2018 ۋە ئىراقتا سايلام

2018-يىلى ئىراقتا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملار ۋە ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا

889281
2018 ۋە ئىراقتا سايلام

ئامېرىكا قاچانكى ئىراقنى ئىشغال قىلدى، شۇ كۈندىن بۇيان ئىراقتا ھەر ئۆتكۈزۈلگەن  سايلاملاردىن كېيىنلا ئېغىر بۆھرانلار يۈز بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەلۋەتتە، ئىراقتا بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن بۆھرانلار بار. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تامامەن پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىراقتىكى مەسىلىلەر ھەل بولغىنى يوق. بۇ سەۋەبتىن 2018-يىلىمۇ ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىش تولىمۇ زۆرۈر.

ئىراقتا سايلام ۋە مۇقىملىق

ئامېرىكا 2003-يىلى بىرمۇ يوللۇق سەۋەبنى بىلدۈرمەيلا ئىراقنى ئىشغال قىلىۋالدى،شۇنىڭدىن كېيىن ئىراقنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى ۋە نوپۇزى بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك بولماي قالدى. سايلاملار قەررەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئىشغالىيىتىدىن كېيىن سىياسەتنىڭ ئېنتىك ۋە مەزھەپ مەركەزلىك ھالدا يولغا قويۇلۇشى سەۋەبىدىن سىياسەت ئورگانلىرى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن بەكرەك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەتتا ئۇلغايىتىۋېتىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. شۇڭلاشقا، ھەر ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن ئىراق ئېغىر بۆھرانلارغا سەھنە بولدى.

2005-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن ئىراق 2006-يىلدىن كېيىن مەزھەپ خاراكتېرلىك ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا سۆرەپ كېلىندى. 2010-يىلدىن كېيىن سۈننىي ۋە شىئە قۇتۇپلىشىشى روشەنلەشتى، ئەينى دەۋىردىكى ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكىنىڭ سۈننىي ئەرەبلەرنى چەتكە قېقىپ يولغا قويغان سىياسەتلىرى تۈپەيلى ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. 2014-يىلدىكى سايلامدىن كېيىن بولسا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قانلىق ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئىراق ۋەيران بولدى.

بۇ ئەھۋاللارغا قاراپ 2018-يىلدىكى سايلامدىن كېيىن ئىراقنىڭ ۋەزىيىتى بۇرۇنقىدىن كۆپ پەرقلىق بولمايدىغانلىقىنى پەرز قىلىشقا بولىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ سەھنىدىن چۈشۈپ كېتىشى كىشىنى ئاز تولا خوشال قىلىدىغان ئەھۋال.

شىمالىي ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى (خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى)دىن كېيىن باش مىنىستىر ھەيدەر ئىبادى رايوندىكى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، بۇ ئەھۋال مەركىزى ھۆكۈمەت باغدادنى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەربىل ئالدىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىراق ھۆكۈمىتى نېفىت ئېكسپورتىنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇردى، ھەممىدىن مۇھىمى زور مىقداردىكى ئۇرۇش چىقىملىرىنىڭ ئەكسىچە يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرالىدى. بۇ ئەھۋاللارغا قاراپ، 2014-يىلى باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغاندا پارچىلىنىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ھەيدەر ئىبادىنىڭ تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تولىمۇ مۈشكۈل ئۆتكەن بولسىمۇ يەنىلا مەلۇم ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىراق بۇ گۈزەل مەنزىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار ئىدى، باغداد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەم تېررورچىلارغا ھەمدە بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى كۈرەشلىرى ئاسانغا توختىمىدى. باغداد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىراق سىياسىتىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقى ئۈستىدە ئايرىم باش قاتتۇرۇش كېرەك. كۈچلۈك باغدادمۇ ياكى باغدادقا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ۋە ھەر بىرى دۆلەت ئىچىدە دۆلەتكە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغان گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقىمۇ؟

سايلامدىن بۇرۇنقى سىياسىي كۈچ مۇۋازىنەتلىرى

ئىراق پارلامېنتى 2018-يىلى 12-مايدا سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھازىرغىچە ئىراقتا سايلاملار بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلمەي كەلدى، داۋاملىق 6 ئاي كېيىن ئۆتكۈزۈلدى. سايلام ۋە سىياسەتنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سەزگۈر سىياسىي كۈچ مۇۋازىنەتلىرى توغرۇلۇق نۇرغۇن جاۋابى يوق سوئاللار بار. بۇ سوئاللاردىن بىرى ئىراقنى دەسلەپ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئارقىدىن بۆلگۈنچى كۈچلەردىن قۇتقۇزغان ئىراقلىق شىئە ئەرەبلەر قوللايدىغان ھاشدى شابى كۈچلىرىنىڭ يېڭى سىياسىي دەۋىردىكى ئورنى، رولىنىڭ قانداق بولۇشىدۇر. ئايەتۇللاھ ئەلى سىستانىنىڭ قوراللىق كۈچلەرگە قىلغان چاقىرىقىدىن كېيىن نۇرغۇن قوراللىق گۇرۇھ قوراللىرىنى تاشلاپ نورمال سىياسەتكە يۈزلىنىشكە باشلىدى. ھاشدى شابى كۈچلىرىنىڭ بىر مەزگىل ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق، شاھدى شابى كۈچلىرى قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئەزالىرى دۆلەتتىن مائاش ئالاتتى. بۇ سەۋەبتىن ئورگان كىملىكى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، تەئەللۇق ئېڭى ئۇنداق ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ. يەنە بىر سوئال، سۈننىي ئەرەبلەرنىڭ تۈزۈمگە قانداق ماسلىشىشىدۇر. ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا بائاس پارتىيەسىنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشىدىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان بۇ مەسىلە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. كونا بائاسچىلار دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىدى، ئەلۋەتتە، بۇ ئىشتا ئىراقتىكى قەبىلىلەرنىڭمۇ رولى ئاز ئەمەس. كېيىنكى ئۈچ يىلدا سۈننىي ئەرەبلەر چېچىلاڭغۇ بولۇپ كەتتى، كۈچى ئاجىزلاپ بۇرۇنقى ھالىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. بىر قىسمى دائېش تەرىپىدىن پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈلدى، بىر قىسمى باغداد تەرىپىدىن تېررورچى ئېلان قىلىندى. يەنە بىرقىسمى ئىراقنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ خەلقتىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا نە يۈزى يوق نە كۈچى يوق. پەقەت بىر قىسمى باغداد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى، نۆۋەتتە ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى بۇ گۇرۇھتىكىلەردۇر. قىسقىسى، سۈننىي ئەرەبلەرنىڭ مەيلى قەبىلىلەر ئارىسىدا بولسۇن مەيلى سىياسىي سەھنىدە بولسۇن بۇرۇنقىدەك كۈچى يوق.

ئىراقلىق كۈرت (كورد)لەرنىڭ ئورنى، كۈچى ۋە كېلەچىكى ئۈستىدىمۇ ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق رايونلاردا بۇ يىل سايلام يوق. بۇ رايوندىكى پارلامېنت ۋە باش مىنىستىرلىق سايلىمى كۈرتلەرگە نىسبەتەن ئىراقتىكى ئومۇمىي سايلاملارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. بىراق بۇلتۇر 16-ئۆكتەبىردىن كېيىن باغدادتا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. كۈرتلەر 2003-يىلدىن 2010-يىلىغىچە باغدادقا تەسىر كۆرسىتەلەيتتى، لېكىن 2014-يىلدىن كېيىن بۇرۇنقىدەك تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. پارلامېنتتا ئېرىشكەن ئورۇندۇق سانى نىسبەتەن كۆپ بولسىمۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلالمىغان ئەھۋالدا مۇھىم ۋەزىپىلەرگە ئېرىشىشى تولىمۇ تەس.

شۇنىسى ھەقىقەتكى، يېڭى سىياسىي كۈچلەر سەھنىسىدە ئىراق كۈرت رايونلۇن ھۆكۈمىتى باغدادتا قايتىدىن نوپۇز تىكلىشى لازىم، بولمىسا فېدراتىپ رايوندىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

ئىراقتا سىياسەتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئىراقتا مەركىزى ھۆكۈمەت نوپۇزىنى تىكلەشكە كۈچەۋاتقان جەرياندا ئېغىر سىناق ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر