سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسى

رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسى» نىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، سۈرىيەدە سىياسىي جەھەتتىن تىنچلىق مۇساپىسىنى باشلاش ئىدى.

سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسى

تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر (6)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2018-يىلى 29-30-يانۋار كۈنلىرىدە 393 ۋەكىل ۋە 50 كۆزەتكۈچىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسى» نىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، سۈرىيەدە سىياسىي جەھەتتىن تىنچلىق مۇساپىسىنى باشلاش ئىدى. كونگرەنىڭ باشلىنىشىدا بەزى كىرىزىسلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى دەپ ئۆتۈش كېرەك. سوچىغا تۈركىيە ئارقىلىق يېتىپ بارغان ئىدلىبنى مەركەز قىلغان ئۆكتىچىلەر، سوچى كونگرەسىنىڭ تىنچلىق كەپتىرى، زەيتۇن شېخى ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن سىمۋوللۇق بەلگىسىدە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بايرىقىنىڭ بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سوچى ئايرودۇرۇمىدا خېلى ئۇزۇنغىچە نامايىش قىلدى. ئۇلار بايراق كىرىزىسى كۈتكىنىدەك ھەل بولمىغاندىن كېيىن، كونگرەگە قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ئەنقەرەگە قايتتى. بۇ ئۆكتىچىلەرگە، تۈركىيە ۋەكىللىك قىلدى. مەزكۇر ھەيئەت يەنە، سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باشلىقى ئەھمەت توما، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بومباردىمانلىرىنى توختاتمىغانلىقى ۋە بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن كونگرەدىن چېكىنگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلىشىمۇ كۈنتەرتىپكە ئايلاندى.

بەزى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ كونگرە زالىغا سۈرىيە ئىنقىلابىي بايرىقىنى ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشى، رۇسىيەنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. ئۆكتىچىلەر كونگرەدە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەندە، «ئايروپىلانلىرىڭلار بىزنى بومباردىمان قىلىۋاتىدۇ» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ توسقۇنلۇق پەيدا قىلىشقا تىرىشتى. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەيئىتى بولسا، «ئۇ ئايروپىلانلار تېررورىستلارنى بومباردىمان قىلىدۇ، رۇسىيە ئايروپىلانلىرى سۈرىيە ئارمىيەسىنى قوللايدۇ» دەپ جاۋاب قايتۇردى. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا، بۇ كىرىزىسلەرگە قوشۇمچە ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن «ئىسكەندېرۇن ئايمىقىنى ئەركىنلىكىگە ئېرىشتۈرۈش تەشكىلاتى» رەھبىرى مىھراچ ئۇرالنىڭ (ئەلى كايالى ياكى ئەلى كەييالى، دەپمۇ بىلىنىدۇ) سوچىغا ساختا كىملىك بىلەن كېلىپ، كونگرەگە قاتناشماقچى بولغانلىقى مەسىلە پەيدا قىلدى. تۈركىيە ھەيئىتى ئۇرالنىڭ تېررورىستلار تىزىملىكىدە بارلىقىنى ۋە ئۈستىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشى نەتىجىسىدە كونگرەنىڭ ئېچىلىشى ئۇزۇنغا سوزۇلدى. شۇنداق بولسىمۇ، بارلىق بۇ كىرىزىسلار كونگرەنىڭ سىياسىي تىنچلىق مۇساپىسى ئۈچۈن باشلانغۇچ نۇقتىسى بولالايدىغان قەدەملەرنىڭ تاشلىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى.

سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسىدىن كېيىن، ئېلان قىلىنغان خىتابنامىدە، بۇندىن كېيىنكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەلگىلەنگەن بولدى. سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەش، خىتابنامەنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بولدى. خۇلاسىلىگەندە، خىتابنامىدە، ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى، سۈرىيە چېگرالىرىنى قوغداش، چەت ئەل كۈچلىرى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش، دىنىي ۋە ئېتىنىك ئايرىمچىلىق قىلماستىن پۈتكۈل سۈرىيەلىكلەر تەڭ-باراۋەر ۋە لائىك (دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىۋېتىلگەن)، سۈرىيە خەلقى ئۆزىنىڭ كېلەچىكىگە ئۆزى قارار قىلالايدىغان بولۇش بەلگىلەندى. بۇ بەلگىلىمىلەر ئىچىدە، بەلكىم ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇش قارارىنى ئەڭ مۇھىم قارار دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى خىتابنامىدە زىكرى قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قىلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلىنىدۇ. ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا، ئۆكتىچىلەر ھەيئىتىنىڭ كەڭ دائىرەدە ۋەكىللىك قىلىنغان ھالدا قاتنىشىشى بىلەن تەشكىل قىلىنغان كومىتېتنىڭ، ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىنى تەييارلىشى ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى بويىچە خىزمىتىنى باشلىشى قارار قىلىندى. دىققەت تارتىدىغان يەنە بىر ئامىل شۇكى، ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ ب د ت نازارىتىدىكى جەنۋە مۇساپىسىدە تۈزۈلۈشىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كاپالەتلىك قىلغۇچى ئۈچ دۆلەت، ب د ت جەنۋەدە تەشكىل قىلغان مەسىلىنى رەسمىي ھەل قىلىش مۇساپىسى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارزۇسىنى ئۇقتۇرغان بولدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لاۋرېنتنىڭ ئەسكەرتكىنىدەك، سوچىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن ب د ت نازارىتى ئاستىدىكى جەنۋە مۇساپىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ ئۈمىد قىلىنغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كاپالەتلىك قىلغۇچى ئۈچ دۆلەت 150 كىشىدىن تەركىپ تاپقان نامزات تىزىملىكىنى ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇراغا يەتكۈزىدۇ. دېمىستۇرا ئۆزى بەلگىلەيدىغان ھەيئەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 50-45 كىشىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەيدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا، رۇسىيە-تۈركىيە ۋە ئىراندىن ئوخشاش ساندا ئەزا قاتنىشىدۇ. جەنۋە مۇساپىسى ھازىرغىچە بىر مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرەلمىدى. بۇ يەردە، سوچى كونگرەسىنىڭ جەنۋەگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بىراق، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان قوللىشىدىكى سۈرىيە مۇزاكىرە ھەيئىتى بۇ كونگرەگە قاتناشمىدى. بۇنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئۇلار جەنۋە مۇساپىسىگە داخىل بولغاندا ئاساسىي قانۇن تۈزۈلگەن ۋاقىتتا، بەششار ئەسەد بولسۇن ياكى بەششار ئەسەد بولمىغان ھەل قىلىش چارىسىنىڭ كىرىزىسىقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرەلەيمىز. دېمىسىمۇ تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران جەنۋەدە كىرىزىس چىققان ياكى مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان تەقدىردە، «2-سوچى» نامى بىلەن فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا كونگرەنىڭ ئىككىنچى يىغىنىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كونگرەگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدا قاتناشقان ھەيئەت ناھايىتى ئۈنۈملۈك دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى قىلىپ، كىرىزىسلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. تۈركىيە سۈرىيەدە سىياسىي مۇساپىنى باشلاش ئۈچۈن بارلىق قەدەملەرنى ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا قانۇنلۇق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بېسىشنى ھەمدە سايلاملارغا تەييارلىنىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ جەنۋە مۇساپىسى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋە سوچىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ بولمىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى كونگرە باشلانماي تۇرۇپلا، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئىيوردانىيەنىڭ ئىككىنچى پىلان ئۈستىدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلار كەلدى. بۇنىڭدىن، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى مەسىلىنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇدلۇقىنى تالاش-تارتىشلىق ھالغا ئەكىلىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇدلۇقىنى قانۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن پ ي د بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى ۋە سۈرىيەدە فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئالدىراۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئامېرىكا بەلكىم، سۈرىيەدە ئىسىرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بىر ۋەزىيەتنى كۆرمىگىچە چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇ ھەممە بىلىدىغان بىر ھەقىقەت بولسا كېرەك. سوچى كونگرەسى جەريانىدا ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ لىۋاندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىغانلىقى خەۋىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئىراننى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ كونگرەنىڭ ئەڭ مۇھىم تەكىتلىگەن نۇقتىلىرىدىن بىرسى، بەششار ئەسەد بولسۇن ياكى بەششار ئەسەد بولمىغان ھەل قىلىش چارىسىنى تىلغا ئالغانلارغا قارشى «سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنى سۈرىيە خەلقى بەلگىلەيدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىق نىشانى، ھەر ئىككى دۆلەتنى رايوندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە قىلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك بىرلىككە كەلمىگەن مەسىلىلەر بار بولسىمۇ، بىر-بىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرگەن ھالدا سىياسەت يۈرگۈزۈشى، ئامېرىكاغا نىسبەتەن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇشىغا سەۋەب بولدى. ئامېرىكا رۇسىيەنى جازالاش ئۈچۈن ئېمبارگولارنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئالدىمىزدىكى كۈنلەر «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» دىن كېيىن، يېڭى ئىستراتېگىيە ۋە ھەمكارلىقلارغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان ئېھتىماللىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاپتور سالىھ يىلماز رۇسىيە تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرستېتى پىروفېسسورى            



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر