سۈرىيەدە چوڭ كۈچلەرنىڭ نوپۇز تالىشىش كۈرىشى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

سۈرىيەدە چوڭ كۈچلەرنىڭ نوپۇز تالىشىش كۈرىشى

سۈرىيەدە چوڭ كۈچلەرنىڭ نوپۇز تالىشىش كۈرىشى

سۈرىيەدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ كۈرىشى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن بەكرەك گەۋدىلىك بولماقتا. ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2011-يىلى خەلقنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ سۈرىيەنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا سۈرىيەنى ئۇرۇش پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىشى سەۋەبىدىن سۈرىيە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ نوپۇز تالىشىش سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتكەن سۈرىيە بىر تەرەپتىن ئىچكى ئۇرۇش ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا سەھنە بولىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نوپۇز تالىشىش كۈرىشى ۋە «شايكىلار»ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا سەھنە بولماقتا. رۇسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەگە ئوخشاش چوڭ كۈچلەردىن سىرت ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش رايونلۇق كۈچلەرمۇ سۈرىيەدە نوپۇز تىكلەشكە تىرىشماقتا.

خەلقئارادىكى چوڭ كۈچلەر بىلەن رايونلۇق كۈچلەر سۈرىيەدە تەسىر دائىرىسى يارىتىش ۋە نوپۇزىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شايكىلاردىن پايدىلانماقتا. رۇسىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ھەربىي، دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە، ئىرانمۇ ئەسەد بىلەن بىر سەپتىن ئورۇن ئالماقتا. رۇسىيە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىگە تەۋە قىسىملاردىن سىرت، رۇسىيەلىك نۇرغۇن «مائاشلىق»ئەسكەرمۇ سۈرىيەدە «ۋەزىپە»ئۆتىمەكتە. ئىران بولسا ئەسەدنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش بىلەنلا بولدى قىلماي، ئادەم كۈچى بىلەنمۇ تەمىنلىمەكتە. ئىران سۈرىيەدە ھىزبۇللاھ، ئافغان فاتىمىييۇن قوراللىق ئۇنسۇرلىرى، ئىراقلىق نۇجەبا ھەرىكىتى ۋە پاكىستانلىق زەينەبىييۇن قوراللىق ئۇنسۇرلىرىدىن پايدىلانماقتا. ئىران بۇ ئۇنسۇرلاردىن سىرت خەلق مۇھاپىزەت قوراللىق قىسىملىرى نامى ئاستىدا نۇرغۇن سۈرىيەلىكنىمۇ ئىشقا سالماقتا. ئىران سۈرىيەدە چەت ئەللىك «شايكىلار»دىن سىرت، ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىمۇ جەڭگە سالماقتا. رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ يەنە سۈرىيەنىڭ نۇرغۇن شەھىرىدە ھەربىي بازىلىرى ۋە ئايرودۇرۇملىرى بار.

سۈرىيەدە ئىران ۋە رۇسىيەدىن سىرت ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىمۇ «ۋەزىپە»ئۆتىمەكتە. غەرب لاگېرى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان بۇ كۈچلەر دائېشقا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ پ ي گ تېررورچىلىرىغا يانتاياق بولماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي گ باشچىلىدا قۇرۇلغان سۈرىيە دېموكراتچى كۈچلىرى بىلەن سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇنبىچتىن شەرقىي جەنۇبتىكى ئەبۇ كەمالغىچە سوزۇلغان لىنىيەنى كونترول قىلماقتا. ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ بۇ جايلاردا 25گە يېقىن ھەربىي بازىسى بار. شۇنداقلا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تەلەف رايونىدا جەمئىي 2 ھەربىي بازىسى مەۋجۇت. بۇ رايوندا ماگاۋىر ئەل ساۋرا قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا. دەسلەپ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغان سەئۇدى ئەرەبىستان، نۆۋەتتە  تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ باشچىلىقىدىكى سۈرىيە دېموكراتچى كۈچلىرىنى قوللىماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە دېموكراتچى كۈچلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان جايلارغا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالماقتا.

سۈرىيەدە يەنە تۈركىيە ئەسكەرلىرىمۇ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. تۈركىيە ئىدلىبتىكى توقۇنۇشسىز رايونلارنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە 9 كۆزىتىش بازىسى قۇرۇپ چىقتى. بۇ رايونلاردا جەمئىي 12 كۆزىتىش بازىسى قۇرۇپ چىقىش پىلانلانماقتا. تۈركىيە يەنە فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرى قوزغاپ دائېش ۋە پ ي گ تېررورچىلىرىدىن تازىلانغان رايونلاردا ئەسكەر تۇرغۇزماقتا. سۈرىيە خەلقىگە نىسبەتەن بىخەتەر ھالەتكە كەلگەن ئافرىن، ئەزىز، ئەل-باب ۋە جەرابلۇس رايونلىرىنىڭ ئامانلىقىنى تۈركىيە ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەن سۈرىيە ساقچى تەشكىلاتى خادىملىرى قوغدىماقتا. سۈرىيە ساقچى تەشكىلاتى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ۋە سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە قارايدۇ. شۇنداقلا سۈرىيەدە قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيەمۇ سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىقتۇر. قاتار بولسا «قاتار كىرىزىسى»دىن ئىلگىرى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىغان ئىدى، بىراق كېيىنچە مۇھاسىرە ئاستىدا قالغان قاتارنىڭ سۈرىيەدىكى نوپۇز دائىرىسى تارىيىپ كەتتى.

سۈرىيەدە ئىسرائىلىيەمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. ئىسرائىلىيە 1967-يىلى سۈرىيەدىكى گولان تۆپىلىكىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانىدى. 2011-يىلى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە گولان تۆپىلىكىدىكى نوپۇزىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىراننىڭ سۈرىيەدە شايكىلىرىنى كۆپەيتىپ كۈچلۈك نوپۇزغا ئېرىشىۋېلىشىدىن بىئارام بولغان ئىسرائىلىيە، پات-پات سۈرىيەدىكى ئىران ۋە ھىزبۇللاھقا تەۋە بازىلارنى بومباردىمان قىلماقتا.

ئەسەد ھاكىمىيىتى 2011-يىلى خەلقىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا رەت قىلىپ سۈرىيەنى ئۇرۇش پاتىقىغا سۆرەپ كىرىشى سەۋەبىدىن سۈرىيە خەلقئارا ۋە رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ نوپۇز تالىشىش سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان سۈرىيە ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە رايونغا پارچىلىنىپ كەتتى. لېكىن سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنى نوقۇل خەلقئارا ۋە رايوندىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ نوپۇز تالىشىش كۈرىشى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىش يۈزەكىلىك بولىدۇ. چۈنكى سۈرىيەدە ھېلىھەم ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر