ئىراندا ۋەقەلەر تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتەمدۇ؟

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ئىراندا ۋەقەلەر تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتەمدۇ؟

ئىراندىكى ۋەقەلەر تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتەمدۇ؟

ئىراندا نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەشھەد شەھىرىدە باشىغان نامايىشلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نىشابۇر، شاھرۇد، قىرمانشاھ، قۇم، رەشت، يەزد، كازۋىن، زاھىدان، ئەخۋاز ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرگە كېڭەيدى. نامايىشلاردا دەسلەپ ھۆكۈمەت تەنقىد قىلىندى، ئارقىدىن ئىنقىلاب رەھبىرى ھامانېي بولۇپ نۇرغۇن سىياسىي كۈچلەرمۇ بۇنىڭدىن نىسۋېسىنى ئالدى. قۇم شەھىرىگە ئوخشاش شىئەلەرنىڭ غوللۇق مەركەزلىرىدىن بولغان بىر شەھەردە «ھامانېي ۋە ھىزبۇللاھقا لەنەت بولسۇن»دېگەن شوئارلار توۋلاندى، نامايىشلارلاردا  نۇرغۇن ئادەم نارازەت ئاستىغا ئېلىندى، 20دىن كۆپرەك ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. بۇ يەردە سورىشقا تېگىشلىك سوئال مۇنداق: ئىراندا بۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟ نامايىشلار ئۇلغىيىپ كېتەمدۇ ياكى ئاخىرلىشامدۇ؟

ئىران جەمئىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق مۇنداق ئىككى مەسىلىنى بايقايمىز: بىرىنچىسى كۈندىن-كۈندىن ناچارلىشىۋاتقان ئىقتىساد، ئىككىنچىسى ئىچكى سىياسەت غەۋغاسىدۇر.

رۇھانى ھۆكۈمىتى بىلەن ھامانېي ئارىسىدىكى سىياسىي نوپۇز تالىشىش كۈرىشى يېقىنقى كۈنلەردە بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە، رۇھانىنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنىڭ بىر-بىرلىرىنى چىرىكىلىك قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەپ كېلىشى  ئىران خەلقىنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى مۇئەيىەن دەرىجىدە سۇسلاشتۇرۇۋەتتى. ئىرانغا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يۈزگۈزۈپ كېلىنىۋاتقان ئېغىر ئېمبارگولار،  ناقابىل ھاكىمىيەت ۋە جەمئىيەتتە يامراپ كەتكەن چىرىكلىك قىلمىشى ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كىرىملىرىنىڭ ئەكسىچە، دۆلەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 500 مىليارد دوللاردىن 350مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالدى. ئىراندا پۇل پاخاللىق، قىزىل رەقەم ۋە ئىشسىزلىق مەسىلىسى خېلىلا ئېغىر، ئاساسىي قۇرۇلۇشلارمۇ يېتەرلىك ئەمەس، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى بىلەن قۇرغاقچىلىقمۇ باشنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. تاشقى سىياسەتتە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يولغا قويۇلماقتا. يەمەن، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا ئېغىر ئىقتىسادىي بەدەللەر تۆلەنگەن بولسىمۇ، كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لېكىن گىئو-سىياسىي نەتىجىلەرگە ئىران خەلقى بەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىدىغاندەك ئەمەس.

ئىراندىكى ۋەقەلەردە كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئىشلاردىن بىرى ئېتنىك مەركەزلىك نامايىشلاردۇر. ئەخۋاز رايونىدىكى ئەرەبلەر، ئىراننىڭ شەرقىدىكى بەلۇجىلار، ئىراننىڭ غەربىدىكى كۈرتلەر (كوردلار) ۋە ئىراننىڭ تۈركمەن رايونىدىكى نامايىشلاردا بەزى گۇرۇھ ۋە نامايشىچىلار ئىرانغا ھاكىمىيىتىگە ئىرقىي ئايرىمچىلىق قىلىنىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن قارشى چىقماقتا.

ئىراندىكى نامايىشلارنىڭ تېگىدە ئىچكى سىياسەتتىكى مەسىلىلەر ۋە خەلقنىڭ پاراكەندىچىلىكى بولسىمۇ، نامايىشلارنىڭ تاشقى ئامىللىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ئىران دائىرىلىرى نامايىشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ قاتىللىرىنىڭ چەت دۆلەتلەرنىڭ جاسوسلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتېر ئادرېسىدا ئىراندىكى نامايىشلارنى قوللاپ يازغان ئۇچۇرلىرىمۇ ئىران دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارىشىنى مەلۇم دەرىجىدە قۇۋەتلەيدۇ. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇمۇ ئىراندىكى نامايىشلاردىن تولىمۇ مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

دەرۋەقە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراندىكى نامايىشلار توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىپ، دوست ۋە قېرىنداش ئىراننىڭ مۇقىملىقى، ئامانلىقى ۋە ئاسايىشىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ خەلقنىڭ تىنچ ھالدا نامايىش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، بىراق قانۇننىڭ ئاياق-ئاستى قىلىنماسلىقىنى تەكىتلەپ بەرگەن باياناتى نەزەرگە ئېلىنغىدا، نامايىشلاردا زوراۋانلىقتىن ساقلىنىپ سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. ئىراندا بۇرۇنداق مۇقىملىق ۋە ئامانلىق بەرپا قىلىنىپ ۋەقەلەرنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

......

دونالد ترامپ پارس قولتۇقى زىيارىتىدىن كېيىن ئىرانغا قارشى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، بەھرەين ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. بۇ دۆلەتلەر ئىراننىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

دەرۋەقە، ئىران دۆلىتىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقلارغا تاشقى كۈچلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە، ئىران پىرېزىدېتىنىڭ بىرىنچى قول مۇئاۋىنى ئىسھاق جىھانگىرى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي مەسىلىلەر باھانە قىلىنىپ باشقىچە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭ كەينىدە ھەر خىل ئويۇنلار ئوينالماقتا.» ھەسەن رۇھانى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تاراتقۇ ئورگىنى بولغان ئىران گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈن سانىنىڭ بىرىنچى بېتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنۇ جۈملىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: «بىر قىسىم كۈچلەر خەلقنى يامان ئەمەللىرىگە يېتىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ئويۇنچۇق سۈپىتىدە كۆرمەكتە.»

ئايەتۇللاھ ھامانېي «دۈشمەنلىرىمىز دۆلىتىمىزنى قالايمىقان قىلىش ئۈچۈن پۇل، قورال ۋە جاسۇسلاردىن پايدىلانماقتا.»

بىراق ئىراننىڭ خەلقئاردىكى دۈشمەنلىرى بۇ نامايىشلارنىڭ خەلققە نىسبەتەن يوللۇق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى يوشۇرماسلىقى كېرەك. ئىراندىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سەۋەبلىك ئۇزۇندىن بۇيان كىچىك كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بېرىپ كېلىۋاتاتتى،  ئىراندا  تەبىئىي بايلىق زاپىسى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ خەلق كۈندىن-كۈنگە نامراتلاشماقتا، بۇنىڭدىن تاشقىرى ھاكىمىيەت بىلەن ئالاقىسى بولغان بەزى كاپىتالىستلارغا تەۋە پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ ۋەيران بولۇپ نۇرغۇن كىشىنىڭ قىيىن كۈنگە قېلىشى  نامايىشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە مۇئەييەن دەرىجىدە سەۋەب بولۇپ قالدى.

نامايىشلاردا «پۇللىرىڭلارنى سۈرىيە، غەززە ۋە لىۋاندا خەجلىمەڭلار، خەلق تىلەمچىگە ئايلىنىپ قالدى، سۈرىيەنى تاشلاپ بىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار، سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز ئىران غەززە ۋە لىۋانغا پىدا قىلىنمىسۇن، ھىزبۇللاھغا لەنەت بولسۇن»دېگەندەك شوئارلار نامايىشچىلارنىڭ ئىران دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىران بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا شەرقتە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يولغا قويماقتا. ئىراندا بۇرۇن دۆلەتنىڭ كېڭەيمچىلىك سىياسىتىدىن بىئارام بولغان كىشىلەر ۋە قاتلاملار بار ئىدى.مەسىلەن، ئىران دۆلىتىنى سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قېتىلغان ئەسكەرلىرىگە بەرگەن مائاشى ئىراندىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ مائاشىدىن خېلى يۇقىرى ئىدى.

«ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خالىمايمىز، مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە ئىران جۇمھۇرىيىتى»دېگەندەك شوئارلار نامايىشچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ بېسىم سىياسىتىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نامايىشلاردا ئىراننىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن شاھى رىزا شاھ پەھلىۋىگە دۇئا قىلىنىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ زامانىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋە قاتناش ۋاستىلىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىران خەلقى، بولۇپمۇ تۈركىيەگە ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، شەكلى ۋە سەۋىيەسىنى سېلىشتۇرماقتا.

قىسقىسى، ئىراندىكى نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر نەچچە سەۋەب بار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى ئەركىنلىك ۋە گۈللەنگەن ئىقتىسادقا بولغان تەلپۈنۈش، يەنە بىرى ئىراننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىش كويىدا بولۇشىدىن ئبىارەت. تۈركىيەنىڭ ئىراندىكى ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى يۇقىرىدىكى سەۋەبلەرنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر