جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام باياناتنامىسى ۋە تاشقى سىياسەت

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

967992
جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام باياناتنامىسى ۋە تاشقى سىياسەت

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەم ئۆزىنىڭ ھەمدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سايلام باياناتنامىسىنى ئېلان قىلدى. سايلام باياناتنامىسى ئەردوغان ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىقتىساد، سەھىيە ۋە ئىچكى سىياسەت بولۇپ نۇرغۇن ساھەدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سايلام باياناتنامىسى نوقۇل 24-ئىيۇندىكى سايلامدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قايتىدىن جۇمھۇر رەئىس بولۇپ سايلانغان تەقدىردە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى نىشانلىرى ۋە ئۇسۇللىرى توغرۇلۇقمۇ بىزگە يىپ ئۇچىلارنى بېرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلىلەردىن بىرى تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتۇر. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2016-يىلى 15-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تۈركىيە سىرتىدىكى تېررورچىلارغىمۇ زەربە بېرىشنى نىشان قىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. دەسلەپ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى قوزغاپ دائېشنى تۈركىيە چېگراسىدىن پۈتۈنلەي تازىلىغان تۈركىيە ئارمىيەسى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا زەيتۇن شېخىي ھەربىي ھەرىكىتى قوزغاپ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنىمۇ پ ك ك –پ ي د تېررورچىلىرىدىن تازىلىدى. بولۇپمۇ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى تۈركىيەنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشىدە تۇتقان يېڭىچە ئۇسۇلىنىڭ قانچىلىك توغرا بولغانلىقىنى  تۈركىيە ئىچىدە دائېش ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇزۇنغىچە يۈز بەرمەسلىكى بىلەن ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى تۈركىيە ئىچىدە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرى نۇرغۇن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالدى. زەيتۇن شېخىي ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىقلمۇ پ ك ك –پ ي د تېررورچىلىرىنىڭ ئامانوس تاغلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىگە سوقۇنۇپ كىرىشى توسۇپ قېلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سايلام باياناتنامىسى دائىرىسىدە، 24-ئىيۇندىكى سايلامدىن كېيىن چېگرا سىرتىدا قايتىدىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. نۆۋەتتە ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرمۇ سايلامدىن كېيىن داۋاملىشىدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇنداقلا تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان رايونلاردا پ ك ك- ي پ گ تېررورچىلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش پىلانىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

سايلام باياناتنامىسىدا بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ خوجايىنلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۆزگىلەرگە خوجايىنلىق قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقى تەكىتلەندى. تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، پۈتكۈل دۇنيادا ۋە رايونىمىزدا دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل تاشقى سىياسىتى داۋاملىشىدۇ. بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنى دۇنياۋى كۈچ سۈپىتىدە تەرىپلىشى تۈركىيەنىڭ نىشانلىرىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، تۈركىيە ھېچكىمنىڭ خوجايىنلىقىنى، ئاكىلىقىنى قوبۇل قىلماي كېلىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش ئۆزگىلەرمۇ ئاكىلىق ۋە خوجايىنلىق قىلىش نىيىتى يوق. تۈركىيەنىڭ مۇستەملىكىنى ئەمەس ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە باراۋەرلىككە تايانغان مۇناسىۋەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئافرىقا قىتئەسىدە يولغا قويۇپ كېلىۋتقان تاشقى سىياسىتى بۇنىڭغا ئۈلگە بولالايدۇ. تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەڭ كۆپ ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان دۆلەت بولۇشى تۈركىيەنىڭ تاشقىي سىياسىتىنىڭ ئىنسانىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ تاشقى سىياسىتىنى ئىزچىل يولغا قويالىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى ۋە بېقىندىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇمكىنقەدەر ئاجىزلىشىشى كېرەك. دەرۋەقە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سايلام باياناتنامىسىدا مۇداپىئە سانائىتىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. تۈركىيە 2011-يىلدىن بۇيان مۇداپىئە سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى %90 ئاشۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قورال ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ ئارقىلىق تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە سىرتقا بېقىندىلىقنى %80تىن %30كە چۈشۈرۈپ غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشتى، تۈركىيەنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە مۇداپىئە سانائىتىدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە، بۇ ساھەدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. تۈركىيە دۇنيادا ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرالايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ قالدى. يەنە كېلىپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ « ئىنسانسىز تانكا ئىشلەپچىقىرىمىز »دېگەن سۆزى تۈركىيەنىڭ ئىلغار تېخنولوگىيەلەردە يېڭى چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتالايدىغان مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە كۈچەيسە تاشقى سىياسەتتىكى نوپۇزىنىمۇ كۈچەيتىدۇ. دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە نىسبەتەن قورال سېتىۋېلىشتا ئىشەنچىلىك شىرىككە ئايلانغان تۈركىيە، خەلقئارا بازارغىمۇ كىردى. تۈركىيە نۆۋەتتە ئافرىقا، پارس قولتۇقى ۋە  ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، شۇنداقلا مالايشىياغا ھەربىي ماشىنىلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ يەنە «ئاتاك»ناملىق تىكئۇچارلارنى ۋە پاراخوتلارنى پاكىستانغا سېتىپ بەرگەندىن سىرت، قاتارغىمۇ «بايراكتار»ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكسپورت قىلىشى ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىدا، لايىھە ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە، شۇنداقلا تاشقى سىياسەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر