ۋەخپەلەر؛ ئۈزۈلمەس خەيرىلىكنىڭ بۇلىقىدۇر (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 18 - 2018

964083
ۋەخپەلەر؛ ئۈزۈلمەس خەيرىلىكنىڭ بۇلىقىدۇر (ئاۋازلىق)

ۋەخپەلەر؛ ئۈزۈلمەس خەيرىلىكنىڭ بۇلىقىدۇر (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 18 - 2018

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغىچە، ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر. نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭدىن تولۇق خەۋەرداردۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسان ئۆلگىنىدە 3 ئىشىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى توختايدۇ.  سەدىقە جارىيە، يەنى پايدىسى داۋاملىشىدىغان خەيرىلىك ئىش. مەنپەئەت يېتىۋاتقان ئىلىم ۋە ئارقىسدىن دۇئا قىلىدىغان خەيرىلىك ئەۋلاد»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر خورما باغچىسىغا ئىگە بولغان ئىدى. ئۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم شۇنداق گۈزەل بىر باغنىڭ ئىگىسى بولغان ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:

«ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن بۇ بېغىم بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمەن. ئۇنى قانداق ئىشلەتسەم بولىدۇ؟»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ باغ ھەققىدىكى تەۋسىيەسى شۇنىڭدىن كېيىن قانچىلىغان ئەسىرلەرگىچە داۋاملىشىدىغان ۋەخپە مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «خالىساڭ تېگىنى ۋەقىپ قىل، مەھسۇلاتلىرىنىمۇ سادىقە قىلىپ تارقاتقىن» دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تېگى سېتىلماسلىق، ھۆددىگە بېرىلمەسلىك ۋە مىراسمۇ قالدۇرۇلماسلىق شەرتى بىلەن پۈتۈن باغنى ۋەخپە قىلىۋەتتى[3].

ئاللاھنىڭ تائالانىڭ قۇرئانى كەرىمدىكى ئىلاھىي يوليورۇقلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىلىك ھاياتى تارىخ بويىچە مۇسۇلمانلارنى خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئۇندىگەن ۋە تەشۋىق قىلغان بولۇپ، ئاللاھنىڭ «سىلەر ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن (ئاللاھ يولىدا) سەرپ قىلمىغىچە، ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر. نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭدىن تولۇق خەۋەرداردۇر[4]» دېگەن ئايىتىنى ئۆزلىرىگە دەستۈر قىلغان مۇسۇلمانلار سەدىقە - ئېھساننى مەڭگۈلۈك ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى. ساھابىلەرمۇ ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن كېيىنكى نەسىللەرمۇ ۋەخپىنى «خەيرىلىكنىڭ بولىقى» دېگەن ئاڭ بىلەن ھەرىكەت قىلغان ئىدى. بۇ ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممىلا بۇلۇڭلىرىغىچە ياخشىلىقنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزىدىغان ئەڭ خەيرلىك ئورگان، ۋەخپىلەر بولغان ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! ۋەخپە؛ ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بايلىقنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان بىر ياخشىلىققا ئايلىنىشى بولۇپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان بايلىق بىلەن مېھرى - مۇھەببەت ۋە كۆيۈم شەپقەت كۆۋرۈكلىرىنى قۇرۇپ چىقىشتۇر.

ۋەخپە؛ مۆئمىننىڭ ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان مال مۈلكىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇش تىرشچانلىقى شۇنداقلا ئىنسانلارنى رەنجىتمەستىن، ئوڭ قولى بەرگەننى سول قولى بىلمەيدىغان شەكىلدە خەيرى - ئېھسان قىلىشتۇر.   

شەخسىيەتلچىلىك ۋە تاماخورلۇقنى بىر ياققا چۆرۈپ تاشلاپ، ساخاۋەت ۋە مەرتلىككە سېلىنغان مەبلەغ ۋەقىپ ئارقىلىق داۋاملىشدىغان بىر ساۋابقا ئايلىنىپ كەلمەكتە. بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز مۇساپىرلارغا قونالغۇ، يوقسۇللارغا تاماق، ئىشسىزلارغا خىزمەت، قەرزدارلارغا ياردەم، ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلە بولۈپ كەلگەن قانچىلىغان ۋەقىپلەرنىڭ ساھىبخانى ئىدى. ۋەخپىلىرىمىز يېتىملەرگە شەپقەت ماكانى، كېسەللەرگە شىپا مەكىزى، مۇھتاجلارغا ياردەم قولى، ياشانغانلارغا ئارام ئېلىش ئۆيى بولغان ئىدى. ھەتتا ئورماندىكى يارىدار بولغان، ئۇۋىسىز قالغان قۇش، ھايۋانلار ئۈچۈنمۇ قۇرۇلغان ۋەقىپلىرىمىز بار ئىدى. يالغۇز ئىنسانلارغىلا ئەمەس، جانلىق، جانسىز پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئالامىگە مېھرى - شەپقەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان تەڭداشسىز ئۈلگىلەرنى ياراتقان ئىدى.

ئەزىز قېرىداشلار! ئالىيجاناب ئەجدادلىرىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قۇرغان ۋەقىپلىرىدىن مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىزچىل مەنپەئەتلىنىپ كەلمەكتىمىز. جامىلەر، بۇلاقلار، بازارلار، كارۋان سارايلار، دوختۇرخانا ۋە كۈتۈپخانا قاتارلىق سان - ساناقسىز خەيرىلىك خىزمەتلەر ئاتىلىرىمىزنىڭ ياداگارى سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 

قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! تارىخىمىزدىن مىراس ئالغان بۇ ئۇلۇغ ئامانەتنى قوغدايلى! دېڭىزدەك قەلبىمىز بىلەن ۋەخپە مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتەيلى! خىمىرتۇرىچى سەمىمىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان، يەر يۈزىدە خەيرى ئېھسانلار، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكلەرنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋەقىپلىرىمىزگە ئىگە چىقايلى!

ساخاۋەتپەرۋەر مىللىتىمىزنىڭ ياردەملىرىنى دۇنيانىڭ ھەممىلا ئەتراپىدىكى ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىمىز، ھەم تۈركىيەدە، ھەم دۇنيانىڭ پۈتۈن ئەتراپىدا جامىلەرنى سالماقتا. ئەزاننى ئەڭ مۇقەددەس كۆرىدىغان خەلقىمىز ۋەقپىمىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋەقپىمىز تەرىپدىن يېقىندا بلاشلانغان ۋە ھازىرمۇ قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان «بىر خىشنى بولسىمۇ، مەن قوياي» سەپەرۋرەلىكىگە قاتتىق قىزىقىش بىلەن ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە. شۇڭا سىلەر قەدىردان جامائىتىمىزغا چوڭقۇر رەھمەت بۇرچىمىز بار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان يارىدىمىڭلارنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە قوبۇل قىلسۇن. بىز يوللىغان كىچىكىنە ياردەممۇ كوسوۋادا ياكى جىبۇتىدا بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ بىرەر ۋىلايىتىدىكى ئۇنىۋېسىتېتلارنىڭ تېمىدا بىزنىڭمۇ بىرەر خىشىمىز بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن.

خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىس شەرىپى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

«ئىنسان ئۆلگىنىدە بۇ 3 ئىشىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى توختايدۇ.  سەدىقە جارىيە، يەنى پايدىسى داۋاملىشىدىغان خەيرىلىك ئىش. مەنپەئەت يېتىۋاتقان ئىلىم ۋە ئارقىسدىن دۇئا قىلىدىغان خەيرىلىك ئەۋلاد»

 ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز رازىلىقۇغا ئېرىشتۇرىدىغان يوللاردىن قەتئىي ئايرىمىسۇن ئامىن!!!

 


[1] - سۈرە ئالى ئىمران، 92ئايەت

[2] - مۇسلىم، ۋەسىيەت بابى، 14ھەدىس

[3] - مۇسلىم، ۋەسىيەت، 15ھەدىس

[4] - سۈرە ئالى ئىمران، 92ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر