تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسىدە كېلىشىشى

جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسىدە كېلىشىشى

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسىدە كېلىشىشى

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا يېقىنقى مەزگىللەردە نۇرغۇن مەسىلىدە ئىختىلاپ يۈز بەرمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا پاناھلىنىۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى ۋە پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئىزچىل يانتاياق بولۇپ ئىتتىپاقدېشى ئېلان قىلىشى تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالماقتا. تۈركىيە تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە يېڭىچە يول ۋە ئىدىيەنى قوبۇل قىلىپ بۇ دائىرىدە فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشلىغان ئاستانا سۆھبەتلىرى دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا 12 كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ چىقتى، بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ رايوندىكى نوپۇزىنى كۈچەيتتى. تۈركىيە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى رايوندىن تولۇق تازىلىدى، بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى مۇنبىچنى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا كىرگۈزگەنىدى، لېكىن 2014-يىلى دائېش مۇنبىچنى ئىشغال قىلىۋالدى. 2016-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدىغان سۈرىيە دېموكراتچىلار قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇنبىچ رايونىغا ھەرىكەت قوزغىدى. تۈركىيەنىڭ بۇ ئىشقا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىتا، ئامېرىكا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە دائېش رايوندىن تازىلانغاندىن كېيىن پ ي گ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى ۋە رايونغا ئەرەبلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئامېرىكا مەسئۇللىرى ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ مۇنبىچتىن چېكىنىپ چىققانلىقلىرىنى دەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تېررورچىلار رايوندىن چېكىنىپ چىقمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا مۇنبىچ رايونىدا مۇنبىچ ھەربىي كېڭىشى قۇرۇپ چىقتى، بۇ ھەربىي كېڭەش ئەمەلىيەتتە پ ي گ تېررورچىلىرىغا خىزمەت قىلاتتى. مۇنبىچ ھەربىي كېڭىشى رەسمىيەتتە مۇستەقىل بولسىمۇ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇنبىچ رايونىغا بىۋاستە تەيىنلىگەن جەمىل مەزلۇم ۋە ئىسمائىل دەرىك مۇنبىچ ھەربىي كېڭىشىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. رايونىدا خەۋەر ئىشلىۋاتقان نۇرغۇن ژۇرنالىست پ ك ك- ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى مەكتەپلەردە ئىدېئولوگىيەسى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مۇنبىچنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن بىئارام بولماقتا. تۈركىيەمۇ ي پ گ تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇنبىچ رايونىنى باشقۇرۇشىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. دەرۋەقە، مۇنبىچ رايونىدىكى ي پ گ زۇلۇمىدىن قاچقان مىڭلارچە كىشى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئازاد قىلىنغان رايونلارغا بېرىپ ماكانلاشماقتا. مۇنبىچ رايونىدىكى قەبىلىلەر ۋە يەرلىك خەلق ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياشلارنى مەجبۇرىي مەشىققە سېلىش بىلەن بىرگە قىيىن-قىستاق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نۇرغۇن قېتىم نامايىش ئۆتكۈزدى. مەخپىي ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە سۇيىقەستلەر بىلەن ي پ گ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ جېنىنى ئېلىۋاتقان ئەل قىيام ھەرىكىتى مۇنبىچتە قۇرۇلغانىدى. 

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن تۈركىيە مۇنبىچ توغرۇلۇق بايانات بېرىپ بەزى تەييارلىقلارنى قىلدى. تۈركىيە مەسئۇللىرى بىلەن ئامېرىكا مەسئۇللىرى مۇنبىچ مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە مۇنبىچ مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىق ھەيئىتى قۇرۇلغانىدى. رېكس تىللېرسون ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن مۇنبىچ مەسىلىسى بىر مەزگىل كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالدى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مايك پومپيونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشى بىلەن مۇنبىچ مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلدى. تۈركىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىق ھەيئىتى مۇنبىچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 3 باسقۇچلۇق پىلان تۈزۈپ چىقتى. پىلان دائىرىسىدە ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ مۇنبىچ رايونىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇنبىچتا ئورتاق نازارەت مەركىزى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى ۋە مۇنبىچ رايوندا يەرلىك كۈچلەر تەرىپىدىن تەشكىل تاپىدىغان ھاكىمىيەت تەشكىل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە بىلە ئامېرىكا ئارىسىدا مۇنبىچ مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۈركىلىشىنىڭ پەسىيىشىگە پايدىسى تېگىدۇ. لېكىن مۇنبىچ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە نۇقتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بېكىتىلگەن يول خەرىتىسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە دۇئېل ئېلان قىلىش بولىدۇ. يول خەرىتىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن تەقدىردە يەنى  ي پ گ تېررورچىلىرى مۇنبىچتىن چېكىنىپ چىقمىغان تەقدىردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى كىرىزىس پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا مۇنبىچ ھەربىي كېڭىشىنىڭ مۇستەقىل ئورگان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورگان بىۋاستە قەندىلدىكى تېررولۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا. يەنە بىر مەسىلە، ي پ گ تېررورچىلىرى فىراتنىڭ شەرقىدە ھەرىكەت قىلماقتا. تۈركىيە يول خەرىتىسىنىڭ مۇنبىچتە ئىشقا ئېشىشىنى ۋە ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردىمۇ ئەمەلىيلىشىشىنى ئارزۇ قىلماقتا. دەرۋەقە، ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدە ھەرىكەت قىلىشى تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا مۇنبىچتە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن يول خەرىتىسىنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدىمۇ ئەمەلىيلىشىشگە قارشى چىقىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، شەرقىي سۈرىيەدە ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان نېفىت بازىلىرى نۇقتىسىدىن ئامېرىكا بۇنداق بىر يول خەرىتىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئارزۇ قىلماسلىقى مۇمكىن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو مۇنبىچ مەسىلىسىدە كېلىشىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يول خەرىتىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسى ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن بۈيۈك سىناق بولۇپ قالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر