ئازادلىقنىڭ ياڭراق ساداسى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 16 - 2018

955934
ئازادلىقنىڭ ياڭراق ساداسى (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىدىغان، سالىھ ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە "مەن شۇبھىسىزكى مۇسۇلمانلاردىنمەن" دېگەندىنمۇ گۈزەل سۆزلۈك كىشى بولامدۇ؟»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئىنسانلار ئەگەر ئەزان ئوقۇشنىڭ ۋە بىرنچى سەپتە نامازغا تۇرۇشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، شۇنداق قىلىشقا ئالدىراپ ئۆزئارا چەك تاشلاشقان بولاتتى»[2]

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!  «ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!» دېگەن بۇ سادا، بۇ ئەزان ئەسلىدە ئازادلىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى شۇنداقلا ياڭراق ساداسى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەزان ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان شەھەرنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى جاكارلايدۇ. شۇڭلاشقا مەرھۇم ئاتاقلىق ئىسلام شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ئۆز مىسرالىرىدا:

بۇ ئەزانلار كى، شاھادەتتۇر، ھۇلىدۇر دىنىمنىڭ.

مەڭگۈ ياڭىرىشى لازىم ئۈسىتىدە يۈرتۇمنىڭ.

دېيىش ئارقىلىق بۇ ھەقەتلەرنى تىلغا ئالغان ئىدى. 

يەنە شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، ئەركىنلىك ئىماننىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ھەقىقىي ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق پانى دۇنيانىڭ ئەسىرى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. مانا بۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!» دېگەن سادا، بۇ ياڭراق ئەزان دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىنى ھەر دائىم ئالەملەرنىڭ پەۋرەردىگارىغىلا قۇل بولۇشقا يەنى ئىنسانىي قۇللۇقلاردىن ئازاد بولۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار، «ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!» نىڭ ساداسى ھەر كۈنى 5 قېتىم مەسچىت مۇنارلىرىمىزدا ياڭرىغان چاغىدا رەببىمىزنىڭ تەستىقى سۈپىتىدە مۆمىنلەرنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا ۋە ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىدۇ.

«دۇنيا ئىشلىرىدىن سىلكىنىڭلار! بەندىچىلىكنىڭ تەقەززاسى بولغان ناماز ئۈچۈن قىيامدا تۇرۇڭلار!» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئىسلامنىڭ بۇ ياڭراق ساداسى گويا پۈتۈن ۋاقىتلارنىڭ دەل قەلبىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ. چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلارنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ، يەككە ھالىتىدىن جامائەت ھالىتىگە، ئۈمىتسىزلىكتىن ئۈمۈدۋارلىققا ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! رەھمەت ئەلچىسى پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئۆز ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن بىزگە مەڭگۈلۈك سۆيگۈ - مۇھەببىتىنى مىراس قالدۇرۇپ، بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى. ساھابىلىرى ئۇنىڭغا تۈززۈككىنە بىر قانمىغان ئىدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۇئەززىنلەر شاھى» دەپ تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولغان ھەبەشىستانلىق بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بار ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق ئازابلانغانلىقىتىن، مەدەنىدە تۇرېۋىرىشكە بەرداشلىق بېرەلمىدى. «ئەمدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئەزان ئېيتمايمەن، ھەرگىزمۇ ئېيتمايمەن» دېگىنىچە پەيغەمبەر دىيارىدىن كېتىپ قالدى. بىراق تومۇر تومۇرلىرىغىچە سېڭىپ كەتكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيگۈسى ئۇنى يەنە مەدەنىگە كېلىشكە مەجبۇر قىلدى. مەدەنىگە كىرگىنىدە بامدات نامىزى بولۇش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇدۇللاھ راۋزىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قەبرى بېشىغا بېرىپ بولىشىغا يىغلىدى. قەلبىدىكى پۈتۈن سىغىنىشلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن نەملىدى. شۇ ئەسنادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ھەسەن بىلەن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدكە كىرىپ كەلدى ۋە بىلالنىڭ ئەزان ئوقۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا مەسجىت تېمىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئەزان ئوقۇشنى باشلىدى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىرىدە ياڭرىغان ساداسىنىڭ مەدىنە ئاسمىنىدا قايتىدىن ياڭرىشى پۈتۈن مەدىنىنى لەرزىگە سالدى. گويا تارىخ قايتىدىن جانلانغاندەك بولدى. پۈتۈن شەھەر ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى. بوقۇلداپ يىغلاپ كېتىۋاتقان مەدىنە ئاھالىسى شۇ كۈنى ھاياتىدىكى ئەڭ ئازابلىق كۈنلەردىن بىرنى تەكرار باشتىن كەچۈرگەندەك ئىدى.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۇ ۋەقە بىزگە مۆمىنلەرگە نىسبەتەن ئەزاننىڭ ئەھمىيىتى، مەنىسى ۋە بەرمەكچى بولغان سىگنالىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەزان ھەر قېتىم ئوقۇلغاندا ۋە ھەر قېتىم ئوقۇلغان جايدا، تەسەۋۋۇرىمىزدا گويا تۈنجى قېتىم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەزان ئوقۇغان كۈنگە ئوخشاش چوڭقۇر مەنىلەر، چوشقۇن ھېسسىياتلار ۋە ئەسلىمىلەرنى جانلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىرلا شەرتى ئەزانغا چىن يۈرەكتىن قۇلاق سالغان ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر قەلب بىلەن چۈشۈنۈشكە تىرىشقان بولىشىمىز لازىم.

دەرۋەقە ئەزان؛ بىلال ھەبەشىنىڭ ناماز ئۈچۈن سوققان يۈرىكىنىڭ ئېغىزىدىن تۆكۈلگەن ساداسىدۇر.

ئەزان؛ تەۋھىدنىڭ سىمۋولى، ئىسلامنىڭ سۆز ۋە سادا بىلەن ئىپادە تېپىشىدۇر.

ئەزان؛ مۇسۇلماننىڭ قەلبى، ئەقلى، روھى ۋە بەدىنىنى تەڭلا ھەرىكەتكە ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ تۈرتكىلىك چاقىرىقتۇر. يەنى خۇددى سۈرە فۇسسىلەتنىڭ 33- ئايىتىدە «ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىدىغان، سالىھ ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە "مەن شۇبھىسىزكى مۇسۇلمانلاردىنمەن" دېگەندىنمۇ گۈزەل سۆزلۈك كىشى بولامدۇ؟» دېيىلگىنىگە ئوخشاش ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئاندا تەرىپلەنگەن ئەڭ گۈزەل چاقىرىقلارنىڭ بىرسىدۇر.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئەزان ئىنسانغا تۇغۇلىشىدىن تا ئۆلگەنگە قەدەر ھەمراھ بولىدۇ. دۇنياغا تۈنجى كۆزىنى ئاچقان بۇۋاقنىڭ قۇلاقلىرىغا ئەزان ئوقۇلىدۇ. ھەر بىر مۆمىن ھاياتقا مەرھابا دېگىنىدە ئەزان ئارقىلىق رەببىنىڭ ئىسمى بىلدۈرىلىدۇ. گويا تۈنجى مەنىۋىي ۋاكسىن ئۇرۇلغان بولىدۇ. مانا بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەزان بارلىق مەنىۋىي كىرلارنىڭ، يامانلىقلارنىڭ ۋە ئازغۇنلۇقلارنىڭ ھاياتى بويىچە ئۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىن ئۇزاق تۇرىشى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا ھېسابلىنىدۇ.

ئەزان؛ ئىسلامنىڭ شەرەپ سىمۋوللىرىدىن بىرىدۇر، ھەدىس - شەرىپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىنسانلار ئەگەر ئەزان ئوقۇشنىڭ ۋە بىرنچى سەپتە نامازغا تۇرۇشنىڭ ساۋابىنى بىلسە ئىدى، شۇنداق قىلىشقا ئالدىراپ ئۆزئارا چەك تاشلاشقان بولاتتى» (بۇخارىنىڭ ئەزان بابى – 9 ھەدىس) دېگەن سـۆزلىرىمۇ ئەزاننىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ بېرىدۇ.

ئەزان؛ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ سىمۋولى ۋە ئورتاق بايلىقىدۇر.

ئەزان؛ تىللىرى، تەن رەڭگى، ئىرق ۋە مىللەتلىرى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى بىرلا ساداغا مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلەشتۈرىدۇ. مۆمىنلەرنى بىر گۈمبەزنىڭ ئاستىدا مۇرىنى -مۇرىگە تىرەپ، بىر سەپكە تىزىش ئارقىلىق ھەممەيلەننى باپ – باراۋەر قىلىدۇ. كۆپىنچى ۋاقتىمىزدا دۇنيانىڭ ئىشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ قىلىۋاتقان بىز مۇسۇلمانلارنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا سەپ تۇتۇشقا، چۇشقۇن كەيپىياتقا چۆمۈلۈشكە چاقىرىدۇ، بۇ چاقىرىقىنى ھەر دائىم يىڭىلاپ «ھەييە ئەلەسسەلاھ! ھەييە ئەلەل فەلاھ! (يەنى كېلىڭلار نامازغا، كېلىڭلار نىجاتلىق تەرەپكە)» دەپ چاقىرىپ تۇرىدۇ.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۇ ھەر كۈنى 5 قېتىم ياڭرايدىغان قۇتلۇق ساداغا رۇكۇ ۋە سەجدە بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىغان كىىشلەر نېمە دېگەن بەختلىك ئىنسانلار ھە؟! بۇ ئازادلىقنىڭ ساداسىغا ھەر كۈنى 5 قېتىم «مانا ئى رەببىمىز! ساڭىلا باش ئېگىمىز، سېنىلا ئۇلۇغلايمىز، سەندىن باشقا ئىلاھ يوقلۇقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە، نىجاتلىق ۋە بەختىيارلىقنىڭ مۇشۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇشىمىزغا باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز ۋە شاھىت بولىمىز» دېيەلىگەنلەرگە بەخت يار بولسۇن. ئامىن!

 

[1] - سۈرە فۇسسىلەت  33 - ئايەت

[2] - بۇخارى، ئەزان بابى  9  - ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر