دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا شەرقىي غۇتە قەتلىئامى

جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا شەرقىي غۇتە قەتلىئامى

دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا شەرقىي غۇتە قەتلىئامى

سۈرىيە پايتەختىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ۋە جوبارغا ئوخشاش شەھەر مەركىزىگە تەۋە مەھەللىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي غۇتە رايونى 2013-يىلدىن بۇيان ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئەسەدنى قوللايدىغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرماقتا. شەرقىي غۇتە رايونى يېقىنقى مەزگىللەردە ئەسەد ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى. 3 كۈن ئىچىدىلا بۇ رايوندا 250دىن ئارتۇق  ئامما ئۆلدى، بۇنىڭغا قارىتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دەرھال يىغىن چاقىرىپ شەرقىي غۇتەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلسىىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، لېكىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن قانداقتۇر بۇ رايوندا ئۇرۇش توختىمىدى، بەلكى بۇ رايون ۋە سۈرىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى قەتلىئاملارنىڭ داۋاملىشىشىدىن بىشارەت بەردى. ئەسەد ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرى شەرقىي غۇتەدىكى سەھىيە ئورۇنلىرى ۋە ناۋايخانىغا ئوخشاش خەلقنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان جايلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا، بۇ ئەھۋال رايوننىڭ قانچىلىك ئېغىر تىراگېدىيە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئاستانا سۆھبەتلىرى دائىرىسىدە ئىدلىب رايونىدا قىسمەن بولسىمۇ توقۇنۇش توختىدى. ئەسلىدە ئىدلىبنىڭ ھۇمۇس، غۇتە ۋە دەرئا رايونلىرىدىمۇ توقۇنۇشماسلىق ئېلان قىلىنىشى كېرەك ئىدى، بىراق نازارەت ئورۇنلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ رايونلار ئۇنىڭدىن قۇرۇق قالدى. ئىدلىبتە توقۇنۇشلار بېسىققاندىن كېيىن ئەسەد ۋە ئەسەدنى قوللايدىغان قوراللىق ئۇنسۇرلار شەرقىي غۇتەگە مەركەزلەشتى. شەرقىي  غۇتەگە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىنىشتىن ئىلگىرى رۇسىيە ۋە ئەسەد ئايروپىلانلىرى بۇ رايوننى بومباردىمان قىلماقتا، رۇسىيە بىلەن ئەسەد شەرقىي غۇتەدە ياش-قېرى، چوڭ-كىچىك ۋە ئەر-ئايال ئايرىماستىن خەلقنى قەتل قىلماقتا، بۇ ئىككى كۈچ گويا بۇ رايوننى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش پىلانى باردەكلا ھەرىكەت قىلماقتا. رۇسىيە بىلەن ئەسەدنىڭ شەرقىي غۇتەدە ئېلىپ بارغان قەتلىئاملىرىغا قارىتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن چاقىردى. شەرقىي غۇتەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيەنىڭ ۋېتوسى سەۋەبىدىن ئەمەلىي جەھەتتىن ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشمىدى. دائېش بىلەن ئەل-قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، لېكىن ئېمبارگو قويىدىغان مېخانىزما بەرپا قىلىنمىدى، بۇ ئەھۋال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەرقىي غۇتە ھەققىدىكى قارارىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ.

رۇسىيە رەسمىي جەھەتتە سۈرىيەدە پەقەت دائېش ۋە ئەل-قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ كەلمەكتە، لېكىن رۇسىيە سۈرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن ئامما-ئەسكەرلەر تۇرۇۋاتقان رايونلارنى بومباردىمان قىلماقتا. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش مېخانىزمىسى بەرپا قىلمىدى، شۇڭا خالىغان بۇ قارارغا رىئايە قىلىدۇ، خالىمىغان خىلاپلىق قىلىدۇ. رۇسىيەنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى ئەخرەر ئۇش شام ۋە جەيس ئەل ئىسلام گۇرۇھلىرىنىڭ ھاياتى تەھرىر شام ئۇنسۇرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ب د د  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شەرقىي غۇتە قارارىنىڭ سۈيئىستېمالغا تولىمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي غۇتەدە جەيس ئەل ئىسلام بىلەن ھاياتى تەھرىر شام ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنىدى، شۇنداقلا جەيس ئەل ئىسلام ھاياتى تەھرىر شامنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى ئەسىرگە ئېلىۋالغانىدى. رۇسىيە شەرقىي غۇتە توغرۇلۇق بايانات بېرىۋاتقان ئەسنادا ئەخرەر ئۇش شام ئۇنسۇرلىرى ئىدلىب رايونىدا ھاياتى تەھرىر شام ئۇنسۇرلىرى بىلەن توقونۇشىۋاتاتتى.

شۇنىسى ئېنىقكى، رۇسىيە ۋە ئەسەد ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىنى قەتلىئام دەپ ئاتاش تولىمۇ مۇۋاپىق. شەرقىي غۇتەنىڭ نوپۇسى تولىمۇ كۆپ بولۇپ، قورشاۋ ئاستىدىكى ۋە بىۋاستە ھۇجۇم نىشانىغا ئېلىنغان يۈز مىڭلارچە ئامما قەدەممۇ قەدەم ئۆلتۈرۈلمەكتە.

رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدىن كېيىن «ياخشى نىيىتى»نى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن شەرقىي غۇتە رايونىدا ھەر كۈنى سائەت 09:00دىن 14:00كىچە «ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش»ئېلان قىلدى. لېكىن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان  قىلىنغان كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئەسەد ۋە چوماقچىلىرى شەرقىي غۇتەگە ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. شەرقىي غۇتەدىكى ئاممىۋى مۇداپىئە مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسەد قىسىملىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارى ۋە رۇسىيەنىڭ 09:00دىن 14:00كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئەكسىچە، شەرقىي غۇتەنى بومباردىمان قىلغان ۋە سائەت 09:30دا شەرقىي غۇتەدىكى تۇرالغۇ جايلاردىن دۇما، بەيت ساۋا ۋە مەرج رايونلىرىغا توپ ئوقلىرى ئاتقان.

تۈركىيە ھامىي دۆلەتلەردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي غۇتەدىكى توقۇنۇشلارنى ئاستانا سۆھبەتلىرى ئارقىلىق توختىتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئاستانا سۆھبەتلىرى ئارقىلىق رۇسىيە ۋە ئەسەدنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئارقىلىق توختىتىشقا قارىغاندا تېز ۋە ئاسانراق بولىدۇ. تۈركىيە شەرقىي غۇتەدىكى يارىدارلارنى داۋالاش ۋە بۇ رايونغا ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

شەرقىي غۇتەدىكى ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەر ئەسلىدە سۈرىيەنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى، رۇسىيە ۋە ئەسەدنىڭ ئەھۋالىدىن بەكرەك، ب د ت نىڭ قۇرۇلمىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر سەۋەبلىك تۈگىمەيۋاتىدۇ.  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ھەسسە قوشۇشنىڭ ئورنىغا ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھەرىكەت قىلماقتا. بەلكىم ھازىر بەزى ئەندىزىلەر بىلەن شەرقىي غۇتەدىكى قەتلىئاملار نسىبەتەن بولسىمۇ بېسىقىشى مۇمكىن ياكى بۇ ئەندىزىلەر كارغا كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، بىراق ب د ت نىڭ تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمىگىچە دۇنيا مىقىياسىدا شەرقىي غۇتەگە ئوخشاش نۇرغۇن جايدىكى ئېچىنىلىشق تىراگېدىيەلەر تۈگىمەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر