قۇددۇس قولدىن كەتسە... (ئاۋازلىق)

«دۇنيا كۆزنىكى»  (03)

قۇددۇس قولدىن كەتسە... (ئاۋازلىق)

قۇددۇس قولدىن كەتسە...

 

«دۇنيا كۆزنىكى»  (03)

قۇددۇس قولدىن كەتسە...

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك  «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى سانىدا «دۇنيا كۆزنىكى»دىن روھىڭيا مۇسلۇمانلىرىغا نەزەر سالغان ئىدۇق.  بۈگۈنكى سانىدا بولسا، قۇددۇسقا نەزەر سالىمىز.

قۇددۇس؛ مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن مۇقەددەس شەھەردۇر. مۇسۇلمانلانىڭ تۇنجى قىبلىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىئراجغا چىققان شەھەر ۋە شائىر سازائىي كاراكوچنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «كۆكتە ياسىلىپۆ زېمىنغا چۈشۈرۈلگەن بىر شەھەردۇر»

قۇددۇس؛ ياۋۇز سۇلتاك سەلىم تەرىپىدىن 1516 – يىلى فەتھى قىلغاندىن تاكى 1917 – يىلىغا قەدەر، جەمئىي 401 يىلغىچە ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ تىنچلىق مۇھىتىدا، پەرقلىق دىنلارغا تەۋە بارلىق ئىنسانلار خاتىرىجەملىك ۋە شات - خوراملىق ئىچىدە ياشاپ كەلگەن بىر شەھەردۇر. ھەتتا ئەشۇ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقان تىنچلىق دەۋرىدە، بۈگۈنكى قاراشنىڭ دەل ئەكسىچە مەككە ۋە مەدىنە بىلەن بىرلىكتە قۇددۇس ئوتتۇرا شەرققە، ئوتتۇرا شەرقتىن پۈتۈن دۇنياغا خاتىرجەملىك مۇھىتى تارقىتىدىغان جايلاردىن بىرسى بولغان ئىدى. بىراق مانا بۈگۈنكى كۈندە بولسا، يەھۇدىيلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇنى قان كۆلىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى ۋە باشقا ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن بەزىلەرنىڭ قارىشىچە «ئوتتۇرا شەرقنىڭ پاتقاقلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قالدى.

تۆۋەندە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسىلىگە ئالاقىدار ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

*** ** *** *** *** ***

ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارى ۋە نارازىلىقلار

ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىچكى سىياسىي تالاش - تارتىشلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، قۇددۇسنى ئۆز ئالدىغىلا چىقارغان قارار بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا قاشى پۈتۈن دۇنيا بىرلەشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇچۇق - ئاشكارا، قوپال ۋە ھۆرمەتسىزلەرچە قىلىنغان تەھدىتلەرگە پىسەنت قىلماستىن،  مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە پۈتۈن دۆلەتلەر بىرلىكتە بۇ قارارغا قارشى غۇرۇرلۇق بىر مەيدانىنى ئىپادىلىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە 14 كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا يالغۇز قالدى. ئومۇمىي كېڭەشتە بولسا، پەقەت 8 دۆلەتلا ئامېرىكىنىڭ تەھدىتلىرىگە بويۇن ئەگدى. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكا ۋە يىراق شەرق دۆلەتلىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى. ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەدىن تارتىپ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتەردە دېگۈدەك بۇ قارارغا نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن ئىنسانىيەت گويا مۆتىدىللىقتا بىرلەشكەندەك ئىدى. 

بۇ ئىشتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ باشلامچىلىق رولى ئوينىغنلىقىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتىپاقى رەھبەرلىرى، پۇتىن، پاپا ۋە باشقا مەسئۇللار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى، ئورتاق بىر مەيداننى ئىپادىلەش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولدى.  قۇددۇس ئۆز ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ساقلىنىپ ياتقان ئىسلام دۆلەتلىرىنىمۇ بىرلەشتۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى قايتىدىن ئوخشاش نىشان ئەتراپىدا بىرلىككە كەلتۈردى.

ئۈمىد قىلىمىزكى، ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارى، پەلەستىن مەسلىسىدە يەر شارىي خاراكتېرلىك بىر ئويغۇنۇشقا ھەسسە قوشقاي. بۇ قارارغا قارشى شوئارلارمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك پىكىر بىرلىكىگە، پەلەستىندە ئۇزاققا سوزۈلغان ئېتنىك  تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىغا ۋە رايوندا ھەقنى ئاساس قىلغان بىر پوزىتسىيەنىڭ ھاكىم ئورۇنغا ئۆتۈشىگە ۋەسىلە بولغاي!

**** ** *** ** *** ** *****

خەلقئارا جامائەتچىلىك قارشىلىق كۆرسەتمىگەن ياكى قۇددۇس قولدىن كەتكەن بولسا، نېمە بولماقچى ئىدى؟

ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارى يامانلىقتەك كۆرۈنگەن ئىشلاردىن خەيرىلىكلەرنىڭمۇ چېقىش ئېھتىمالى بارلىقىنىڭ ئەڭ گۈزۈل ئۈلگىلىرىدىن بىرسى بولدى.  ئەگەر قارشىلىق كۆرسىتىلمىگەن بولسا ئىدى، رەھمەتلىك باش مىنىستىرىمىز ئەرباكان دائىم دىققەت تارتىپ كەلگەندەك، ئىسرائىلىيە رايون دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دىجلە ۋە فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان «ۋەدە قىلىنغان زېمىن» غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ جاسارەتلەنگەن بولاتتى. بۈگۈنكى بۇ ھالى بىلەن ئىنسانىيەتكە ۋە رايوندا پەيدا قىلغان تەھدىتلەرگە قارايدىغان بولساق، كەلگۈسىدىكى «بۈيۈك ئىسرائىلىيە»نىڭ يارىتىدىغان تەھدىتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

«ۋەدە قىلىنغان زېمىن» غايىسىنىڭ قۇيرىقىدا چېپىپ يۈرگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ تاللانغان ئىرق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىشىدىغان سىيونىست يەھۇدىيلارنىڭ كەلگۈسىدە پەيدا قىلىدىغان تەھدىتلىرىنى ھېچ بولمىغاندا، ئۇ خىل ئويدا بولمىغان ۋە ئىرقىۋاز، فاشىستلىقتىن ئۇزاق يەھۇدىيلارمۇ كۆرۈپ يەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. گىتلىرنىڭ گىرمانىيە ئىرقىنىڭ ئۈستۈن ئىرق ئىكەنلىكىگە دائىر «ناتسىزم ئىدىئولوگىيەسى» ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن قانداق بالايى- ئاپەت بولغانلىقى ھەممىزنىڭ ئىسىمىزدە. ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس قارارىغا قارشىلىق كۆرسىتىلىگەن بولسا ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش «تاللانغان مىللەت» ئىدىئولوگىيەسى تېخىمۇ بەك جاسارەت ئالغان بولاتتى.

قۇددۇس قارارىغا قارشى ياۋروپا ئىتتتىپاقى ۋە ئىسلام  دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق قارشىلىق كۆرسىتىشى، يېقىندىن بۇيان بارغانچە يىرىكلىشىشكە باشلىغان غەرب ئەللىرى ۋە ئىسلام دۇنياسى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پەقەتلا قارشىلىق ئۈستىگە قۇرۇلۇشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ قارارىغا قارشىلىق كۆرسىتىلمىگەن بولسا ئىدى. ھەقلىق بولغان ئەمەس، كۈچلۈك بولغان ھۆكۈم سۈرگەن بىر دۇنيا قارشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتەتتى. ناھەقچىلىككە ئۇچراۋاتقان رايونلاردىكى ناھەقچىلىككە قارشى تۈرۈش كۈچى زور دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىغان بولاتتى. قۇددۇس مەسىلىسىدە يەر شارى خاراكتېرلىك بىر تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمىگەن بولسا ئىدى، كۆندۈرۈلگەن چارىسىزلىق تېخىمۇ ئولغۇيۇپ كېتەتتى. چارىسىزلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدلىرى تېخىمۇ زۇلمەتتە قالاتتى.

بۇ قارارغا قارشى ئىنسانىيەت ئويۇن كۆرۈپ، قاراپ تۇرغان بولسا ئىدى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان پەلەستىننىڭ ۋىجدانلىق قىزى ئەھەد تەمىمىنىڭ كۆزىگە دۇنيا قانداقمۇ قارىيالايتتى؟!

غەززەدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ چىقىپ تاشلىنىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ تۈرتكۈچ ماشىنىسى ئاستىدا يەنچىلىپ ھاياتىنى تەقدىم قىلغان 24 ياشلىق ئامېرىكىلىق تىنچلىق پائالىيەتچىسى راچېل كوررىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغۇدەك كىمنىڭمۇ يوزى قالغان بولاتتى؟!

*** *** *** *** ** *** **

ناتسىزمنىڭ قايتا تۆرەلمەسلىكى  ئۈچۈن يەھۇدىي ناتسىزىمىنى توسۇپ قىلىش لازىم

ئۇنداقتا مۇشۇ يەردىلا توختاپ قىلىش يېتەرلىكمۇ؟ ئەلبەتتە ياق. چۈنكى قۇددۇس قولدىن كەتسە، يۇقىرىدىكى بارلىق ئىجابىي ئىشلار تەتۈرگە ئايلىنىدۇ. قۇددۇسنىڭ قولدىن كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەممىدىن بەك ئەركىنلىك سۆيەر يەھۇدىيلار قارشىلىق كۆرسىتىشى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا، ئەڭ دەسلەپ زىيان تارتىدىغانلار شۇلار ئۆزلىرى بولۇپ قالىدۇ. گېرمان ناتسىزمى تۈپەيلى ئىنسانىيەت ئىنتايىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى. ئەمدىلىكتە يەھۇدىي ناتسىزمى بىلەن يەنە ئوخشاش ئىشلارنى باشتىن كەچۈرمەسلىكى لازىم.

كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك  قۇددۇس مەسلىسى پەقەتلا مۇسۇلمانلارنىڭ، خىرىستىيانلارنىڭ ياكى يەھۇدىيلارنىڭ مەسلىسى ئەمەس، قۇددۇس مەسىلىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەسلىسىدۇر. ئادىمىيلىك مسىلىسىدۇر. چۈنكى قۇددۇس قولدىن كەتسە، ۋىجدان قولدىن كېتىدۇ. ئادالەت قولدىن كېتىدۇ. ئادىمىيلىك قولدىن كېتىدۇ.

ئاپتورى: يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر