ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ي د / ي پ گ غا قىلغان ياردىمىنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ئورنى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ي د / ي پ گ غا قىلغان ياردىمىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئانالىز.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ي د / ي پ گ غا قىلغان ياردىمىنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ئورنى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ي د / ي پ گ غا قىلغان ياردىمىنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ئورنى

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، سۈرىيە زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى پ ي د / ي پ گ نى قۇرۇقلۇق كۈچى، دەپ ئېلان قىلدى. بۇ دائىرىدە، ئامېرىكا بۇ مىلىتارىستلارنى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، مەشىق قىلدۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ ئەھۋال، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەسىلىگە ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە. بۇ دائىرىدە، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 11 – سېنتەبىر ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، يەنى 2001 – يىلى 28 – سېنتەبىردىكى 4385 – قېتىملىق يىغىلىشىدا قوبۇل قىلىنغان 1373 – نومۇرلۇق ھۆججىتى[1]گە قارىلىدىغان بولسا، «تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ، ئۇنىڭ مېتود ۋە سادىر قىلىنىشىنىڭ ب د ت نىڭ نىشان ۋە پىرىنسىپلىرىغا زىت ئىكەنلىكى؛ يەنە كېلىپ، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ مالىيە بىلەن تەمىنلىنىشى، پىلانلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈلۈشىنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە ب د ت نىڭ نىشان ۋە پىرىنسىپلىرىغا زىت ئىكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. قاراردا يەنە، «تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئادەم بىلەن تەمىنلىشى بىلەن تېررورچىلارغا قورال بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۈتكۈل دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە ئارىلاشقان كىشى ياكى ئورگانلارنى، ئاكتىپ ياكى پاسسىپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قوللاشتىن يىراق تۇرۇشى لازىملىقى» قەيت قىلىنغان. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2017 – يىلى چىقارغان 2370 – نومۇرلۇق ھۆججىتى[2]دىمۇ دۆلەتلەرنىڭ تېررورچىلارنى قوللىماسلىقى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 2018 – يىلى 3 – فېۋرالدىكى مۇشۇ مەسىلىگە ئالاقىدار خەۋىرىگە[3] قارالغىنىدا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى جازا ۋە جازا مۇھاكىمىسى قانۇنى كافېدراسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئادەم سۆزۈئەرنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ غا قىلىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھۆججەتلىرىنىڭ روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكى توغرىسىدا بايانات بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوراللاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنى مەشىق قىلدۇرۇشتەك قىلمىشلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا تېررورىزمنى قوللاش دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سۆزۈئەر، بۇ ئەھۋالنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2001 – يىلىدىكى 1371 – نومۇرلۇق ھۆججىتى ۋە ئۆتكەن يىلى (2017) ئاۋاز بىرلىكى بىلەن قوبۇل قىلىنغان 2370 – نومۇرلۇق ھۆججەتلىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھۆججەتلەر بىلەن بىرگە، 1371 – نومۇرلۇق ھۆججەتنىڭ قايتىدىن ماقۇللانغانلىقىنى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا تېررورچىلارنى قوللىماسلىقى لازىملىقىنىڭ شۇنداقلا دۆلەتلەرنىڭ تېررورچىلارغا قورال بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. سۆزۈئەر، مەزكۇر ھۆججەتنىڭ 7 – ماددىسىنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا مىقياستا قانۇنغا ماس ھالدا توقۇنۇش رايونلىرىدىكى تېررورچىلارنى قوراللاندۇرۇشقا قارشى چارە كۆرۈشكە چاقىرىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۆزۈئەر، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1371 – نومۇرلۇق ھۆججىتى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىر دۆلەتنىڭ قوراللاندۇرۇلغان گۇرۇپپىلارنى  باشقا بىر دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تەشكىللەش ياكى مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن يىراق تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، «شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يولسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكېلىشكە بولىدۇ. ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋېتو قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرگە قارشى جازا يۈرگۈزۈش قارارى چىقارغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەمەلدارلىرى سوتلىنىدىغان رۇئاندا ياكى يۇگوسلاۋىيە دېلولىرىدا كۆرۈلگىنىدەك سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. بۇ جەھەتتە تۈركىيە ياكى باشقا بىر دۆلەت ئۆزىگە قارشى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، تېررورلۇق جىنايەتلىرى ئۆز دۆلىتىدە سادىر قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى سوتلاش ھوقۇقىغا ئىگە. مەسىلەن، ئىراق ئىشغالى ئەسناسىدا سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى تۈپەيلى ئۆز دەۋرىنىڭ ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلىرىنى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سوت مەھكىملىرىدە سوتلىسا بولىدۇ. تۈركىيەمۇ پ ك ك / پ ي د غا بەرگەن قوراللار سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى سوتلىسا بولىدۇ.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. جىنايى ئىشلار قانۇنى دائىرىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گۇماشتىسى گۇرۇپپىلار ئۈستىدىكى «پائال كونتروللۇقى» تۈپەيلى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن پىروفېسسور دوكتور سۆزۈئەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋە سۈرىيەنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە تەرەپ ئەمەسلىكىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. بۇ دائىرىدە، ھازىرغىچە ۋىيېتنام، ئافغانىستان، ئىراق ۋە لىۋىيە دېگەندەك دۆلەتلەردە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش / ئىنسانلىق جىنايەتلىرى، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قانلىق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە گۇانتانامودكى قىيىن – قىستاقلار يۈزىسىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنى نۇقتىسىدىن جاۋابكارلىققا تارتىدىغان كۈچلۈك بىر مېخانىزمنىڭ شەكىللەندۈرۈلەلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ مەلۇمات ۋە مۇھاكىمىلەرنى چىقىش قىلغان ھالدا، پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د / ي پ گ نى مەشىق قىلدۇرغان، قورال ۋە ئوق – دورا بىلەن تەمىنلىگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 1373 ۋە 2370 – نومۇرلۇق ھۆججەتلەرگە خىلاپلىق قىلغاندەك، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە چىقارغان قارارلىرىغىمۇ رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى چاغلارغا قارايدىغان بولساق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇشۇ ئىختىلاپلارنى نىكاراگۇئا بىلەن باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلە، ۋاشىنگتوننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى، مىلىتارىستلارنىڭ مەشىق قىلدۇرغانلىقى، قوراللاندۇرغانلىقى ۋە مالىيە بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بىلەن چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 1980 – يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى؛ مەھكىمە ئاخىرقى قارارىنى 1986 – يىلى چىقاردى. بۇ دائىرىدە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ 1986 – يىلى 27 – ئىيۇندىكى «نىكاراگۇئادا ۋە نىكاراگۇئاغا قارشى ھەربىي ۋە پارتىزانلىق پائالىيەتلەر دېلوسى» غا ئالاقىدار قارارى بۇ جەھەتتە مۇھىم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. [4]

نىكاراگۇئادا 1979 – يىلى سولچىل ئېقىمدىكى ساندىنىستا ئىنقىلابچىلىرى تەرىپىدىن ئوڭچىل ئىدىيەدىكى سوموزا ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئورنىغا يېڭى بىر بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى؛ بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ساندىنىستا ھۆكۈمىتى، ھەربىي كۈچىنى سۈرئەت بىلەن ئاشۇرۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ سوتسىيالىست دۆلەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كۇبا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال سوتسىيالىست دۇنيا بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ساندىنىستا ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ھەربىي ۋە ئارقا سەپ ياردەملىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەتتا ئۇلارنى تاكتىكا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرى توپلاش جەھەتتە تەربىيەلىدى. نىكاراگۇئا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن باندىتلارغا قارشى كۈرەشتە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە ئامېرىكا ئۈستىدىن ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ۋە كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي ۋە يېرىم ھەربىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن تۆلەم ئەرزى سۇندى.

نىكاراگۇئا ئەرزنامىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت  ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىرى  قانۇنلىرىدا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا بولسا، مەزكۇر سەۋەبكە مەھكىمىنىڭ ب د ت  ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش كۆپ تەرەپلىمىلىك كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلغانلىققا دائىر چىققۇسى بىر قارارنىڭ پەقەت ئىككى تەرەپكىلا ئەمەس، كېلىشىملەرگە تەرەپ بولغان باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قارشى چىقتى. ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە، سوت مەھكىمىسىنىڭ بارلىق تەرەپلەرنىڭ ماقۇللۇقى بولماي تۇرۇپ، بۇ دېلو ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى يوق ئىدى. خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبلەردىن ئىككىسىگە مۇۋاپىق، دەپ قارىدى. ئۈچىنچى تەرەپلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، دېلوغا ب د ت  ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىرى قانۇن – پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىش نۇقتىسىدىن قاراپ چىقالمىدى؛ بىراق، خەلقئارا ئەنئەنە قانۇنى ۋە ئومۇمىي قانۇنغا تايىنىپ تۇرۇپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى بېكىتىش ھوقۇقى بارلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. مەھكىمە بۇ يول ئارقىلىق ئىلگىرىلەپ يۈرگۈزگەن مۇھاكىمىسى نەتىجىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتە خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا قارار قىلىندى[5]:

  • باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا كۈچ ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلىش؛ سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ خىلاپلىقنى قارشى كۈچلەرنى قوراللاندۇرۇش، جابدۇش، مالىيە بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق سادىر قىلغان. قارارنىڭ چىقىرىلىشىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى قارشى تۇرغۇچى كۈچلەرنىڭ 1983 ۋە 1984 – يىللىرى پۇئېرتو- ساندىنو، كورىنتو، پوتوسى، سان-جۇئانغا قىلىنغان ھۇجۇملار، نىكاراگۇئا ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىش، دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى دەريالارنى مىنالاشتۇرۇش قاتارلىقلار سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلدى.
  • كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىغا زىت ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى، بۇ دائىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرى ئوچۇق ۋە كونكرېت شەكىلدە قوللىغان پارتىزانلىق ئۇرۇشىدا پىسخولوگىيەلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا كونكرېت پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
  • ئىككى تەرەپ دوستلۇق، سودا ۋە ساياھەت كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش؛ مەھكىمە، بۇ دائىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىكاراگۇئاغا يۈرگۈزگەن 1981 – يىلىدىكى ئىقتىسادىي ئېمبارگو ۋە 1985 – يىلىدىكى ئومۇمىي ئېمبارگونىڭ مەزكۇر ئىككى تەرەپ كېلىشىملىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى يۇقىرىدىكى سەۋەبلەرنى چىقىش قىلغان ھالدا، خەلقئارا ئەنئەنە قانۇنىغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى نىكاراگۇئاغا كېيىنچە بەلگىلىنىدىغان (17 مىليارد دوللار) تۆلەمنى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى.

نىكاراگۇئا دېلوسىدا سوت مەھكىمىسىنىڭ 3 كە قارشى 12 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلغان ھۆكۈمنامىسى بەزى جەھەتلەردىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىكاراگۇئا ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قورال، مەشىق، مالىيە بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە؛ بۇ قوللاش ئارقىلىق نىكاراگۇئا جۇمھۇرىيىتىگە قارشى كۈچ ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇداخىلىلەرنى قىلىپ، خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن «باشقا دۆلەتكە قارشى كۈچ ئىشلەتمەسلىك» پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ۋە نىكاراگۇئانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، مۇستەقىللىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە قارار قىلدى. بۇ قارارلاردىن شۇ نۇقتا چىقىپ تۇرىدۇكى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە كۆپلىگەن جەھەتلەردە قوللىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى؛ بۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارى، دەپ قاراپ، نىكاراگۇئا ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق قارار چىقاردى.  بۇ ئەھۋال ئالدى بىلەن ب د ت ھۆججىتىنىڭ 2 – ماددىسىدىكى كۈچ ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسىگە زىت بولۇپ، باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش دېگەنلىك بولىدۇ. خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە كۈچ ئىشلىتىلمەسلىكىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى نىكاراگۇئاغا قارشى دەپسەندە قىلغانلىقىغا قارار قىلدى[6]. ئارقىدىن مەھكىمە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قارشى كۈچلەرغا قىلغان ياردەملىرىنىڭ كۆلىمىنىمۇ تەكشۈرۈپ، بۇ ياردەمنىڭ قوراللىق ھۇجۇم دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە «قوراللىق ھۇجۇم» ئۇقۇمىنىڭ پەقەت قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ۋەقەلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرگە بېرىلگەن قورال، ئارقا سەپ ياكى باشقا تۈردىكى ياردەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ئەۋەتىشىنى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش، دەپ ھېسابلاشقا يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، بىراق، مەزكۇر گۇرۇپپىلارغا قورال ياردىمى بېرىش ياكى ئۇنى قوللاشنىڭ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش، دەپ قارالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇڭا، بۇ خىل ياردەملەرنىڭ پەقەت كۈچ ئىشلەتمەسلىك پىرىنسىپىغا زىت ھەرىكەت قىلىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، دەپ قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. نىكاراگۇئا دېلوسى، بىر دۆلەت ئۆكتىچى گۇرۇپپا ياكى تەشكىلاتلارغا قورال ۋە باشقا ياردەملەرنى قىلىشنىڭ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇلمايدىغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن بۇ ئەھۋالنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى يوللۇق مۇداپىئەلىنىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش سالاھىيىتى بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقى يەكۈنى چىقىرىلىدىغانلىقى نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ[7].

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارىشىنى ياقلايدىغان مۇتەخەسسىسلەر، تېررورچى گۇرۇپپىلار ياكى شەخسلەر دۆلەت ئورگىنى بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىر دۆلەت تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەن ياكى يېتەكلەنگەن ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ غەيرىي رەسمىي دۆلەت خادىمىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، دۆلەت پىلانلىغان، يىتەكچىلىك قىلغان ياكى قوللىغان كىشى ياكى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە بۇ ۋەقەلەرنى گويا ئۆزلىرى سادىر قىلغاندەكلا جاۋابكار بولىدۇ. [8] ئەمما، دۆلەت سىرتىدىكى ئاكتىيورلار سادىر قىلغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىر دۆلەتكە تەۋە، دەپ قارىلىپ – قارالمايدىغانلىقى مەسىلىسىمۇ تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش كېرەك بولغان بىر مەسىلىدۇر. بۇ جەھەتتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، نىكاراگۇئا دېلوسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ساندىنىستا ھۆكۈمىتى ۋە پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنى قورال، مالىيە ۋە ئارقا سەپ ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى؛ ئەمما، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش تۈرىگە كىرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر ياكى ئۇلار سادىر قىلغان ۋەقەلەرگە پائال تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان تەكشۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولغان ئەھۋالدا، قانۇنىي جاۋابكارلىق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىغا قارار قىلدى. بىراق، بۇ يەردە پائال تەكشۈرۈش، تەسىر كۆرسىتىش ئۆلچىمىنىڭ چەك – چېگراسىنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرمىدى. بۇ نۇقتىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى بارلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، نىكاراگۇئانىڭ ئامېرىكىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر سادىر قىلغان ھەرىكەتلەرنى پائال ئىدارە قىلالايدىغان نوپۇزغا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتتى[9].

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ تەشكىلاتلىنىشىغا، مەشىق قىلدۇرۇلۇشىغا، قوراللاندۇرۇلۇشىغا ياردەمچى بولغان ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ بەزى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ پىلانلىنىشىدا رول ئوينىغان بولسىمۇ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر سادىر قىلغان ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئامېرىكىغا ئارتىش ئۈچۈن، ھازىرلىنىشى كېرەك بولغان شەرتلەرنى ناھايىتى ئېغىر قىلىپ بېكىتتى؛ ئامېرىكىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ پائال كونترول قىلىش نوپۇزىغا ئىگە ئەمەسلىكىگە، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ رىئال بىر ئورگىنىغا ئايلانمىغانلىقىغا قارار قىلدى. مەھكىمە، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ سادىر قىلغان ۋەقەلىرىنى ئامېرىكا سادىر قىلدى، دېگۈدەك دەرىجىدە ئامېرىكىغا باغلىنىشلىق ئەمەسلىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يۈزىسىدىن ۋاسىتىلىك ھۇجۇملارنىڭ سادىر قىلىنمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

خۇلاسىلىگەندە، بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرگۈچىلەرگە قورال، ئارقا سەپ، مالىيە، مەشق ۋە مەلۇمات جەھەتتە ياردەم بېرىشىنىڭ ب د ت ئەھدىنامىسىدە كۆرسىتىلگەن ھەم بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش پىرىنسىپىغا ھەم كۈچ ئىشلىتىش چەكلىمىسىگە زىت ئىكەنلىكىنى؛ ئەمما، بۇ ياردەملەرنىڭ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش» ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرىنىڭ نەتىجىسىدە، مەنپەئەتلىرى خەۋپكە دۇچ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق قوغدىنىش رامكىسى ئىچىدە كۈچ ئىشلىتىش ھوقۇقى يوق[10]. ئەمما، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە خىلاپلىق قىلىشقا سەۋەب بولغۇچى دۆلەتنىڭ تۆلەم تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار. بۇنداق ئەھۋالدا، تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان دۆلەتنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئابرورۇيىنى تۆكۈۋېلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.

تېررورچىلارغا مىڭلارچە يۈك ماشىنىسىغا بېسىلغان قوراللارنى بەرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنۇلغان تەقدىردە، ئالدى بىلەن، پ ي د / ي پ گ بىلەن پ ك ك نىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ دەتالاش قىلىنىش ئېھتىمالى بار. بۇ نۇقتىدا، 2016 – يىلىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئۆز دەۋرىنىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېرنىڭ پالاتانىڭ قوراللىق خىزمەتلەر كومىتېتىدا پالاتا ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئەسناسىدا قىلغان پ ك ك بىلەن پ ي د / ي پ گ مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار سۆزلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئورۇن ئالغانىدى[11]. پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھامنىڭ «پ ي د ۋە ي پ گ توغرۇلۇق ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالىغا «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەرگەن كارتېر، پالاتا ئەزاسىنىڭ «بۇلار كىم؟» دېگەن سوئالىغا بولسا، «كورد گۇرۇپپىلار» دەپ جاۋاب بەرگەن؛ گراھامنىڭ «ي پ گ، پ ي د نىڭ قوراللىق قانىتىمۇ؟» دېگەن سوئالىغا «توغرا، شۇنداق» دەپ بەرگەن كارتېر، گراھامنىڭ «دوكلاتلار بۇلارنىڭ پ ك ك بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ياكى ھېچبولمىغاندىمۇ مۇھىم مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. بۇ توغرىمۇ؟» دېگەن سوئالىغىمۇ «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى[12]. گراھامنىڭ پ ك ك نىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدىن كېيىن، كارتېر، «پ ك ك يالغۇز تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈچۈنمۇ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر» دېگەنىدى. كارتېرنىڭ سۆزلىرىگە ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ پ ك ك / پ ي د / ي پ گ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى باياناتى، دەپ قاراش مۇمكىن.

بۇ ھەقتە، پوچتا گېزىتىنىڭ 2018 – يىللىق 7- فېۋرال سانىدىكى ستون ماقالىسىدە[13]، تۈركىيەنىڭ پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى پ ي د / ي پ گ نى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى يازغان نەدىم شەنەر، ھەتتا بۇ ئىشنىڭ كېچىكىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مۇشۇنداق بىر ئەرز سۇنۇلسا، تېررورچىلارغا قورال بەرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ي د / ي پ گ بىلەن پ ك ك ئارىسىدا مۇناسىۋەت دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى؛ ئەمما، پ ك ك / پ ي د / ي پ گ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قولىدىمۇ دوكلاتلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى. ئەسلىدە ئۇنچىۋالا كۆپ دەلىل – پاكىت ئىزدەپ يۈرۈشكە ھاجەت يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن شەنەر، 2016 -  يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتاسى قوراللىق خىزمەتلەر كومىتېتىدا پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھامنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېرنىڭ بۇ مۇناسىۋەتنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى سوتتا يېڭىشقا يېتەرلىك پاكىتنىڭ ئامېرىكا پالاتاسى ئارخىپلىرىدا بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا نۇرغۇن خەۋەرلەرنىڭ ئىشلەنگەنلىكى كۆرۈلمەكتە[14]. ئالاقىدار خەۋەرلەردە ئومۇمەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ي پ گ غا قىلغان ياردەملىرىگە دائىر بەس – مۇنازىرىلەردە، تۈركىيەنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى خەلقئارا مۇنبەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىگە دائىر قاراشلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى گەۋدىلەنمەكتە ۋە ئامېرىكا قورال ياردىمى قىلغان، ئارقا سەپ ياردىمى بەرگەن ي پ گ/ پ ي د بىلەن پ ك ك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىسپاتلانغان بولۇشىدىن يولغا چىقىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن جىنايەت سادىر قىلغانلىقى، بۇنىڭمۇ خالىغان ئەھۋالدا دېلو تېمىسى بولالايدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بۇ نۇقتىدا، باراك ئوباما پىرېزىدېنت بولغان دەۋردە، ئاقسارايدا قۇرۇلغان تېررورىزمغا قارشى دۆلەت بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ دوكلاتى ئەسلىتىپ ئۆتۈلمەكتە ۋە دوكلاتتا پ ي د بىلەن پ ك ك نىڭ چېتىشلىقى بارلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا ئورۇن ئالغان «تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ جىنايەتتۇر» دېگەن ھۆكۈمنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە بولىدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

 


[1] 28 Eylül 2001 tarihli ve 1373 sayılı Birleşmiş Milletler Güvenlik Konseyi kararı için bkz.

https://www.un.org/en/sc/ctc/specialmeetings/2012/docs/United%20Nations%20Security%20Council%20Resolution%201373%20(2001).pdf

[2] 2 Ağustos 2017 tarihli ve 2370 sayılı Birleşmiş Milletler Güvenlik Konseyi Kararı için bkz.

 https://www.un.org/press/en/2017/sc12938.doc.htm

[4] Akın Özçer, “Adalet Divanı ABD’yi Nasıl Mahkûm Etmişti?”, Serbestiyet, 06 Şubat 2018.

http://serbestiyet.com/yazarlar/akin-ozcer/adalet-divani-abdyi-nasil-mahkum-etmisti-845450

[5] Akın Özçer, “Adalet Divanı ABD’yi Nasıl Mahkûm Etmişti?”, Serbestiyet, 06 Şubat 2018.

http://serbestiyet.com/yazarlar/akin-ozcer/adalet-divani-abdyi-nasil-mahkum-etmisti-845450

[6] Case Concerning Military And Paramilitary Activities In And Against Nicaragua (Nicaragua V. United States Of America), International Court Of Justice, 27 Haziran 1986.

http://www.icj-cij.org/files/case-related/70/070-19860627-JUD-01-00-EN.pdf

[7] Eren Alper Yılmaz ve Orhan Irk, “Nikaragua Divan Kararları Işığında Kuvvet Kullanma Ve Meşru Müdafaa Sorunu”, Celal Bayar Üniversitesi Sosyal Bilimler Dergisi, Cilt:13, Sayı:2, Haziran 2015, s. 159.

[8] Ahmet Hamdi Topal, “Uluslararası Hukukta Devlet Destekli Terörizme Karşı Kuvvet Kullanma”, Doktora Tezi, Ankara Üniversitesi Sosyal Bilimler Enstitüsü, 2004, Ankara, s. 158

[9] A.g.e, s. 165.

[10] Yılmaz ve Irk, a.g.m, s. 158

[13] Nedim Şener, “Aranan Delil ABD Senatosu’nda”, Posta, 7 Şubat 2018.

http://www.posta.com.tr/aranan-delil-abd-senatosu-nda-nedim-sener-yazisi-1379577



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر