ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار دۇنيا سىياسىتىدە مۇھىم ئاكتىيورلارغا ئايلىنىشقا باشلىدى.

ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى

تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر (10)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەزگىللەردە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار دۇنيا سىياسىتىدە مۇھىم ئاكتىيورلارغا ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا ئەرەب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇنلىغان رايونلۇق مەسىلىلەردە نامايان قىلغان مۇۋەپپەقىيەتسىز ھەرىكەتلىرى سەۋەبلىك ئەرەب خەلقى نەزىرىدە ھۆرمىتىنى يوقىتىپ قويدى. رايونلۇق مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارەسى تېپىشتا تەسىر كۈچىگە ئىگە بولالمىغان ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق جۇغراپىيەسىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەسلىكى، تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇدلۇق سەۋەبىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىنىشىغا سەۋەب بولماقتا.

تۆۋەندە ياردەمچى دوچەنت دوكتور ئىسمائىل نۇمان تەلجىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

بولۇپمۇ، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغالچى سىياسىتىنىڭ قارشىسىدا ئەرەب دۆلەتلىرىنى بىر كۈنلۈك ئاستىغا توپلاپ، بۇ دۆلەتكە قارشى سەپتىن ئورۇن ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن ئەرەب ئىتتىپاقى، 2017-يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا باشلانغان كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئالدىدا ئاۋازىنى چىقىرالمىدى. سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش ئەرەب ئىتتىپاقى ھەل قىلىش چارەسى تېپىشتا قىينىلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. يۈز مىڭلارچە ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى ۋە مىليونلارچە كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قېلىشىغا قاراپ تۇرغان ئەرەب ئىتتىپاقى، يېتىپ كەلگەن ھازىرقى نۇقتىدا رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان تەشكىلاتقا ئايلاندى.

ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى بۇ پوزىتسىيەسى، ئۆتكەنكى كۈنلەردە دىپلوماتىك تالاش-تارتىش مەسىلىسىگە ئايلىنىپ، خەلقئارالىق تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالدى. ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپىنىڭ مىيۇنخېندىكى خەۋپسىزلىك ئالىي يىغىنى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ ئافرىندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىشى ۋە «ئەنقەرەنىڭ بىر ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى» نى تەكىتلەپ، پانئەرەبىست خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلىشى، يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مىسىرلىق دىپلومات ئەھمەت ئەبۇل ئەلگەيتنىڭ باياناتىغا جاۋابەن، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيەنى تەنقىد قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىگە ئەزا بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشى ۋە يېرىم مىليون نوپۇسنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقان ئامېرىكا ھەمدە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە ھېچنىمە دېيەلمەي تۇرۇپ، تۈركىيەنى تەنقىد قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئۇنداقتا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ يوللۇق تەنقىدىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ قانداق مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تارىخىي نۇقتىدىن چۈشىنىشكە تىرىشايلى:

ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە رايونلۇق تەھدىتلەرگە قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە بىر يەرگە جەم بولغان مىسىر، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن 1945-يىلى قۇرۇلغان ئەرەب ئىتتىپاقى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق 22 ئەزاغا ئىگە رايونلۇق تەشكىلاتقا ئايلاندى. ئەرەب ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي مەدەنىيەت جەھەتتىن چەكلىك ھەمكارلىقنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇلۇش ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن نىشانىغا يېتەلمىدى. بۇنىڭغا، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىن-ئىسىرائىلىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولالماسلىقىنى ئوچۇق مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى باياناتلارنى ئېلان قىلغان، بىراق ھەر قانداق مەجبۇرلاش كۈچى بولمىغان قارارلارنى چىقارغان ئەرەب ئىتتىپاقى، ئەزالىرى ئارىسىدىكى ئوخشىمىغان مەنپەئەت قايغۇلىرى ۋە مەقسەتلەر سەۋەبىدىن كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئورتاق سىياسەتنى يولغا قويۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇ ئەھۋال ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، 1948-يىلى ئىسىرائىلىيەگە قارشى باشلانغان بايقۇت ھەرىكىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ئىسىرائىلىيەگە قارشى باشلىغان بايقۇت قارارىغا، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بويسۇنمىدى. 1979-ۋە 1994-يىلى ئىسىرائىلىيە بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان مىسىر بىلەن ئىيوردانىيە بايقۇت قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىمۇ 1993-يىلى ئىسىرائىلىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىم بويىچە بايقۇتنى ئاخىرلاشتۇردى. 1996-يىلى ئېلىنغان قارار بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىسىرائىلىيەنى بايقۇت قىلىش قارارىنىڭ رايوندىكى تىنچلىققا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئەزەلدىنلا چەكلىك نىسبەتتە قاتناشقان بايقۇت قارارىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇردى.

ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىدا ۋە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىدا قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقىنى 2010-يىلى باشلانغان ئەرەب باھارىدىن تېخىمۇ ياخشى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەرەب ئىتتىپاقى سۈرىيە بىلەن يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا تىنچلىقنى ياقىلايدىغان ھەل قىلىش چارەسى تېپىشتا رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى.

رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا مەقسىتى ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بولغان ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ يېتىپ كەلگەن نۇقتىسىدا بۇ نىشانىدىن يىراقلاشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا، 2017-يىلى ئىيۇندا باشلانغان پارس قولتۇقى كىرىزىسى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنى يەنە بىر مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيننىڭ قاتارغا قارشى يولغا قويغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارغا، ئەرەب ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولغان مىسىرمۇ قاتناشتى. ئەزالىرى ئارىسىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە ئىگە ئەرەب ئىتتىپاقى، بۇ تۆت ساھەنىڭ ھەممىسىدە قاتارغا قارشى باشلانغان ئېمبارگولارغا جىمجىت قاراپ تۇردى.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۈنىمىزدىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە ئەرەب ئىتتىپاقىنى رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئېيتىش جايىدا ئېيتىلغان گەپ بولىدۇ. دۇنيا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، دېموكراتىيەلىشىش كەڭ ئومۇملاشقان بىر مەزگىلدە نۇرغۇن ئەزالىرى دىكتاتور ھاكىمىيەتتىن تەشكىللەنگەن بىر تەشكىلاتنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ئۈستىدە مۇھىم گۇمانلارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال 2016 –يىلى يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بىلەن ئۆزىنى تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ 27-قېتىملىق يىللىق ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان ماراكەشنىڭ «تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، بۇ قاراردىن ۋاز كېچىشى، رايون دۆلەتلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا، «يىغىندا ئىلگىرىكى يىللاردا ئېلىنغان ئوخشاش قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا بولمىغان ئىتتىپاقلىقنى باردەك كۆرسىتىدىغان خاتا قاراشنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەرەب رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىدى. مارت ئېيىدا ئېچىلىشى پىلان قىلىنغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى، ماۋرىتانىيەنىڭ ساھىبىانلىق قىلىشنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەت ئەبۇل گەيتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىشى، تەشكىلاتنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىشتىن بەكرەك، خۇسۇسىي قاراش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مىسىردىكى سىسى ھاكىمىيىتى بىلەن ئىتتىپاقلاشقان بۇرۇنقى ھاكىمىيەتتىكى ئاكتىيورلارنىڭ، ئەنقەرەنىڭ 2013-يىلى مىسىردا يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ھەر قېتىم پۇرسەت كەلگەندە تۈركىيەنى تەنقىد قىلىشقا ئۇرۇنۇشىغا، ئەبۇل گەيتنىڭ ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ ئارقىسىدىكى قوزغاتقۇچ كۈچ سۈپىتىدە قاراش كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر