مۆتىدىل غەرب ئېھتىياجى

دۇنيا كۆزنىكى (10)

مۆتىدىل غەرب ئېھتىياجى

مۆتىدىل غەرب ئېھتىياجى

 

«مۆتىدىل غەرب ئېھتىياجى»

 دۇنيا كۆزنىكى (10)

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «مۆتىدىل غەرب ئېھتىياجى»تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

 

تارىخ ئىلمى؛ ئىبرەت ئېلىنغاندىلا ئاندىن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىلىم بولىدۇ. ئەمما ئەپسۇسكى بىز تارىختىن دەرس ئالمايمىز. ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئازابلارنى ئۆلۈملەرنى ۋە زۇلۇملارنى تولىمۇ تىز ئۇنتۇپ كېتىمىز.

 

ۋەھشىي غەربتىن مۆتىدىل غەربكە

 

ئالدىنقى بىر ئەسىردىلا باشقا ھېچ نەرسىسىنى دېمىگەندىمۇ، غەرب دۇنياسى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىش مەقسىتى بىلەن تارىختا يۈز بەرگەن بارلىق ئۇرۇشلاردىن كۆپ ئۆلۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان، قان ۋە كۆز يېشى ئېقىتقان 2 چوڭ دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولدى. ئۆزلىرى سەۋەب بولغان 1  - ۋە 2دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۇرۇشتىن كېيىن بولسىمۇ ئىشقا ئاشتى. بولۇپمۇ ياۋروپا قىممەت قاراشلارغا يۈزلەنگەن سىياسەتلەرنى يارىتىشقا باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدا شەكىللەنگەن، ياۋروپا ھەمكارلىقى، ئورتاقلىقى، ئەركىنلىكلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىغان سىياسەتلىرى ياۋروپا رايونىغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلدى.

مۆتىدىل غەربتىن ۋەھشىي غەربكە

 

بىراق بۈگۈنكى كۈندە يېتىپ كەلگەن نۇقتىدا دۇنيا قايتىدىن تەھدىتكە مايىل بىر دۇنياغا يۈزلەنمەكتە. ئامېرىكا، شىمالىي كورېيە ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېقىنقى باياناتلار، گويا قارشى تەرەپنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىمىيەلىك ۋە يادرولۇق بومبىلارغا ئىگە ئىكەنلىكى، كىمنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن ئېتىش كونۇپكىسىغا باسالايدىغانلىقى ھەققىدە بىر - بىرىسى بىلەن مۇسابىقىغا چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنۈشلەرگە شاھىت بولماقتىمىز.

غەربتىكى كىشلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، كۆپ خىللىق، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش شەكىللىرىگە ھۆرمەت قىلىش... قاتارلىق قىممەت قاراشلار كۈنسىرى تېخىمۇ ناچارلىشىشىقا باشلىماقتا. ئىسلامغا ۋە كۆچمەنلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى كۈنسىرى كۈچەيمەكتە. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2017يىلىدىلا گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا قارىتا 950 قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى[1]. يەنى بىر يىلدا 950 قېتىم ھۇجۇم. شەرقتە ياكى لاتىن ئامېرىكىدا ۋە ياكى بىرەر مۇسۇلمان دۆلەتتە بۇ ھۇھۇجملارنىڭ %10 پەرسەنتى خىرىستىيان ياكى يەھۇدىيلارغا قارشى يۈز بەرسە، دۇنيانىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالايسىز. ھېچ شۈبھىسىزكى، ئۇنداق بولۇشىنى قەتئىي ئارزۇ قىلمايمىز. چۈنكى غەربتىكى ئۆچمەنلىك ۋە ھۇجۇملار باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئۈلگە بولماسلىقى لازىم.

غەرب دۇنياسىدىكى مۇسۇلملارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ئەپسۇسكى، يالغۇز گېرمانىيەگىلا خاس ئەمەس. پۈتۈن غەرب دۇنياسى بۇ خىل ۋەقەلەرنى ساداسىز شەكىلدە نەزەردىن ساقىت قىلىپ كېتىۋاتماقتا. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا يېقىنقى مەزگىلگە قەدەر باشقا تۇرمۇش شەكلىگە ئىگە كىشىلەر ئۆزلىرىنى بۇنداق ئېغىر تەھدىت ئاستىدا ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى. نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا، ئىگە چاقىسىزلارغا ۋە پاناھلانغۇچىلارغا قارىتا بىر تەرەپتىن پاناھلىنىش ھوقۇقىنى قېيىنلاشتۇرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك، د ھ ك پ ج غا ئوخشاش ئۆز دۆلىتىدە ھەر تۈرلۈك جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتنىڭ قاتىلى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا قارىتا ئۆزىدىن پاناھلىق تېلىشى ئۈچۈن گويا تەكلىپنامە ئەۋەتمەكچى بولغاندەك ئىشلارنى قىلماقتا. دۇنيادا تېررورچىلارنىڭ بۇنداق پاناھجايىغا ئايلانغان باشقا دۆلەتلەرمۇ بارمىدۇ؟ راستىنى ئېيتسام، جاۋابىغا قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن.

يەنە بىر تەرەپتىن غەربتىكى ئەركىنلىك سۆيەر، كۆپ خىللىقنى، دېموكراتىيەنى قوللايدىغانلارنىڭ بولسا، بارغانچە ساداسى قىسىلماقتا. ئەركىنلىك سۆيەر، كۆپ خىللىقنى ۋە دېموكراتىيەنى قوللايدىغان پارتىيەلەر بەزى دۆلەتلەردە ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيىەت قورالماي، بىرلەشمە ھاكىمىيەتلەرنى قۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا. ئەمدىلىكتە غەربتە مۆتىدىللىقتىن ئۇزاق، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى پەرقلىق كۈلتۈرگە ئىگە كىشىلەرگە، قوشنىلىرىغا ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەھدىت سالالايدىغان رەھبەرلەر ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا.

 

بىر دەملىك بولسىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! پۈتۈن ئىنسانىيەتنى يوقۇتۇپ تاشلاش قودرىتىگە ئىگە يادرو ۋە خىمىيەلىك قوراللار ئەگەر ئاشۇ ئاشقۇن ئېقىملارنىڭ ھۆكۈمىتىگە ۋە باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ كەتسە، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئادالەت، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق دېگەن تېرمىنلارنىڭ ئورنىنى نەپرەت، چەتكە قېقىش، ياتلاشتۇرۇش، ئايرىمچىلىق، يوقۇتۇپ تاشلاش، قاتارلىق تېرمىنلار ئىگلەللىمەسمۇ؟ ئۇنداق چاغدا ئۆزىگە ئوخشاش قاراشتا بولمىغانلارنى ئىنسان قاتارىدىمۇ كۆرمەيدىغان رادېكال غەربلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىرىدا بۇ قوراللار قانداق ئىشلىتىلەر؟

دېمىىسمۇ بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن قورقۇنتچلۇق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

بۇ قوراللارنىڭ 1ۋە 2دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇنچە قورقۇنچلۇق سەۋىيەدە ئەمەسلىكىگە قارىماستىن، قانداق چوڭ ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.  ئەگەر بۇ قوراللارنىڭ بۈگۈنكى يوق قىلىش ئىقتىدارىنى ئويلىشىدىغان بولساق، ئەگەر ئاشقۇن ئېقىملارنىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ كەتسە، قىيامەت قوپىدىغانلىقى ئېنىق.

مانا بەزى ھەددىنى بىلمەسلەر ھازىردىن باشلاپلا «تەڭرىنىڭ ئالقىنىدىن قىيامەتنى تارتىپ ئېلىش» ياكى «تەڭرىنى قىيامەتكە زورلاش» دېگەن تېمىلاردا ماقالىلارنى يازماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئۆز دۆلىتىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقلارغا، ئەركىنلىكلەرگە، ئالەمشۇمۇل قىممەت قاراشلارغا زىت ھەر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشنى راۋا كۆرۈۋاتقانلار، ئەشۇ كۈچلەر ئالقىنغا ئۆتكەندىن كېيىن سۈكۈت قىلىپ تۇرلارمۇ؟

بىراق تارىخ ھەرگىز ئۇنداق دېمەيدۇ. يەھۇدىيلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، بۇ خىل ئىدىيەدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى ۋە رايونىنى قانداق ئاتەشنىڭ ئىچىگە ئاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.

غەربتىكى يۈزلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تەھدىتلەر بۇنچە يېقىن ۋە جىددىي تۇرۇغلۇق ئىكەن، مۆتىدىل غەرب ئەمەس، بەلكى مۆتىدىل ئىسلام ھەققىدىكى تالاش -تارتىشلىرى تېخىمۇ بەك كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنمەكتە. (مۆتىدىل ئىسلام ھەققىدە ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز) ۋاھالەنكى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى رادېكال ئۆزگىرىشلەر ھەممىنى ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ ئاشقۇنلۇقلار يالغۇز مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت بولماقتا.

مانا بۇ نۇقتىدىن ياۋروپادا ئوڭچىل ۋە سولچىل پارتىيەلەرنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئەركىنلىكنى، كۆپ خىللىقنى ۋە دېموكراتىيەنى قوللايدىغانلارنىڭ سادالىرىنىڭ بارغانچە قىسىلىشىنى، يالغۇز ياۋروپانىڭلا كەلگۈسىگە نىسبەتەن قايغۇلۇق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى رادېكال ئېقىملارغا تەسلىم بولغان ياۋروپانىڭ قەيەرگىچە توزۇپ كېتلەيدىغانلىقىنى ھەر ئەسىردە بىر قېتىم كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭلاشقا يەر شارىدىكى ئەركىنلىك ۋە تىنچلىق سۆيەر ھەر قايسى ئېقىملار، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۆتىدىل غەربنى يارىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

(ئاپتورى: يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

 

   

 


[1] - (http://www.spiegel.de)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر