ئىسلامدا ئاياللار؛ ئادالەت، مېھرىبانلىق ۋە ھەققانىيەت (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 10 - 2018

ئىسلامدا ئاياللار؛ ئادالەت، مېھرىبانلىق ۋە ھەققانىيەت (ئاۋازلىق)

ئىسلامدا ئاياللار؛ ئادالەت، مېھرىبانلىق ۋە ھەققانىيەت

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق. بىر بىرىڭلار بىلەن تونۇشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جەمەت ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنىڭلار، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ئەڭ قورقۇيدىغان (تەقۋادار) كىىشلەردۇر. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەممىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر. ھەممە نەرسىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۈستىدە ھەق ھوقۇقىڭلار بولغانغا ئوخشاش ئاياللىرىڭلارنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈستىڭلاردا ھەق - ھوقۇقى بار»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! ئىنسانلار ئەقىللىق، مەسئۇلىيەتچان ۋە ئەڭ شەرەپلىك مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە. ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدار ۋە ئالاھىدىكلەر بىلەن يارىتىلىشىدا سان ساناقسىز ھېكمەتلەر بار ئەلۋەتتە. شۇنىسىمۇ بىر ھەقىقەتكى، ئەر ۋە ئايال ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاش شەرەپكە ئىگە ۋە بەندە بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ ئوخشاش دەرىجىدە مەسئۇلىيەتلىرى باردۇر. ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئۇيغۇن شەكىلدە تۇرمۇش كەچۈرۈش، دۇنياغا ياخشىلىق، ئادالەت ۋە مېھرى - شەپقەتنى يېيىش، يامانلىق، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەم ئاياللارنىڭ ھەم ئەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. چۇنكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە «مۆئمىن بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيلى ئەر، مەيلى ئايال، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلا بولسا جەننەتكە كىرىدۇ ۋە ئۇلارغا زەررىچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ»[3] دەيدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى قىممىتى ۋە ھەق ھوقۇقلىرى ئۈستىدە توختىلىنغان نۇرغۇن ئايەتلەر بار. قۇرئان كەرىم پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى ھەزرەتى ھاۋادىن ئېتىبارەن تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھەققىدە سۆز قىلىدۇ. ئىمان ۋە جاسارىتى بىلەن ھەزرەتى ئاسىيە، ئىپپەت ۋە سەبىرچانلىق بىلەن ھەزرەتى مەريەم، ساداقەت ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش بىلەن ھەزرەتى ھاجەر قاتارلىق ئانىلىرىمىز بىزلەرگە ئۈلگە كۆرسىتىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۈنجى قېتىم ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن كىشى ھەزرەتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىدى. ئىسلامغا بولغان سۆيگۈسى يولىدا تۈنجى شېھىت بولغان كىشى ھەزرەتى سۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىدى. پەيغەمەر ئەليھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدىن ئىلىم، سۈننەت ۋە ھېكمەتنى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىغا يەتكۈزگەن كىشى ھەزرەتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولغان ئىدى.

مانا بۇ تەڭداشسىز ئۈلگىلەرنىڭ سايىسىدا دىنىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاياللارغا بولغان چۈشەنچىسى داۋاملىق ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ۋە ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ كەلمەكتە. ئاياللارغا نىسبەتەن قانداقلا يەردە قالاق ئاڭ ۋە زالىم پوزىتىسيە بولىدىكەن ئۇ جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قالدۇقلىرىدۇر.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ھەق ھوقىقى بىلەن تۇغۇلىدۇ. جىنسى سەۋەبىدىنلا بۇ ھەق - ھوقۇقلاردىن بىر ئىنساننى مەھرۇم قىلىش ئىسلامغىمۇ ۋە ئىنساپقىمۇ سىغمايدۇ. قىز بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن بىر بالىنىڭ تۇغۇلىشىغا قايغۇرۇش، ئۇنى خور كۆرۈش، مائارىپتىن مەھرۇم قىلىش، كىچىك ۋاقتىدا مەجبۇر تويىنى قىلىش زۇلۇمدۇر. ۋاھالەنكى 4 قىزنىڭ دادىسى بولغان سۆيۈملۈك پەيغەمبەرىمىز بىزلەرگە قىز پەزەنتلەرنىڭ بىزگە نىسبەتەن رەھمەت ۋە مەغپىرەت ۋەسىلىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە خۇش خەۋەر بەرگەن ئىدى. «كىمكى قىز پەرزەنتلىرىنى يېتىشتۇرۇش يولىدا بەزى قېيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىدىكەن، قىزلىرى ئۇنى جەھەننەم ئوتىدىن قوغدايدىغان سېپىل بولىدۇ» دېگەن ئىدى.[4]

شۇنىڭدەك ئانىلىرمىز بىزنىڭ سۆيگۈ بۇلۇقىمىز ۋە دۇئا دەرۋازىمىزدۇر. سىڭدۈرگەن ئەمگىكىنىڭ ھېسابىنى تۇتمايدىغان، ھېچ قانداق بەدەل كۈتمەستىن، بەخش ئېتىشنىلا بىلىدىغان، ئاياقلىرىنىڭ ئاستى جەننىتىمىز ھېسابلىنىدىغان ھەر بىر ئانا ياخشىلىققا ۋە كۆيۈم - شەپقەتكە ھەقلىقتۇر.

قۇرئان كەرىم ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئائىلە قۇرۇشىنىڭ، خاتىرجەملىككە ئېرىشكەنلىك بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قىلىپ بېرىدۇ:

«ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرسى شۇكى، ئۇ سىلەرگە يېنىدا ھوزۇرلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۆز تىپىڭلاردىن ئاياللارنى ياراتتى ھەمدە ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت ئورناتتى. شەك- شۈبھىسىزكى، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر باردۇر»[5]

دېمەك، ئاياللىرىمىز دۇنيا ھاياتىنىڭ يۈكلىرىنى بىرلىكتە كۆتۈرگەن، غەم - قايغۇلاردا بىرلىكتە بولغان غەمغۇزارلىرىمىزدۇر. ئۆيىمىزنى، سۆيۈنچىمىزنى ۋە شاتلىقىمىزنى ئورتاقلاشقان ھاياتلىق دوستىمىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەسھىسسالاممۇ ئاياللار بىلەن ئەرلەرنى بىر پۈتۈننىڭ بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى ئايرىم پارچىسى»[6] دەپ تەرىپلىگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بىر بىرىمىزگە مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ بىلەن باغلىنىشنىمىزنى، بىر - بىرىمىزنى قوغداش ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىمىزنى ئۆگەتكەن ئىدى. چۈنكى ساغلام ۋە خاتىرجەم بىر جەمئىيەتنى چوقۇم ئەرلەر بىلەن ئاياللارلا بىرلىكتە قۇرۇپ چىقالايدۇ

مۆھتىرەم مۇسۇلمان قېرىنداشلار! بۈگۈن ئىنسانىيەت دۇنياسى باشقا بارلىق مەسىلىلەردىكىگە ئوخشاش ئاياللارنىڭ ھەق ھوقۇقى مەسىلىسىدىمۇ ئېغىر بىر سىناقتىن ئۆتمەكتە. دۇنيانىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدىكى ئۇرۇش، زوراۋانلىق ۋە ھاكىم مۇتلەقلىقنىڭ دەردىنى ھەممىدىن بەكرەك ئاياللار چەكمەكتە. ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە تولغۇنىۋاتقان، تۈرمىلەرگە قامىلىۋاتقان ئاياللار ياردەملىرىمىزنى كۈتمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن «ئاياللار ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار! چۈنكى سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە ئالدىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ نىكاھلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلىدىڭلار»[7] دەپ بۇيرىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۆپىنچە چاغلاردا بۇ سەزگۈرلىكلىرىمىزگە ئىگە چىقالماي كەلمەكتىمىز. پۈتۈن ھاياتى بويى ئايال كىشىگە بىر قېتىم بولسىمۇ قول سېلىپ باقمىغان پەيغەمبەرنىڭ ئىزىدا مېڭىشىمىز كېرەكلىك ئىكەنلىكىنى، ئاياللارغا نىسبەتەن كۆيۈم - شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىملىقىنى ئۇنتۇپ قىلماقتىمىز. شۇڭا ئەپسۇسكى، زوراۋانلىق، سۇيىئىستېمال ۋە ئاياللارغا يۈزلەنگەن جىنايەتلەر ئەۋج ئالماقتا.

بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغا قارىتا قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! ئاياللارغا نىسبەتەن، كۆيۈم - شەپقەتلىك، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتتىن قەتئىي ئايرىلمايدىغان بولايلى!

«سىلەردىن ئەڭ خەيرىلىك بولغىنىڭلار، ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر» دېگەن ھەدىس شەرىپنىڭ روھىغا ماس مۆئمىن بولايلى!

ئاياللىرىمىزدىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ بۇ ئامانىتىنى قوغدۇغۇچى مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ دۇئانى قىلايلى!

ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز بىلەن كۆزلىرىمىزنى ئىللىتقىن (يورۇتقىن)، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى قىلغىن!»[8] ئامىن!!!

 


[1] - سۈرە ھۇججىرات 13ئايەت

[2] - تىرمىزى، رادا بابى 11ھەدىس

[3] - سۈرە نىسا، 124ئايەت

[4] - بۇخارى، زاكات بابى، 10 - ھەدىس

[5] - سۈرە رۇم، 21ئايەت

[6] - ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت بابى، 94ھەدىس

[7] - مۇسلىم/ ھەج بابى، 147ھەدىس

[8] - سۈرە فۇرقان، 74ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر