قېرىنداشلىققا سانچىلغان خەنجەر؛ غەيۋەت
تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى - 50 (ئاۋازلىق)
قېرىنداشلىققا سانچىلغان خەنجەر؛ غەيۋەت
ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!
ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۆئمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار! بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، ئايغاقچىلىق قىلماڭلار، بىر- بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، ئەجىبا سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ مانا ئۆزىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن يىرگىنىسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ناھايىتى مىھرىباندۇر»[1]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى يا خەيرىلىك گەپ قىلىسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن»[2]
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە ئانىمىز، سەفىيە ئانىمىزنىڭ بويى كالتە ئىكەنلىكىنى ئىما قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ غەيۋەتنىڭ قانداق ناچار ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئى ئائىشە! سەن شۇنداق بىر سۆزنى قىلدىڭكى، ئۇ سۆزۈڭ ئەگەر دېڭىزغا ئارىلاشسا، پۈتۈن دېڭىز سۈيىنى مەينەت قىلىۋەتكەن بولاتتى» دېدى[3].
ئەزىز قېرىنداشلار! غەيۋەت؛ بىر قېرىندىشىمىزنى ئۇ ئاڭلىغاندا خوش بولمايدىغان سۆزلەر بىلەن تىلغا ئېلىشتۇر. قېرىندىشمىزنىڭ يوق يېرىدە غۇرۇرى ۋە سالاھىيىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر. قۇل ھەققىنى يېگەنلىكتۇر.
غەيۋەت؛ ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە سەمىمىيەتكە، خاتىرىجەملىك ۋە مۇھەببەتكە، بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە، يىغىپ ئېيتقاندا قېرىنداشلىققا سانچىلغان خەنجەردۇر. ئادىمىيلىككە زىت، مۇسۇلمانغا ياراشمايدىغان، شەخسلەرنى ۋە جەمئىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان ناچار قىلمىش ۋە پوزىتسىيەدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، «ئى مۆئمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار! بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، ئايغاقچىلىق قىلماڭلار، بىر- بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، ئەجىبا سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ مانا ئۆزىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن يىرگىنىسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى ۋە ناھايىتى مىھرىباندۇر» دېگەن ئىدى[4].
ئەزىز قېرىنداشلار! بىزلەر بىر – بىرىمىزگە ئىمان قېرىنداشلىقى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان مۆئمىنلەرمىز. بىر بىنانىڭ ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئۇل – تاشلىرىغا ئوخشايمىز. بۇ قېرىنداشلىقتا ھەممىمىز بىر – بىرىمىزگە ئامانەت. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جېنى بېزنىڭ جىنىمىز. غۇرۇرى ۋە ئىززەت – ئابىرويى بىزنىڭ ئابىرويىمىزدۇر. بىر – بىرىمىزنى ئەڭ ئاددى ئىما قىلىش بىلەنمۇ رەنجىتمەسلىككە دىققەت قىلىش بۇ قېرىنداشلىقىمىزنىڭ مۇھىم تەقەززاسىدۇر. قەلب دوستلىرىمىزدىن بىرسىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرى بۇ خىل ئەھۋالنى ئاجايىپ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ:
قەتئىي رەنجىتىپ سالما بىر جاننى
ئۆرىگەن بولىسەن ئەرشى رەھماننى
ئەزىز قېرىنداشلار! كۈندىلىك ھاياتىمىزدا زىھنىمىز ھەر تۈرلۈك خەۋەرلەر بىلەن چارچىماقتا. قۇلاقلىرىمىز ياختۇرىدىغان ۋە ياختۇرمايدىغان ھەر خىل سۆزلەرگە تولماقتا. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپىنچە غەيۋەت، يالغان، تۆھمەت ۋە بولمىغۇر سۆزلەر قىزىشقىشنى قوغايدىغان شەكىلدە سۇنۇلماقتا. كۆپ ھاللاردا مەسئۇليەتسىز ۋە پەرۋاسىز بىر شەكىلدە ئېلان قىلىنغان ئاساسسىز خەۋەر ۋە ئىنكاسلار ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرۇىنى ۋە ئىززەت – ئابىرويىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا. ۋەھالەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۇسۇلمان؛ ئۇنىڭ قولىدىن ۋە تىلدىن باشقىلار خاتىرىجەم بولالىغان كىشىدۇر» دەپ ئالاھىدە تەرىپلىگەن ئىدى.
ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە، «بىر – بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار! مەخپىي ئەھۋاللىرىنى (يەنى ئەيىپىنى) كولاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى قانداق كىشى باشقىلارنىڭ مەخپىي ئەھۋاللىرىنى كولىسا، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ مەخپىي ئەھۋالىنى (يەنى ئەيىپىنى) كولايدۇ. ئاقىۋەتتە ئۆيىگە كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ رەسۋا بولىدۇ[5]» دېگەن ھەدىس – شەرىپى ئارقىلىق بىزلەرنى بىر – بىرىمىزنىڭ ئەيىپىنى كولىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىس شەرىپتىمۇ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى يا خەيرىلىك گەپ قىلىسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن»[6] دېگەن ھەمدە ئاڭلىغان ھەممىلا گەپنى قىلىپ يۈرۈشنىڭ كىشىگە يېتەرلىك گۇناھ بولىدىغانلىقىنى جىكىلىگەن ئىدى[7].
بىراق مانا كۆرۈڭلاركى، يالغان بۈگۈنكى كۈندە مەخسۇس بىر كەسپىي ساھەگە ئايلىنىپ قالدى. تۆھمەت ۋە غەيۋەت بىلەن پىكىر ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى راۋاجلانماقتا. بۇ خىل سەلەبىيلىكلەر شەخىسلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ خاتىرىجەملىكىگە چوڭ زىيانلارنى سالماقتا.
ئەزىز قېرىنداشلار! تىلىمىزدىن پىتنە – پاسات ئەمەس، ھەر دائىم ئۆزئارا ئىشەنچ، خاتىرجەملىك چىقىدىغان بولسۇن. سۆزلىرىمىز غەيۋەت، تۆھمەت ۋە يالغان بىلەن ئەمەس، ساداقەت ۋە دۇرۇستلۇق بىلەن تولسۇن! سۆھبەتلىرىمىز نەپرەت ۋە دۈشمەنلىككە ئەمەس، مېھرى – مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىققا ۋەسىلە بولسۇن! شۇنى ئۇنتۇمايلىكى، قىيامەت كۈنى ئەبەدىي نېئمەتلەرگە سازاۋەر بولالايدىغان كىشىلەر، زېھنىگە، كۆڭلىگە، تىلىغا، قولىغا، جۇملىدىن پۈتۈن بەدىنىگە ئىگە چىقالىغان ۋە ھاياتقا مۆئمىنلەرگە خاس نۇقتى نەزەر بىلەن قارىيالايدىغان كىشىلەردۇر.
خۇتبىرىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ دۇئاسى بىلەن ئاخرىلاشتۇرماقچىمىز:
«ئى ئاللاھىم قۇلۇغۇم، كۆزۈم ۋە تىلىمنىڭ شەررىدىن، قەلبىمنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەيمەن»[8] ئامىن!!!