سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (04)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 48 - ئاۋازلىق)

سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (04)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (48)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (48)

 

تۆۋەندە سۈرە ئىھزابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ئىھزابنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ئىھزاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (04)

 

زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ تويى بىلەن كۆتۈرۈلگەن ئىغۋاگەرچىلىكلەر:

بۇ توي بىلەن تەڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى بىردىنلا ئىغۋاگەرچىلىك دولقىنى كۆتىرىلدى. چۇنكى مۇشرىك، مۇناپىق، يەھۇدىي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىمۇ ـ ئارقا قولغا كەلتۈرىۋاتقان مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ھەسرەت يۈتۈپ، ئاران ئولتۈرۇشقان ئىدى. ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن تاكى ئەھزاب ئۇرىشىغا قەدەر ئىككى يىل جەريانىدا ئۇلارنىڭ توختىماي شەرمەندە بولۈپ كېلىۋاتقانلىقى تۇپەيلىدىن قەلبلىرىدە ھەسەت ئوتىلىرى يالقۇنلىماقتا ئىدى. ئۇلار ئەمدىلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇرۇش مەيدانىدا مەغلۇپ قىلىشىتىنمۇ پۈتۈنلەي ئۈمۈد ئۈزۇشكەن ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچى بولغان ئەخلاقىي ئۈستۈنلىكىنى يوققا چىقىرىىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقىي تۇي ئىشىنى «خۇدا بەرگەن پۇرسەت» دەپ غەنىمەت بىلىشتى ۋە دەرھال ھېكايە تۇقۇپ چىقىپ (نەئۇزۇبىللاھ) «مۇھەممەد (سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئۆز كېلىنىنى بىرلا كۆرۈش بىلەن ئاشىق بولۇپ قالغان، ئوغلى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ئايالىنى تالاق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاتا ئۆز كېلىنى بىلەن توي قىلىۋالغان» دەپ سۆز ـ چۆچەك تارقىتىشقا باشلىدى. ئىنىقكى، بۇ پۈتۈنلەي تۇترۇقسىز ئىغۋا ئىدى. ئەسلىدە زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاممىسىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ بالىلىقىدىن تارتىپ ياتلىقىغا قەدەر پۈتنۈ ھاياتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆتكەن ئىدى. شۇنداق ئىكەن قانداقمۇ بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالىدىغان ئىش بولسۇن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسلەپتە زەيد رەزىيەلاھۇ ئەنھۇ بىلەن توي قىلغانلىقىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زورلىشى بىلەن بولغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىمۇ قۇرەيشنىڭ شۇنچە ئېسىل جەمەتىنىڭ قىزىنى بىر ئازات قىلىنغان قولغا نىكاھلاپ بېرىشكە نارازى بولۇشقان ئىدى. ھەتتا زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىمۇ بۇ تويغا تازا خۇشال ئەمەس ئىدى. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكمى بولغانلىقى ئۈچۈن  ھەممەيلەن ئامالسىز قالدى ۋە بۇ توينى قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ئەرەبلەر ئىچىدە ئىسلامنىڭ بىر ئازات قىلىنغان قۇلغىمۇ ئېسىل جەمەت كىشىلىرى قاتارىدا ئۇرۇن بېرەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۈلگىنى بىرىنچى بولۇپ يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ناۋادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا تەرەپكە ئازراقلا مايىللىقى بولغان بولسا ئىدى، ئۇنى زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نىكاھلاپ يۈرمەي، ئۆزى نىكاھىغا ئالالايتتى.  ئەمما نۇمۇسسىز دۈشمەنلەر شۇنچە روشەن ھەقىقەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پۈتۈنلەي كۆز يۇمغان ھالدا، ئاشىق - مەشۇق ھېكايىسىدىن بىرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭغا بولۇشىغا لازا، قارىمۇچ سۈركەپ، شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ كانىيىنى چالدىكى، ھەتتا مۇسۇلملانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ب توقۇلما ھېكايىلەر تارقىلىشقا باشلىدى. دۈشمەنلەر ئويدۈرۈپ چىققان ھېكايىلەرنىڭ ھەتتا توسالغۇسىز ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قالغانلىقىنىڭ ئۆزىلا جەمئىيەتتە شەھۋانىيەت ئامىللىرىنىڭ نورمال ھالەتتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىگە ئوچۇق ئالامەت ئىدى. چۇنكى ناۋادا ئىددىيەدە ئەشۇنداق بۇزۇلۇش بولمىغان بولسا ئىدى، شۇنچە پاك زاتقا نىسبەتەن تۇقۇلۇپ چىققان بۇنداق تۇترۇقسىز ھېكايىنى تىلغا ئېلىش تۈگۈل، ھەتتا زەررىچە ئېتىبارغا ئېلىشمۇ قەتئىي مۈمكىن بولمىغان بولاتتى. شۇڭا ئىسلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا قاراتقان ئەھكاملىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئەڭ دەسلەپ يولغا قويغىنى ھىجاب (يەنى پەردە قىلىش) ئەھكامى بولدى. بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئىپتىداسى مۇشۇ سۈرىدە باشلىنىپ، ئاخىرى بىر يىل كىيىن نازىل بولغان سۈرە نۇردا، يەنى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تۆھمەت قىلىش پىتنىسى يۈز بەرگەن چاغدا تاماملاندى. ( تەپسىلى مۇھاكىمە ئۈچۈن سۈرە نۇر ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرىشى مۇلاھىزە قىلىنسۇن)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى:

شۇ دەۋرلەردە دىققەت قىلىش موھىم بولغان يەنە ئىككى مەسىلە بولۇپ، گەرچە ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا جان ۋە تېنىنى ئۇپرىتىپ، ئەشۇ ئۇلۇغ خىزمەت بىلەنلا بولۇپ يۈرىۋاتقان ئۇنداق زاتقا نىسبەتەن ئۆز ئائىلىسىنى خاتىرىجەم قىلىش، ئۇلارنى ھەرخىل پەرىشانچىلىقلاردىن ساقلاش، كىشىلەرنىڭ شەك ـ شۈبھىلىرىدىن ئۇلارنى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ دىننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى - ئەلۋەتتە. شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ ھەر ئىككى ئىشنى رەسمىي قانۇنلۇق ھالدا ئۆز ئىلكىگە ئالدى. بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ بىرسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن ناچار ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ئىدى.  ھىجرەتتىن كىيىن تاكى تۆت يىلغا قەدەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېچقانداق كېرىمى يوق ئىدى. ھىجرىيەنىڭ 4 ـ يىلى بەنى نەزىر قەبىلىسىنى قوغلاپ چىقارغاندىن كىيىن ئۇلاردىن قالغان بىر قىسىم يەرلەر ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىھتىياجلىرى ئۈچۈن مەخسۇسلاشتۇرۇپ بېرىلدى. ئەمما ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىغا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىسمانىي ۋە ئەقىل، ئىددىيە قۈۋۋەتلىرىنىڭ ھەممىنى ھەمدە  ۋاقىتىنىڭ پۈتۈن مىنۇت، سىكۇنتلىرىنى پەيغەمبەرلىك ۋەزىسىپىسى ئۈچۈنلا ئاتاپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياكى تىرىشىپ بېقىشقا قەتئىي ۋاقىت ئاجرىتالماي كەلمەكتە ئىدى. بۇ ئەھۋالدا پاك ئاياللىرىنىڭ خىراجەت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلب ئارامىنى بۇزۇپ، مەنىۋىي بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىدى.

ئىككىنچى مەسىلە شۇكى، زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋدە، ئائىشە، ئۇممى سەلمە قاتارلىق تۆت ئايالى مەۋجۇت بولۇپ، زەينەپ ررەزىيەللاھۇ ئەنھا بەشىنچىسى ئىدى. دۈشمەنلەر بۇنىڭغا قارىتا «ئەجەپ ئۆزى بەش خوتۇن ئېلىپ، باشقىلارنى تۆتتىن ئارتۇق ئېلىشتىن توسىدىكىنە!» دېگەندەك ئېتىرازلارنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى. بۇ ئىش تۇپەيلى ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىمۇ بىر قىسىم گۇمانلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى.

ئاساسلىق مەزمۇنى:

بۇ سۈرە نازىل بولىۋاتقان چاغدىكى مەسىلىلەر يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، سۈرىدە دەل شۇلار ھەققىدە توختىلىنغان. يۇقىرىقى ئارقا كۆرىنىشلەرنى نەزەردە تۇتقان ھالدا سۈرىنىڭ مەزمۇنى مۇلاھىزە قىلىنىدىغان بولسا، ئۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا، بىراقلا نازىل قىلىنغان، بىرلا خۇتبە ئەمەسلىكى، بەلكى شۇ دەۋرلەردىكى موھىم ۋەقەلەرگە قارىتا بىر ـ بىرىگە ئۇلۇشۇپ نازىل قىلىنغان ھەرخىل ئەھكام، پەرمان ۋە خىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، كىيىنكى چاغدا ھەممىسى تۇپلىنىپ، بىر سۈرە قىلىنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. سۈرىنىڭ تۇۋەندىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئېنىق ھالدا گەۋدىلىك نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ.

1) بۇ سۈرىنىڭ 1 ـ رۇكىسى ئەھزاب ئۇرۇشىدىن سەللە ئىلگىرى نازىل قىلىنغاندەك مەلۇم بولىدۇ. ئەگەر تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا قارايدىغان بولساق، شۇنى ئىنىق ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇكى، بىرىنچى رۇكۇ زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانى تالاق قىلىشتىن ئىلگىرى نازىل بولغان. بۇ دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاسراندىلار ھەققىدىكى خۇراپى تەسەۋۋۇر، جاھىلانە ئەنئەنىلەرنى يوقۇتۇش لازىملىقىنى ھېس قىلىۋاتقان ھەمدە ئالدى بىلەن ئۆزى ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بۇ ئادەتنى يوقاتمىسا، كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش تۇققانچىلىقلار ھەققىدە ھېسسىياتقىلا تايىنىپ تىكلىۋالغان چۇڭقۇر ھەم سەزگۈر جاھىلانە تەسەۋۋۇرلىرىنى قەتئىي يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلىنىۋاتقان چاغ ئىدى. ئەمما شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشقا قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرى ئازراق ئىككىلىنىشتە قالماقتا ئىدى. چۇنكى ئەگەر ئەشۇنداق بىر شارائىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تالاق قىلغان ئايالى بىلەن توي قىلغان بولسا، باشتىنلا ئىسلامغا قارشى غۇلغۇلا پەيدا قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت ماراپ ياتقان مۇناپىق، مۇشرىك، يەھۇدىي قاتارلىق دۈشمەنلەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى بىر كۇزۇرنى قولغا چۈشۈرىۋالغان بولىدىغانلىقىنى ئويلانماي بولمايتتى. ئەنە شۇنداق ۋەزىيەتتە بىرىنچى رۇكۇنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرى نازىل بولغان ئىدى.

2) سۈرىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۇچىنچى رۇكۇسىدا ئەھزاب غازىتى بىلەن بەنى قۇرەيزە غازىتى مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇشۇ ھەر ئىككى رۇكۇنىڭ مەزكۇر ئۇرۇشلاردىن كېيىن نازىل بولغانلىقىغا ئوچۇق ئالامەتتۇر.

3)  تۆتىنچى رۇكۇنىڭ بېشىدىن تارتىپ 35 ـ ئايەتكىچە بولغان نۇتۇق ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىرىنچىسىدە، كەمبىغەللىك ئىچىدىكى جاپالىق چاغلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۆتۈلگەن قانائەتسىزلىككە قارىتا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەسكەرتىش بېرىلىپ: «سىلەر دۇنيا ۋە ئۇنىڭ زىننىتى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئاخىرەت، قاتارلىق بۇ ئىككىدىن بىرىنى تاللاڭلار، ئەگەر دەسلەپقىسىنى تەلەپ قىلساڭلار، ئۇنىمۇ ئوچۇق ئېيتىڭلار، سىلەر بىر كۈنمۇ بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا مۇبتىلا قىلىنماستىن، بەلكى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن يولغا سېلىنىپ قويىلىسىلەر» دېيىلىدۇ. ئىككىنچى مەزمۇندا بولسا، ئىددىيىسى ئىسلام بىلەن رەڭ ئالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىگىدىن نەقەدەر زورورلىكىنى ھېس قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى قەدىمى بېىسىلغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدىن باشلانغان ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە ئۇنىڭ پاك ئاياللىرىغا جاھىلىيەتتىكىلەرگە ئوخشاش جابدۇنۇپ يۈرۈشتىن پەرھىز قىلىش، ئىززەت – ھۆرمىتى بىلەن ئۆيىدە ئۆلتۈرۈش، يات ئەرلەرگە گەپ ـ سۆز قىلىشتا قاتتىق ئىھتىياتچان بولۇش ھۆكۈم قىلىندى. بۇ ھىجاب، (پەردە) ھەققىدىكى ئەھكاملارنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

4) بۇ سۈرىنىڭ 36 ـ ئايىتىدىن 48 ـ گىچە بولغان ئايەتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن نىكاھلانغانلىقى ھەققىدە توختىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۈشمەنلەرنىڭ بۇ تۇيغا قارشى قىلىۋاتقان ئېتىرازلىرىغا جاۋاپ بېرىلىدۇ ھەمدە دۇشمەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىگە يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان شەك ـ شۇبھىلەر يوقۇتۇپ تاشلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋە، مەقامى سۈزلەپ بېرىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگىمۇ بۇ ساختا ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە قارشى سەبىرچان بولۇش تەلقىن قىلىنىدۇ.

5) تالاق بەلگىلىمىلىرىگە دائىر بىر ماددا سۈرىنىڭ 49 ـ ئايىتىدە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ دەل ئەشۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەن چاغدا نازىل بولغان ئايرىم ئايەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

6) بۇ سۈرىنىڭ 50 ـ ۋە 52 ـ ئايەتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھ ئىشىغىلا قارىتىلغان مەخسۇس بەلگىلىمە بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا، باشقا ئادەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلە تۈرمۈشى ئۈچۈن قويۇلغان چەكلىمىلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇستەسنا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

7) 53 ـ ئايەتتىن 55 ـ گىچە بولغان ئايەتلەردە جەمئىيەت ئىسلاھاتى ئۈچۈن ئىككىنچى قەدەم بېسىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە يات ئەرلەرنىڭ كېرىپ ـ چىقىشىغا چەكلىمە قويۇش كېرەكلىكى، ئۇچرىشىش ۋە تەكلىپ قىلىش قائىدىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە پەقەت يېقىن تۇققانلارنىڭلا كىرەلەيدىغانلىقى، باشقا يات ئادەملەر ناۋادا بىرەر گەپ قىلماقچى بولسا، يا بىرەر نەرسە سورىماقچى بولسا، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سورىشى لازىملىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۈممەتكە نىسبەتەن ئانىغا ئوخشاشلا ئىھتىراملىق ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنمۇ باشقا كىشىنىڭ ئۇلاردىن ھېچ بىرى بىلەن توي قىلىشى جائىز ئەمەسلىكى بەلگىلەپ بېرىلىدۇ.

8) 56 ـ ئايەتتتىن 57 ـ گىچە بولغان ئايەتلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلىشى ۋە ئائىلە ھاياتى ھەققىدە كۇسۇلدۇشۇپ يۈرۈش قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ھەمدە ئىمان ئەھلىگە ئالاھىدە يول يورۇق بىرىلىپ، دۈېمەنلەرنىڭ بۇنداق قۇسۇرۋازلىقىدىن نېرى تۇرۇپ، ئۆز پەيغەمبىرىگە دۇرۇت ـ سالام يوللاش لازىملىقى ھەمدە پەيغەمبەرگە تۆھمەت قىلىشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئادەتتىكى ھەرقانداق مۇسۇلمانغىمۇ تۆھمەت قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىملىقى تەلقىن قىلىنىدۇ.

9) 59 ـ ئايەتتە جەمئىيەت ئىسلاھاتى ئۈچۈن ئۈچىنچى قەدەم بېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا ھۆكۈم قىلىنىپ: «ئۆيدىن سىرىتقا چىققاندا، ئۆزىڭلارنى ئورانچا بىلەن تۇلۇق يۆگەپ،  بېشىڭلارغا رومال سىلىپ چىقىشىڭلار لازىم» دىيىلىدۇ. ئاندىن تاكى سۈرىنىڭ ئاخىرىغا بارغۇچە ئەينى چاغدا مۇناپىق، ئىپلاس، شەرمەندە كىشىلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان (Whispering Campaign) ئىغۋاگەرچىلىك ھەركىتىگە قاتتىق تەنقىد، دۇق ـ مالامەت قىلىنىدۇ.

**** ******* ****** ******

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە سەبەنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر