ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ساقايماس جاراھەت-تەيۋەن

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ساقايماس جاراھەت-تەيۋەن

خىتاي بىلەن ئارىسىدىكى ساقايماس جاراھەت-تەيۋەن

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە «B-52 » تىپلىق ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئاراللارغا يېقىن جايدىن ئۇچتى. خىتاي ھۆكۈمىتى 6-ئىيۇندا بايانات بېرىپ زېمىنىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى، ھەر قانداق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئۇرۇش پاراخوتىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى سودا ئىختىلابى سەۋەبىدىن ھالقىلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق  ئەھۋالدا، تاراتقۇلار ئامېرىكىنىڭ سەزگۈر ھالەتتە تۇرۇۋاتقان تەيۋەن بوغۇزىغا ئاۋىئاماتكا ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تەيۋەن بوغۇزى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىزچىل قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە، 2007-يىلى ئامېرىكا  ئۇرۇش پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. 1996-يىلىمۇ تەيۋەندە سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە  خىتايمۇ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى، بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىنى تەيۋەنگە يېقىن جايغا ئەۋەتكەندە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىرىدىنلا كەسكىنلىشىپ كەتكەنىدى.

2016-يىلى دونالد ترامپ پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن دىپلوماتىيە قائىدىسىگە خىلاپ بەزى ئىشلارنى قىلدى، مەسىلەن، تەيۋەن پىرېزىدېنتىنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى قوبۇل قىلدى، يەنە تەيۋەنگە 1 مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدە ھەربىي لازىمەتلىكلەر سېتىلىشقا ماقۇللۇق بەردى، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى مەزمۇن قىلىدىغان كېلىشىمنى ئىمزالىدى. بۇ ئەھۋاللاردىن بىيجىڭ دائىرلىرى بىئارام بولدى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئاراللارغا يېقىن جايدىن ئۇچۇشى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق بولامدۇ؟ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا ئاۋىئاماتكا ئەۋەتىشىنى ئويلىشىشى نېمىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ تەيۋەن بوغۇزى نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋېلا مۇھىم؟ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىقتىسادىي سۈركىلىشتىن ھالقىپ سىياسىي سۈركىلىشكە باردىمۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر