دۇنيادىكى جەننىتىمىز، ئائىلە (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى - 01

دۇنيادىكى جەننىتىمىز، ئائىلە (ئاۋازلىق)

دۇنيادىكى جەننىتىمىز، ئائىلە

 

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرسى شۇكى، ئۇ سىلەرگە ئۇلارنىڭ يېنىدا ھوزۇرلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۆز تىپىڭلاردىن ئاياللارنى ياراتتى ھەمدە ئاراڭلاردا مۇھەببەت  ۋە مەرھەمەت ئورناتتى. شەك- شۈبھىسىزكى، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر باردۇر» (سۈرە رۇم، 21 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«توي قىلىش مەسىلىسىگە ياخشى تاللاش بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار! قىزلىرىڭلارنىمۇ تەڭتۈشلىرى بىلەن ئۆيلەندۈرۈڭلار!» (ئىبنى ماجە، نىكاھ بابى 46 – ھەدىس)

ئەزىز قېرىنداشلار! بىر كۈنى ياش بىر قىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە «يا رەسۇلۇللاھ! مەن خالىمىساممۇ دادام مېنى ئۇكىسىنىڭ ئوغلى بىلەن ئۆيلەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگىنىچە شىكايەت قىلدى. دۇنياغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەرھال قىزنىڭ دادىسىنى چاقىرتتى. چۈنكى ۋەقەنى دادىدىنمۇ ئاڭلاشنى ۋە ئەگەر قىزنىڭ پىكرىنى سورماستىنلا ئۆيلەندۈرمەكچى بولغان بولسا، قىزنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى كۈچكە ئىگە قىلىشنى خالىغان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلغان قىز: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! نىكاھ مەسىلىسىدە ئاياللارنىڭمۇ سۆز ھەققى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟ ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن سىزگە مۇراجىئەت قىلغان ئىدىم» دېدى. (نەسائىي، نىكاھ بابى، 36 – ھەدىس. ئىبنى ھەنبەل 6 – توم 135 – ھەدىس)

 دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا بۇ پوزىتسىيەسى ئارقىلىق ھاياتنىڭ ئەڭ مۇھىم قارارى بولغان نىكاھ ئىشىدا ئاياللارنىڭ پىكرىنى ۋە رازىلىقىنى ئېلىش كېرەكلىكىگە ئىما قىلغان ئىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «رازىلىقى بولماي تۇرۇپ قىزلارنى ئۆيلەندۈرمەڭلار» دەپ بۇيرىغان ئىدى. (بۇخارى، نېكاھ بابى، 42 – ھەدىس)

بۇ ۋەقە ئاياللارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدىكى ئورنى، غۇرۇرى ۋە قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ساناقسىز ئۈلگىلەردىن پەقەتلا بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلام مۇستەھكەم توي رىشتىسى ۋە شاتلىققا چۈمگەن ئائىلە قۇرۇشقا زور ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىكاھنى چوڭقۇر مەنە ۋە ئۇلۇغ بىر رۇھقا ئىگە قىلغان ئىدى. چۈنكى دىنىمىزدا نىكاھ ئەڭ ئېغىر ئەھدىنامىدۇر ۋە ۋابالى ئەڭ ئېغىر كېلىشىمدۇر. نىكاھ؛ ئاللاھنىڭ نامىنى گۇۋاھ قىلغان ھالدا، جۈپلەرنىڭ بىر ئۆمۈر بويى ھاياتلىرىنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بىر – بىرىگە بەرگەن ۋەدىسىدۇر. نىكاھ؛ ئەر ۋە ئايالنىڭ قەلب رازىلىقى، ئەركىن ئىرادىسى بىلەن بىرلىكتە يەلكىسىگە ئالغان ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتتۇر.  

كۈلتۈرىمىز ۋە ئەنئەنىمىزدە ئائىلە قۇرۇش؛ قانداقتۇر ئىككى ئىنساننى بىر ئۆينىڭ ئىچىگە توپلاپ قويۇش ئەمەس. دەل ئەكسىچە جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ نەسلىسىنى قوغداش ئۈچۈن سېلىنغان ئەڭ ساغلام ئاساستۇر. ئائىلە قۇرۇش؛ سۆيگۈ، ھۆرمەت ۋە مېھرى – شەپقەت بىلەن كۆيۈنۈشلىرىنى ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن ھاياتلىرىنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىشتۇر. ئائىلىك بولۇش؛ دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە بىرلىكتە كۆكرەك كىرىش، شاتلىق ۋە قايغۇ - ھەسرەتلەرنى شۇنداقلا باياشاتلىق ۋە نامراتلىقنىمۇ بىرلىكتە باشتىن كەچۈرۈشتۇر. ئائىلىلىك بولۇش؛ ياخشى كۈندە ۋە يامان كۈندە ۋاپادارلىق ۋە پىداكارلىق بىلەن بىر – بىرىنى تولۇقلاشتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! بىزلەر ئائىلىمىزنىڭ دۇنيادىكى جەننىتىمىز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۆي تۇتقاندا رەببىمىزگە «ئى ئاللاھىم! بۇ كېلىشىمنى بەرىكەتلىك ۋە مۇبارەك قىلغىن! بۇ بىر جۇپنى مۇھەببەت ۋە ساداقەت ھېسلىرى بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرغىن! خۇددى ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھاۋا ئانىمىزنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزەرىتى خەدىچە ئانىمىزنى ۋە ھەزرەتى ئەلى بىلەن ھەزرەتى فاتىمە رەزىياللاھۇ ئەنھانى بىر بىرىگە جۇپلىغاندەك چەمبەر - چەس قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىمىز.

بىزلەر ھاياتنى تېخىمۇ مەنىلىك ۋە بەرەكەتلىك قىلىدىغان ئۆيلىنىش تەرەپكە، ئاتا – ئانىمىزنىڭ، تۇغقانلار ۋە قوشنىلارنىڭ، قېرىنداشلىرىمىز ۋە ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىمىزنىڭ ھوزرۇرىدا قەدەم تاشلايمىز. رەببىمىزنىڭ ئىسمىنى ئېلىپ تۇرۇپ، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش نىيىتى بىلەن باشلىغان بىرلىكىمىز ۋە بارارۋەرلىكىمىزگە كىشىلەرنى شاھىت قىلىمىز. ئىللىق ئائىلىمىزنىڭ ھۇلىنى سالغان چېغىمىزدا، ئۆيلىنىدىغان جۇپلارنىڭ سالاھىيىتىنى، ئۆزئارا رازىمەنلىكىنى، سۆيگۈسى ۋە ساداقىتىنى ئاساس قىلىمىز. چۈنكى ئائىلە قۇرۇش بىر تەرەپلىمە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ئەمەس. ئەكسىچە، ئايال، بىلەن ئەرنىڭ ئۆز ئىستىقبالىغا بىرلىكتە قارار بەرگەنلىكىدۇر. باشقىلارنىڭ ئىدارسىگە ئەسىر بولۇش ياكى باشقىلارنى مۈلكى قاتارىدا كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكىنى بەلىگىلەش ھەق – ھوقۇقى ھېچ كىشىدە بولمايدۇ. جان ۋە ھاياتنىڭ يىگانە ئىگىسى ئاللاھتۇر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بويىچە «ئەر ئاياللار بىر بىرىگە ئامانەتتۇر».

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! مانا بۇ ھەقىقەتلەرگە قارىماستىن كۆپىنچە ھاللاردا توغرا بىلەن خاتانى، ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيالىغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە بولمىغان كىچىك بالىلارنى ئۆيلەندۈرىدىغان ئىشلار كۆرۈلۈپ كەلمەكتە. ھەتتا جاھالەت ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇ خاتا چۈشەنچە ۋە ئادەتكە بەزىلەر دىننى يۆلەنچۈك قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. بىراق شۇنىسى بىر ھەىققەتكى، ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامدا ئائىلە قۇرۇش؛ كۆڭۈل خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشنىڭ يوللىرى پۈتۈنلەي تاقالغان مۇھىم بىر قەدەمدۇر.  ئائىلە قۇرۇش؛ ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. دىنىمىزدە بولسا، مەسئۇلىيەت، جازا ۋە مۇكاپات جەھەتتە ئىرادە ئەركىنلىكى ئاساس قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ غۇرۇرىغا ماس بىر شەكىلدە ياشاش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ۋە بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىنى ھەر تۈرلۈك سۇيىئىستېماللارغا مۇبىتىلا قىلىش دىنىمىزدا ھەرگىز جائىز ھېسابلانمايدۇ. ئۆز - ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە نىسبەتەن تېخى مەسئۇلىيەتچانلىق ئىڭى يېتىلمىگەن كىچىك بالىلارنى ئائىلە قۇرۇشقا مەجبۇرلاشنىڭ ھەم دىنىي، ھەم ئىلمىي نۇقتىدىن قانۇنلۇق ئاساسىي يوقتۇر. ئايال ۋە ئانا بولۇشنىڭ مەنىسىنى بىلگۈدەك دەرىجىدە بويىغا يەتمىگەن بىز قىزنى ئۆيلەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەم دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرى، ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئائىلىدە مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىك ۋە شات - خوراملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئائىلە قۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.  

ئەزىز قېرىنداشلار! خۇتبىمىزنى بىر ئايەت ۋە بىر ھەدىس شەرىپ بىلەن ئاخىرىلشتۇرماقچىمىز.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرسى شۇكى، ئۇ سىلەرگە ئۇلارنىڭ يېنىدا ھوزۇرلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۆز تىپىڭلاردىن ئاياللارنى ياراتتى ھەمدە ئاراڭلاردا مۇھەببەت  ۋە مەرھەمەت ئورناتتى. شەك- شۈبھىسىزكى، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئالامەتلەر باردۇر» (سۈرە رۇم، 21 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«توي قىلىش مەسىلىسىگە ياخشى تاللاش بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار! قىزلىرىڭلارنىمۇ تەڭتۈشلىرى بىلەن ئۆيلەندۈرۈڭلار!» (ئىبنى ماجە، نىكاھ بابى 46 – ھەدىس)

ئاللاھ ئىبادەتلىرىڭلارنى ۋە دۇئالىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن!

زۇلۇم ۋە ئازاب – ئوقۇبەت ئاستىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت ۋە ئائىلە شاتلىقى نەسىپ قىلسۇن، ئامىن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر