ياۋروپا كىرىزىسى (ئاۋازلىق)

«دۇنيا كۆزنىكى»  (08)

ياۋروپا كىرىزىسى (ئاۋازلىق)

ياۋروپا كىرىزىسى

«دۇنيا كۆزنىكى»  (08)

ياۋروپا كىرىزىسى

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «ياۋروپا كىرىزىسى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

 

ياۋروپا كىرىزىسى

قېنى بىر ئويلۇنۇپ بېقىڭ، خىرىستىيان ياكى يەھۇدىيلاردىن 5 كىشى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، دۇنيا قانداق ئىنكاس قايتۇرار ئىدى؟ فىرانسىيەدە ئۆيگە قەستەن ئوت قويۇپ بېرىش تۈپەيلى 2017يىلى 2ئۆكتەبىردە 3 تۈرك ئۆسمۇرنى قوشقاندا، جەمئىي 5 مۇسۇلمان كۆيۈپ جان بەردى.

مەسىلەن؛ تۈركىيەدىكى چىركاۋ ۋە سىناگوگلارغا ھەر يىلى ئونلىغان قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرسە ياكى ئوت قويۇپ بېرىلسىچۇ؟

گېرمانىيەدە 2015يىلىنىڭ ئاخىرىقى چارىكىدە جامىلەرگە جەمئىي 24 قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى[1].

ھېچ بىر دۆلەتتە بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئەلۋەتتە خالىمايمىز. بۇ سوئالنى سوراشمۇ ئىنساننى ئازابلايدىغان بىر ئىش. بىراق شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، ئەگەر بۇنداق ۋەقەلەر سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدە يۈز بەرگەن بولسا، دۆلىتىڭىزنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكى، ھەق ھوقۇق، ئەركىنلىكلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى پۈتۈن دۇنياغا جار سېلىنغان ۋە كۈنتەرتىپلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئېلىپ چىقىلغان، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەس - خاتىرىسىگە ئويۇپ يېزىشقان بولاتتى. سىزنى خىجالەتتىن يەردىن بېشىڭىزنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرپ قويغان بولاتتى. لېكىن ئەندىشىلەنمىسڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ ۋەقەلەر سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدە ئەمەس، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يۈز بەرمەكتە. شۇڭا نە سىز سەزمەيسىز، نە دۇنيا سەزمەيدۇ.

 

قىممەت قاراش ياراتقان بىر ياۋروپا

ياۋروپا يېقىنقى دەۋرلەگە قەدەر بۇنداق ئەمەس ئىدى. بولۇپمۇ 2دۇنيا ئۇرۇشىنڭ ئاچچىق تەجرىبىلىرى بىلەن ھەمكارلىق، ئۆزئارا چۈشۈنۈش ۋە ئورتاقلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر ياۋروپا بار ئىدى. بۇ ئىجابىي قاراش ۋە كۈنتەرتىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاپىرىدە قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى ئىجابىي كۈنتەرتىپ ۋە ھەمكارلىقلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى ۋە رايونىدىكى فاشىزم، ناتسىزم قاتارلىق ئىرقىي ئايرىمچى قاراشلارنى ھەل قىلىش، دېموكراكتىك قىممەت قاراشلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىكلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئىنتايىن مۇھىم مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى. مانا ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بولسا، بۇ قىممەت قاراشلىرىنى بىر بىرلەپ ئىستېمال قىلىپ تۈگىتىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە بۇ قىممەت قاراشلارغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. گەرچە گىئورگې فرېدمان «ياۋروپا كىرزىسى» ناملىق تەتقىقاتىدا، 1945يىلىدىن 1991يىلغىچە بولغان مەزگىلدە، ياۋروپانىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ياۋروپا بىلەن ئەمەس، ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ياۋروپاغا تىنچلىقنى مەجبۇرلاپ تېڭىشى بىلەن قولغا كەلدى، دەپ ئىزاقلىسىمۇ، مەن بۇ قاراشقا قېتىلىپ كەتمەيمەن. ياروپانىڭ ئۆتمۈشتىكى دەرت ئەلەملەردىن ساۋاق ئېلىپ، پرىنسىپال سىياسەتلەرنى تەرەققىي قىلىدۇرغانلىقىنى ۋە رايونىدا ئىجابىي تەسىر ياراتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. 

 

بېشىنى ئېچىگە تېقىۋالغان، ئۆز قورقۇنچىسىغا تەسلىم بولغان ۋە تەھدىت يارىتىۋاتقان بىر ياۋروپا

ئەپسۇسكى، ئەمدى بىز يېتىپ كەلگەن نۇقتىدا ئۇنداق ياۋروپا قالمىدى. كۈنسىرى چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك، كۆچمەنلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر ياۋروپا بار. فاشىست ۋە ناتسىست پارتىيەلەر بارغانسىرى ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرماقتا. ئىرقىي ئايرىمچىلىق ئاساسىدىكى پارتىيەلەر ئەمدىلىكتە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلمەكتە. مۆتىدىل رەھبەرلەرنىڭ سانى بارغانسىرى ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، يېراقنى كۆرەلمەيدىغان رەھبەرلەرنىڭ سانى ئاشماقتا. ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇللىرىغا ۋە ئىبادەتخانىلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ئەمدىلىكتە خەۋەر بولۇش قىممىتىنىمۇ يوقۇتۇپ قويغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.  

جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى، ياۋروپادىكى كۆچمەنلەرنىڭ باغانسىرى ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ بەك چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىلىرىنى ھېس قىلۋاتقانقىلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. سىياسىي پارتىيەلەر دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا دائىر ئىجابىي كۈنتەرتىپلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆچمەنلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ئارقىلىق سەلىبىي كۈنتەرتىپلەر بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشكە تىرىشماقتا. ئاۋستېرىيەدىكىگە ئوخشاش «كۆچمەنلەر نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈرۈش»كە ۋەدە قىلغاندىلا ئاندىن ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىش نىسىپ بولماقتا. ئاۋستېرىيە دۈچ كېلىۋاتقان ئاتالمىش كۆچمەنلەر تەھدىتى تەخمىنەن تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ يۈزدە بىر پىرسەنتىگىمۇ تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلايدىغان بولساق، ياۋروپانىڭ قانداق قورقۇنچقا مۇبتىلا بولغانلىقىنى ئىچىنغان ھالدا كۆرەلەيمىز. (تۈركىيە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان 3 يېرىم مىليون كۈچمەننىڭ %1 ىنى ھېساپلىغاندا 35 مىڭ كىشى بولىدۇ)

 

ئاڭنىڭ يوقۇلۇشى

 

دۆلەتلەر بەزىدە مۇشۇ خىل كىرزىسلەرگىمۇ مۇبتىلا بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يېراق كۆرەر رەھبەرلەر تېخىمۇ مۆتىدىل سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇمكىن قەدەر دۆلىتىنى كىرىزىستىن قۇتقۇزىدۇ. بىراق كۆچمەنلەرگە، مۇسۇلمانلارغا ۋە تۈركلەرگە كۆرسىتىلگەن نازارىلىقلارغا شۇنداقلا دائىم ئۇلارنى ئەيىبلەش خاراكتېرلىق پوزىتسىيەلىرىگە قارايدىغان بولساق، ياۋروپانىڭ ئەقلى تورموزلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتالايمىز. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ۋە ئاڭنى يوقۇتۇپ قويغان بىر ياۋروپاغا دۈچ كەلمەكتىمىز. بۇ قالاقلىق دەۋرىگە كىرىپ قالغان ياۋرپانىڭ يورۇققا چىقىشى بەك قېيىندەك كۆرىنىدۇ.

 

ياۋروپا مەسىلىنى كۆچمەنلەرگە دوڭگەپ قويماسلىقى لازىم

 

مانا بۇلار ئاساسەن ياۋروپانىڭ كىرىزىسى. كۆچمەنلەر، مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەر ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ياۋروپادا ياشىماقتا. ھازىر سانى ئانچە كۆپ ئەمەس، كۆچمەنلەر تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بەك ئۆزگەرتىپ كەتكىنىمۇ يوق. ياۋروپا ئورتاق قىممەت قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان مەزگىللەردە كۆچمەنلەرگە ئىنتايىن ئىجابىي مۇئامىلە قىلغان ئەمما ئەمدىلىكتە ئەيىبلەش ۋە يەكلەش خاراكېترلىك مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولسا، مەسىلىنىڭ ياۋروپانىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش لازىم. بۇ كىرىزىسنىڭ ئاساسىدا ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق ۋە يەر شارىلىشىشتىن دېگەندەك پايدا ئالالماسلىق، بولۇپمۇ ياۋروپانىڭ ئۆتمۈشىدە كۆپ خىل كىملىكلىك، كۆپ مىللەتلىك بىر تارىخىنىڭ بولمىغانلىقى يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى تىلغا ئالالايمىز.  

ياۋروپا 2دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىمۇ يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىرىزىسكە مۇبتىلا بولغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئۆزلىرى مۇبتىلا بولغان ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇق سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنىمۇ كۆرەلمىگەن ياۋروپا، يەھۇدىيلارنى تۈپ مەسىلە قاتارىدا كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى. ياۋروپا ئوخشىماسلىقلاردىن قورقۇپ كەتكەن ۋە بارغانسىرى تەھدىت قارىشىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولغاچقا بۇنىڭ دەردىنى يەھۇدىيلاردىن چىقىرىش يولىنى تاللىغان ئىدى. يەھۇدىيلارغا قىلغۇلىقلىرىنىڭ ھەممىنى قىلغاندىن كېيىن، ياۋروپانىڭ 2دۇنيا ئۇرۇشىنى باشلاپ، ھەم ئۆزلىرىنى ھەم دۇنيانى ئوتقا ئىتتىرگەنلىكى بولسا، ئەسلى كىرىزىسنىڭ سەۋەبى يەھۇدىيلار ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بەردى. بىراق ياۋروپانىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇماسلىقىنىڭ بەدىلىنى پۈتۈن دۇنيا ئىنتايىن ئېغىر شەكىلدە ئۆتىگەن بولدى. مانا ئەمدى بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆچمەنلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ياۋرپا ئۆزى ۋە ئۆز كەلگۈسىى ھەققىدە تالاش - تارتىش قىلماقتا. كۆچمەنلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا چەكلەش، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك ساھەلىرىنى تارايتىش خاراكتېرلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا. ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇللىرىغا ۋە ئىبادەتخانلىرىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا كۆز يۇمۇۋېلىپ يۈرمەكتە. ياۋروپالىق مۇتەخەسسىلەر، زىيالىيلار ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ قايتىمۇ قايتا يەنە ئەشۇ تارىختىكى ھالاكەتلىك خاتالىقنى سادىر قىلماسلىقى ئۈچۈن مەسلىنى توغرا ئانالىز قىلىشى لازىم. 

ياۋروپا مۇبتىلا بولغان بۇ كىرىزىس ھەل بولارمۇ؟

بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن كىرىزىسنى كۆچمەنلەر، مۇسۇلمانلار، ياكى تۈركلەرنىڭ چىقارمىغانلىقىنى جۈملىدىن مەسىلىلەرنى توغرا كۆرۈش ۋە ئۆز خاتالىقىنى تونۇش لازىم. ياۋروپانىڭ ئۆز كىرىزىسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا مەن ئانچە ئۈمىد بىلەن قارىمايمەن. بىراق بۇ مەسلە ئۈستىدە ئايرىم توختالمايمۇ بولمايدۇ ئەلۋەتتە.   

(ئاپتورى: يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر