلكى يەنە ھەل بولمىغان ھەر بىر پاجىئە ئىنسانىيەتنى تېخىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.  

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر