فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ئوخشاش بىرلا مەقسەت ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئورتاق پائالىيەتلىرى ئاشكارا بولدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق

 

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق

 

مۇقەددىمە

 

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق غايىلىرى ئورتاق بولىمىسىمۇ، بىر - بىرى بىلەن ماشلاشقان ئوتتۇرا نىشانلىرىنىڭ بىردەك ئىكەنلىكى مەلۇم. بولۇپمۇ  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 17 – 25 – دېكابىر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق تېرررلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارە باسقۇچىنى بۇزۇپ تاشلىغان 2015 – يىلى  22 – ئىيۇلدىن تارتىپ، سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە پ ك ك/ ك ج ك بىلەن ئوخشاش بىرلا مەقسەت ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئورتاق پائالىيەتلىرى ئاشكارا بولدى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تۆۋەندە بىلدۈرگىنىمىزگە ئوخشاش ھەم 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى، ھەم شۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر خىل ھۆججەت ۋە ماتېرىياللار، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مەقسىتىنىڭ بىردەك بۇلۇشتىن باشقا يەنە، ئىپلاس مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ھەقىقدىكى پاكىتلارنىمۇ كۈچلەندۈرۈپ بەرمەكتە.

 

15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي -سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى ئورنىتىلغان ھەكارلىقلارغا دائىر پاكىتلار

 

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پ ك ك/ ك ج ك ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى مۇزاكىرە 2009 – يىلى ئەربىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئابانت مۇنبىرى ۋاستىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىدە ئىشقا ئاشتى. بۇ مۇزاكىرىگە پ ك ك/ ك ج ك نامىدىن سەبرى ئوق، مۇستافا قاراسۇ، تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى نامىدىن ئەھمەت تۈرك، ئايشەل تۇغلۇق، ئالتان تان، تىنچلىق ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى شىمالىي ئىراق ۋەكىلى جەمال جوشقۇن، جامائەت (يەنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) نامىدىن تالىپ بۈيۈك، جەمال بۇلۇت ۋە ئىراقتا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر ژۇرنالىست قاتناشتى. ئارىدىن بىر يېرىم ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئالاقە ئورنىتىشتى. 3 – قېتىملىق مۇزاكىرە بولسا، ياۋروپانىڭ تېررولۇق پايتەختى بىريۇسسېلدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئابدۇللاھ ئوجىلان تەرىپىدىن رەتلەپ چىقىلغان «ئىمرالى خاتىرىلىرى» ناملىق كىتابتا، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى تەڭ دەرىجىلىك رەئىسى سالاھىتتىن دەمىرتاش، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى ئەنقەرە پارلامېنت ئەزاسى سىررى سۈرەييا ئۆندەر ۋە ئابدۇللاھ ئوجىلان ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۆھبەتتە، مۇنۇلار قەيت قىلىنىدۇ:

سەلاھىتتىن دەمىرتاش: «ئالدىنقى مۇزاكىرىگە يوللىغان سۆزلىرىڭىز خاتا چۈشۈنىلدى. جامائەتكە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش دەپ ئىزاھلاندى. بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى سىررى سۈرەييا بەزى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلارمۇ بۇنى ئېنىق چۈشىنەلمىگەنلىكلىرىنى ۋە ئىككىلىنىپ قىلىشقانلىقىنى ئېيتتى»

سىررى سۈرەييا ئۆندەر: «شۇنداق ئەكرەم دۇمانلى بىلەن كۆرۈشتۈم. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى، باھوز ئەردالنىڭ جامائەتكە قارىتا قاتتىق باياناتلىرىمۇ قوشۇلۇپ ئېغىر بىئارام بولۇشقانلىقلىرىنى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن كېلىشىپ، شۇلارغا يۈزلىنىشتەك بىرەر نېيىتى بار ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاشقانلىقىلىرىنى ئېيتتى»

ئابدۇللاھ ئوجىلان: «باھوز ئەردال بايانات ئېلان قىپتىمۇ؟ دىققەت قىلىنىشى لازىم. ئەسلىدە بۇ مەزگىلدە ھەممەيلەن بىر – بىرىگە ئىشلىتىدىغان تىل ۋە ئۇسلۇبىغا قاتتىق دىققەت قىلىشى لازىم. جامائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇ ئىشقا كەلسەك، ئۇلار ئېيتقاندەك ئەمەس. بىز ئۇلارغا ئوتتۇرا شەرقتە دېموكراتىك ئىتتىپاقلىقنى تەكلىپ بەردۇق. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق دۈشمەنلىكىمىز بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېيتىپ قويۇڭلار، گۇلەننى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ئادەم يەنىلا مەن. ھەتتا ئۆزىمۇ <سۇلىھتا خەيىر بار> دېگەن ئىدى. مەنمۇ ئوخشاش قاراشتا. ئۇمۇ تىنچلىقنى قوللايدۇ. ئوتتۇرا شەرقتە دېموكراتىيەلىك كېلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز»

 

شانلىئۇرفا ۋالىيلىقى تەرىپىدىن 2016 – يىلى 6 – ئاپرىلدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇش

 

ئىستىخبارات خىزمەتلىرىمىز نەتىجىسىدە باھوز (ك) م. ئې. ئىسىملىق پ ك ك/ ك ج ك ئەزاسى <بىزنىڭ ئادەم> دەپ تەرىپلىگەن ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك تەربىيە كۆرگەن مىلىتان ۋە ھارران ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەت شۇناسلىق فاكۇلتېتى 2 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ھ.ش. ئىسىملىق كىشىنىڭ ماردىن ۋالايىتى قىزىلتەپە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمىغا بىر كومپاس تاپشۇرىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. ھ.ش. ئىسىملىق كىشى 2016 – يىلى 2 – ئاپرىلدا ماردىن يولىدا ئاپتوبۇستىن نازارەتكە ئېلىندى. ئېغىزىدا پۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان كومپاسمۇ قولغا چۈشۈرۈلدى. ئاندىن باھوز (ك) م. ئې. ئىسىملىق كىشى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئۇنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك ئىچىدە مەسئۇل دەرىجىلىك مىلىتان ئىكەنلىكى، تەشكىلات نامىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ۋە تۇغدۇرۇلىدىغان ۋەقەلەر ھەققىدىكى بۇيرۇقلارنى شۇنداقلا ۋەقەلەرگە دائىر دوكلاتلارنى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزگەنلىكى، ھەتتا ئادەم بومبا ۋەقەسى تۇغدۇرالىغۇدەك دەرىجىدە تەشكىلىي كۈچى بارلىقى مەلۇم بولدى.

 تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك ئىچىدە پوچتىكەشلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھ.ش ئىسىملىق كىشى ئولتۇرغان ئۆينىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە «نۇر ئۆيى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ بىرسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۆيدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردە پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ھۆججەتلەر ۋە پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت 5 كىتاب بىلەن بىرلىكتە فەتھۇللاھ گۈلەنگە تەۋە 77 كىتاب قولغا چۈشۈرۈلدى.

ھ.ش. بىلەن بىرگە ئوخشاش ئۆيدە « H.S.-Ş.T.-S.D.-M.S.A.ۋە U.C. »  ئىسىملىق كىشىلەرنىڭمۇ تۇرغانلىقى بايقىلىپ، ئۇلارمۇ نازارەتكە ئېلىندى. ھ.ش. ئۆز ئىقرارىدا، تەخمىنەن 5 -6 ئاي ئىلگىرى م. ي. ئىسىملىق كىشى بىلەن شىپرىلىق ئىسىمى ئۇفۇق دېيىلىدىغان فەتھۇلاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسىنىڭ ئۇنى مۇشۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۆيدە تۇرىدىغان باشقا كىشىلەرمۇ ھ.ش. نى ئۆيگە كىمنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى، بۇ ئۆيگە پات-پات <ئابى> دېيىلىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ناتانوش ئىنسانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، كەلگەن كىشىلەرنىڭ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۆيدىن كېتىپ قالىدىغانلىقىنى، ھ.ش ئىىسملىق كىشىنىڭمۇ شۇ شەكىلدە كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنى ئىلگىرى قەتئىي تونىمايدىغانلىقىلىرىنى بايان قىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ پوچتىكىشى ھ.ش فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر قانچىلىغان <نۇر ئۆيلىرى> مەسئۇللىرى تەرىپىدىن شۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۆيدە تۇرىدىغانلارنىڭ ئۇنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ئېتىراپتا ئۇتتۇرىغا چىقتى.  ئاندىن ھ.ش بىلەن بىرلىكتە باھوز (ك) م. ئې. ئىسىملىق تېررورچى، ھ.ش. بەكىر، ھ.س، ن.س، س. ك، ش.ت، س.ي، م.س.ئا، ئۇ.ج، ۋە د.م ئىسىملىك كىشىلەر نازارەتكە ئېلىندى.

ژۇنالىست ساباھاتتىن ئۆنكىبارنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن بىر ئاي ئىلگىرى 2016 – يىلى 8 – ئىيۇندا ئايدىنلىق گېزىتىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلغان «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ساقچىلار بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھەمكارلىقى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

1- فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ساقچىلار پ ك ك تېررولۇق تەشكىلاتىنى ئارقىدىن قوللاپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىگىلەنگەن ئىستىخبارات مەلۇماتلىرىنى يوشۇرۇپ، قەتلىئاملارنىڭ ئالدى ئېلىنىشىغا توسالغۇ بولدى. ئارقىمۇ - ئارقىدىن ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن قەتلىئام خاراكتېرلىك ھۇجۇملارنى توسۇپ قالالمىغانلىقىنىڭ بۇنىڭىدىن باشقا ئېنىقلىمىسى يوق.

2 -  ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيەسىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش مېتودى خاتا بولدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ساقچى ۋە سوتچىلار ئارقىلىق ۋەزىپىگە بەلگىلەنلەر ئېلىپ تاشلانماي تۇرۇپ بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مانقۇرتلىشىپ بولغان، يەنى فەتھۇللاھنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ بولغان. ئۇلارنىڭ دەرھال خىزمەتتىن ھەيدىلىشى دۆلەتنىڭ مەجۇتلىقىنى ساقلىيالىشىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر مەسىلە.

3 – ئامېرىكا قاتارلىق بارلىق غەرب دۆلەتلىرى تاييىپ ئەردوغاننى ئاغدۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىپ بولدى. بۇنىڭدا ئۇتۇققا ئېرىشەلمەي، دېموكراتىك تاللاش قالمىغاندا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى كۈنتەپتىكە ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى، شارائىت ھازىرلانغاندا مىىسردا بولغان ئىشنىڭ تۈركىيەدىمۇ بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى. شۇڭا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئەسكەرلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم.

 

بىر تۈركۈم باياناتلار

 

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى ئەزاسى دۇران قالقان تەرىىپدىن 2016 – يىلى 27 - مايدا تەشكىلاتىنىڭ چاڭگىلىدىكى «MED NUÇE» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ «تاييىپ ئەردوغاننىڭ ماي ئېيىدا ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرەلەرنى ئالدۇق. شۇنداق بىر ئۈمىد بار. بىراق كىمنىڭ، قانداق قىلىپ، قانداق ئۇسۇل بىلەن بۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقى جەمىل بايىقنىڭ 2014 – يىلى 3 – فېۋرالدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئامېرىكا جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلماقتا. جامائەت ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە چېرىكلىك ۋە پارىخورلۇق بىلەن زەربە بېرىشكە ئۇرۇندى. بىزمۇ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالىدۇق، بىراق جامائەت بىز بىلەن ئالاقە ئورناتمىدى» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقى جەمىل بايىقنىڭ 2014 – يىلى 12 – دېكابىردا  ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، «بىز جامائەت بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالىدۇق، ئۇلار خالىمىدى. بىز ئۇلار بىلەن مۇناسۋەت ئورنىتىپ ئەسلىدە ئۇلارنى مېڭىۋاتقان يولىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىدۇق. لېكىن جامائەت كورد دۈشمەنلىكىنى ئاساس قىلغان مىللىيەتچىلىك يۆنىلىشىدە تۇرۇش يولىنى تاللىدى. شۇڭا جامائەت بىلەن مۇناسىۋەت ئىشقا ئاشمىدى» دېگەنلەر قەيت قىلىنغان ئىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقى جەمىل بايىقنىڭ 2015 – يىلى 16 – مارتتا  ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، «جامائەت بىر قانچە ئاي ئىلگىرى پ ك ك بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە قاندىلگە كېلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار بىزگە <ئەگەر بىز كەلسەك، بۇ ئاخباراتچىلىقتىن قالىغان بىر ئىش بولىدۇ> دېدى. بىراق بىز بۇنى قوبۇل قىلمىدۇق. جامائەتنىڭ كورد مەسىلىسى ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى، پ ك ك غا بولغان قاراشلىرى، پوزىتسىيەسى ۋە سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا قايىل بولغاندا ئاندىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. بولۇپمۇ فەتھۇللاھ گۇلەننىڭ بايانات ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇق» دېيىلگەن ئىدى.

شانلىئۇرفا جەيلانپىناردا 2015 – يىلى 15 – ئىيۇلدا شېھىت قىلىنغان 2 ساقچىنىڭ جىنازە مۇاسىمىدا شانلىئۇرفا ساقچى ئىدارىس باشلىقى ئەيۇپ پىنارباشى سۆز قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سەقچى مۇرىتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە: «بۇ تەشكىلات ساقچىلار ئىچىگە سېڭىپ كىرىۋالغان قۇيرۇقچىلىرىنى ئىشقا سىلىپ، ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشتى» دېدى. 

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ رەھبەرلىرىدىن زانا ئازادى تەرىپىدىن 2016 – يىلى 26 – ئاپرىلدا تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «قەتھۇللاھ گۇلەننى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. بىراق ئادالەت ۋە تارەققىيات پارتىيەسى بىلەن دائېش فاشىزمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىنقىلابچى خەلقلەرنىڭ گۇلەن بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقىنىڭ ئەڭ توغرا قارار ئىكەنلىكىگە قايىلمەن» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى. 

مۇشتا پ ك ك تېررورچىلىرى ھەربىي ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىپ 12 ئەسكەر يارىدار بولغان ۋەقەگە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەم ئۆزجان ئا. باتماندا قولغا ئېلىندى. مۇشقا قايتۇرۇپ كېلىنگەن تېررورچىنىڭ تېلېفونىدىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن مەخپىي ئالاقە ئورنىتىش ۋاستىسى بولغان «ByLock» ناملىق ئەپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 

15 – ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ھەمكارلىققا دائىر بايقالغان ھۆججەتلەر؛

 

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقى جەمىل بايىقنىڭ 2016 – يىلى 23 - ئىيۇلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «50 ياكى 60 مىڭ، بەلكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشى نازارەتكە ئېلىنىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى ۋە ئۇرۇق – توغقانلىقىرىمۇ ھەرىكەتكە قاتناشتى. (ئاتالمىش) دېموكراتچى كۈچلەر بىلەن كوردلار بىرلىشىپ، ئەردوغان دېكتاتورلۇقىغا قارشى كۈرەش قىلىدۇ. بۇ كۈچلەرنىڭ سنى ئاز ئەمەس، بارغانسىرى تەشكىلىي ھالغا كەلمەكتە. شۇنداق بولغاندا كاتتا ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن» دېدى.   

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئىجرائىيە كېڭىشى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقى جەمىل بايىقنىڭ 2016 – يىلى 23 - ئىيۇلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، ھەربىي ئىسياننى فەتھۇللاھچىلار قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، فەتھۇللاھچىلارنىڭ بۇنداق تەشكىلاتلانمىغانلىقىنى، فەتھۇلاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ يۇقۇتۇلىشىغا قانۇنلۇق يول تېپىش ئۈچۈن مۇشۇنداق دېيىلىۋاتقانلىقىنى، ھەربىي ئىسيان باستۇرۇلغان تۇرۇغلۇق، ھازىرمۇ يەنە شۇنداق بىر تەھدىت بار، دەپ يۇرۇشنىڭ ئەسلدە دەل مۇشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدە جىددىي ھالەتنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئاساسەن يولغا قويۇلغانلىقىنى، ھازىر جىددىي ھالەتتىن ھالقىپ كەتكەن ئېغىر باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

تەقۋىم گېزىتىنىڭ 2016 – يىلى 1 – ئاۋغۇستتا ئىنتېرنېت بېتىدە ئېلان قىلغان خەۋرىدە، «ئامېرىكا <CNN> تېلېۋىزىيەسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن قانخور قاتىل فەتھۇللاھ گۇلەننىڭ خىيانەت شىرىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا سېگنال بېرىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقى، فەتھۇللاھ گۇلەن <CNN> پىروگراممىسىدا سۆز قىلىۋاتقان چاغدا، ئۇنىڭ يېنىغا بىر رەسىم قويۇلغانلىقى، ئۇ دەل دىيارباكىر ئادۋۇكاتلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق باشلىقى تاھىر ئەلچىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا نىسبەتەن بىر سېمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان 4 پۇتلۇق مۇنارنىڭ رەسىمى ئىكەنلىكى، ئۇ يەرگە قويۇلىشىنىڭ مەنىلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ 2018 – يىلى 12 – فېۋرالدا ئىنتېرنېت بېتىدە، ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، «ئەنقەرە قىزىل ئاي مەيدانىدا قانلىق ھۇجۇم قىلىپ، 37 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ۋە قېچىپ كەتكەن پ ك ك تېررورچىسى ۋاھىت ئايچىلنىڭ ئاچىسى ۋەھىدە كۈتكۈت فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ توي ئىشلىرى ۋە جۇپ تېپىش ئىشلىرىغا مەسئۇل <خان ئاچىلىرى>دىن بىرسى ئىدى. «ByLock» ناملىق ئەپتىكى يېزىشمىلىرى بىلەن ئاشكارىلىنىپ قالغان بۇ گۇماندارنىڭ فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىغا ئەزا قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ ئۇچرىشىشىنى پىلانلايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋەھىدە كۈتكۈت فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ غازى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلمىسى ئىچىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، «ByLock» ناملىق ئەپنى داۋاملىق ئىشلىتەتتى. ئۇ بۇ ئەپنى تۈنجى قېتىم 2014 – يىلى 11 - ئاۋغۇستتا ۋە ئاخىرىقى قېتىم 2016 – يىلى 17 – فېۋرالدا ئىشلەتكەن ئىدى» دېيىلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى رەھبىرى فەتھۇللاھ گۇلەننىڭ 2018 – يىلى 4 – فېۋرالدىكى <تىرىلىش، يۈكسىلىش ۋە پاراغەتنىڭ ئاساسلىرى» تېمىلىق نۇتۇقىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلغاندا، «ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇپپىلارغا سېگنال بەرگەن شەكىلدە،    2019 – يىلىدىكى سايلاملاردىن ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە قارشى چوڭ خەلق تۇپى ھازىرلاشنىڭ كويىدا يۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى، تۈركىيەگە قارشى خەلقئارالىق ئستىراتېگىيە ئاساسىدا، پ ك ك / ك ج ك – فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەييارلىق باسقۇچىدا ئورناتقان ھەمكارلىقلىرى ۋە بۇنى نەزەردە تۇتقاندا فەتھۇللاھ گۇلەننىڭ مەزكۇر شوئار ئۆزگەرتىشىنى تۈركىيەگە قارشى قىلىنماقچى بولغان يېڭى بىر ھۇجۇمنىڭ ئالامىتى سۈىپتىدە كۆرۈشكە تامامەن بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دەپ مۇھىزە قىلىنماقتا.

  

بېرىگەن باھالار؛

 

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئىپلاسلارچە ئورتاق نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ قارالماقتا. بۇ جەھەتتە دۆلەتنىڭ مەزكۇر مۇناسىۋەتلەرنى ئاشكارىلاپ، بۇنىڭغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەشۋىقات ۋە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كېڭىشى تەڭ دەرىجىلىك باشلىقى جەمىل بايىقنىڭ 2016 – يىلى 23 - ئىيۇلدا ئېلان قىلغان باياناتىنى نەزەردە تۇتقاندا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بولغان چېتىشلىقى، مەنسۇپلۇقى ۋە ھەمكارلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىرىنىڭمۇ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (BTÖ) پ ك ك نىڭ باياناتلىرىغا دىققەت قىلىنىدىغان بولسا، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىچىدە ئاكتىپ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇۋاتقان گۇرۇپپىدىن سىرت، پ ك ك/ ك ج ك نىڭمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئاساسىدا، فەتھۇللاھچىلار بىلەن تېخىمۇ تەشكىللىك ھالدا بىرلىشىپ، فىرونت ھازىرلاشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ يەنە بىر نۇقتىدىن رادىكال سولچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز قوينىغا ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى، خەلقلەرنىڭ بىرلەشمە ئىنقىلاپ ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ئوخشاش بىرەر قۇرۇلما ياكى ئىستىخبارات ۋە ئارقا سەپ تەمىنات جەھەتتىن بىر - بىرىنى قوللاش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە بولالايدىغانلىقى ئېنىق» دەپ باھا بېرىلمەكتە. 

جەمىل بايىقنىڭ يەنە ئوخشاش ۋاقىتتىكى باياناتلىرىنى بويلىغان ھالدا، «تەشكىلاتنىڭ <15 – ئىيۇل ھەربىي ئىىسياننى فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتى قىلمىغان> دېگەندەك تەشۋىقاتلار ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا خاتا ئۇقۇم يارىتىش ۋە بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە بىرلەشمە مۇناسىۋىتى ئورنىتىش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دەپ قاراشقا بولىدۇ.

شانلىئۇرفادا 2015 – يىلى ئاپرىل ئېيىدا ساقچىلار تەرىپدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن پ ك ك/ ك ج ك تېررولۇق تەشكىلاتىغا ئەزا مەزكۇر كىشىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىغا تەۋە ئۆيدە يوشۇرۇنغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، «پ ك ك/ ك ج ك تېررولۇق تەشكىلاتى بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئورتاق تېررورلۇق ۋەقەلىرى تۇغدۇرۇش تەييارلىق باسقۇچلىرىنى مەخپىي تۇتۇشقا تىرىشماقتا» دېيىشكە بولىدۇ. 

پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كېڭىشى ئەزاسى دۇران قالقاننىڭ 2016  – يىلى 27 - مايدا «MED NUÇE» تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدىمۇ، 2016 – يىلى ماي ئېيىدا تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاغدۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغانلىقى، شۇنداق بىر ئۈمىدنىڭ بارلىقى، بىراق بۇنى كىمنىڭ قانداق شەكىلدە ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىغا دائىر سازلىرىنىڭ، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى ئېيتىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ بايانات تېخىمۇ دىققەت قوزغايدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (BTÖ) پ ك ك نىڭ 2015 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئاتالمىش «ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش»نى ئېلان قىلىشلىرى ۋە 2015 – يىلى دېكابىر ئېيىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ۋىلايەت ۋە ناھىيە مەركەزلىرىگىچە كېڭەيتىش ئۈچۈن 2016 – يىلى ماي ئېيىدا تەڭ ۋاقىتتا شەھەر، يېزىلاردا تېررورلۇق ۋەقەسى تۇغدۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنى بەلىگلەپ، چىققانلىقىنى بولسا، «دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قۇرۇلمىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سايىسىدا ئىستىخبارات ۋە مەنپەئەت توپلاشنى نىشان قىلغان» دېيىشكە بولىدۇ.

بىراق ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ پىلانلىق ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، بۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئۈمىتسىزلىككە پاتقانلىقى ئىلگىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە زەررىچە بىر خاتالىق يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، <ئىنقىلابچى خەلق ئۇرۇشى ئىستىراتېگىيەسى> دائىرىسىدە قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، قوراللاندۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇش، ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى جايلارغا ئورۇنلىشىپ، ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىش تىرىشچانلىقىلىرىنى دااۋملاشتۇرۇش ئېھتامالى يۇقىرى» دېيىشكە بولىدۇ.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بىلەن كۈنتەرتىپنىڭ تەبىئىي ھالدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈستىگە مەركەزلىشىشى بىلەن پ ك ك/ ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قارا دېڭىز، شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونلىرىدىكى ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەنلىكى مەلۇم. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (BTÖ) پ ك ك مەزكۇر ھەرىكەت پىلانى بىلەن قايتىدىن كۈنتەرتىپنىڭ ئالدىنقى پىلانىدا ئورۇن ئېلىپ، شەكىللەندۈرگەن تەھدىتلىرىنى ۋە مەۋجۇت تەلەپلىرىنى جارى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر