ساقايمىغان يارىمىز؛ قۇددۇس

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى - 49 (ئاۋازلىق)

864293
ساقايمىغان يارىمىز؛ قۇددۇس

ساقايمىغان يارىمىز؛ قۇددۇس

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«اﷲ پاكتۇركى، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بىر كېچىدە بەندىسىنى مەسجىدى ھارامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» (سۈرە ئىسرا 1 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇچ مەسجىد ئۈچۈن ئىبادەت نىيىتى بىلەن سەپەر قىلىشقا بولىدۇ. مەسجىدى ھارام، مېنىڭ مەسجىدىم (يەنى مەسجىدى نەبەۋى) ۋە مەسجىدى ئەقسا» (مۇسلىم، ھەج بابى 511 – ھەدىس)

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇددۇس بىزنىڭ كۆزقارچۇغىمىز، قۇددۇس بىزنىڭ تۈگۈمەس پۈتمەس سىغىنىشىمىزدۇر. قۇددۇس؛ قانچىلىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ تەۋھىد مۇجادىلىسىگە سەھنە بولغان، ئىسمى ۋە ئەتراپى مۇقەددەس ھەم مۇبارەك قىلىنغان بىر شەھەردۇر.  قۇددۇس  قۇتسى شەرىپ (يەنى ئۇلۇغ مۇقەددەس ماكىنىمىز)دۇر. يەنە بىر ئىسمى بەيتۇل مۇقەددەستۇر. مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن مەدىنىيەتلەرگە بۆشۈك بولغان قۇددۇس ۋە ئەتراپىدا، ھەزرەتى ئىبراھىم، ھەزرەتى ياقۇب، ھەزرەتى سۇلايمان، ھەزرەتى مۇسا ۋە ھەزرەتى ئەيساغا ئۇخشاش نى كاتتا پەيغەمبەرلەر ياشىغان ئىدى. ئىسرا ۋە مىراج ۋەقەسى بىلەن قۇددۇسنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پەيغەمبەر مېھمىنى پەيغەمىبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغان  ئىدى. ئىسلامنىڭ تۇنجى قىبلىسىمۇ مەسجىدى ئەقسادا يەنى، قۇددۇستادۇر. 

قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسا بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇشخەبىرى ۋە ئامىنىتىدۇر. قۇددۇس ھەر بىر مۆئمىن چىن قەلبى بىلەن ھۆرمەتلەيدىغان ئەزىز كۆرىدىغان بىر شەھەر. قۇددۇس ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر تۇپراق پارچىسى ئەمەس، قۇددۇس يالغۇز پەلەستىن ۋە مەسجىدى ئەقسا ئەتراپىدا ياشاۋاتقانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسجىدىدۇر. 

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇددۇس ھەزرەتى ئۆمەرنىڭ فەتھى قىلىشى بىلەن تىنچلىققا سازاۋەر بولغان ئىدى. مۇسۇلمانلار قۇددۇستا ئۇزۇن ئەسىرلەرگىچە ئادالەت بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ھەممەيلەننىڭ جان – مېلى ۋە ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلغان، ھەتتا غەيرى مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزئارا كېلىشەلمەسلىكلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە سىغىنغان ئىدى. بىراق ئەينى چاغدا دارۇس سەلام يەنى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ماكانى دەپمۇ تونۇلغان قۇددۇس مانا ئەمدىلىكتە ئۇزۇندىن بېرى ئازاب – ئوقۇبەت ئىچىدە قان يىغلىماقتا. قۇددۇس بۈگۈنكى كۈندە ساقايمىغان يارىمىز، توختىمىغان ئاغرىقىمىزغا ئايلىنىپ قالدى. قۇددۇس ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارغا ئۇچراپ تىنچلىق شەھىرى بولۇش ئالاھىدىكىدىن ئايرىلىپ قالدى. پەيغەمبەرلەر دىيارىدا قورال ئاۋازلىرى توختىمايدىغان، بىگۇناھ ئىنسانلار رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلىدىغان بولۇپ قالدى.

قۇددۇس ئەتراپىدا ياشاۋاتقان خەلق بېسىم، زوراۋانلىق ۋە يېتىم قالدۇرۇشقا ئوخشاش ئىنسان قىلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە دۇچار بولماقتا. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش، ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىىكىگە ئىنساپسىزلارچە قەست قىلىنماقتا. كىملىكلىرى ۋە كىشىلىك ئوبرازلىرى، غۇرۇر ۋە سالاھىيەتلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنماقتا. كۆز قارچۇغىمىز بولغان قۇددۇس ئىشغالىيەت ئاستىغا ئېلىنماقتا. ئادىمىيلىكنى، تارىخىي ئەنئەنىلەرنى ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاياق ئاستى قىلىپ، پەرۋاسىزلارچە قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى باش كۆتۈرمەكتە.

شۇنى بىلىپ قويۇش كېرەككى، بۇ خىل تۇتۇرۇقسىز ئۇرۇنۇشلار قۇددۇس ۋە ئەتراپىنى خاتىرجەمسىزلىك ۋە تۇقۇنۇشنىڭ ماكانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن باشقا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. بۇ خىل قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئۇرۇنۇشلار، تىنچلىقپەرۋەرەلىككە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىغا ئۇرۇلغان زەربە بولىدۇ. خاتىرجەملىك، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى يوقۇتۇشقا يۈزلەنگەن ئەڭ خەتەرلىك بىر قەدەم بولۇپ قالىدۇ.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئىنسانىيەت دۇنياسى زۇلۇم، ئۇرۇش ۋە كۆچۈشكە زورلاشقا ئوخشاش ناچار قىلمىشلار تۈپەيلىدىن ئېغىر ئازابلارنى چەكمەكتە. بۇلار ئاز كەلگەندەك ئەمدىلىكتە قۇددۇسقا قارىتا پاراسەت ۋە بەسىرەتتىن ئۇزاق، ئىنساپ ۋە ۋىجداندىن مەھرۇم بۇ خىل ئۇرۇنۇشلار تىنچلىقپەرۋەر ھەر قانداق ئىنساننى ئەندىشىگە سالماقتا. بۇلارغا قارشى بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز، بۇ خىل ناھەقچىلىكلەرگە ھەرگىز باش ئەگمەسلىك، مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىدىن ۋە كىمگە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن قەتئىي نەزەر، زوراۋانلىقلارغا، خاتا ۋە ناھەقچىلىقلارغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى، بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇنياسى، قېرىداشلىرىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئاپەت، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقلاردىن ئېلىشىمىز كېرەكلىك دەرسلەر بار. قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! بالدۇرراق قېرىنداشلىقىمىزنى مۇستەھكەملەيلى! بىر - بىرىمىزنىڭ ھۆرمىتى ۋە ھەق – ھوقۇقىنى قوغدايلى! بۇ قېيىنچىلىقلار، دەرت – ئەلەملەر ۋە مەھرۇملۇقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر بىرىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلايلى! ئېتىقادىمىزغا ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا توغرا ۋە ھەققىگە يارىشا ئەمەل قىلايلى! ھەمدە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ ئۆگىتەيلى!

دەرۋەقە، ئەزىز مىللىترىمىز پۈتۈن تارىخى بويىچە قۇددۇس، مەسجىدى ئەقسا ۋە پەلەستىنلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان قەلب رىشتىلىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ باقمىدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز ئۈزمەيدۇ. بىزلەر مانا بۇ ئاڭ بىلەن بۈگۈن جۈمە ۋاقىتىدا رەببىمىزگە قول ئېچىپ مۇنۇ دۇئانى قىلماقچىمىز؛

ئى رەببىمىز! بىزنى يەر يۈزىدىكى بارلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرت ئەلەملىرىنى چىن يۈرىكىدە ھېس قىلالايدىغان ۋە ئۇلارغا ياردەم ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى، بارلىقىنى سەپەۋەر قىلالايدىغان سەمىمىي مۇسۇلمانلاردىن قىلغىن!

ئى رەببىمىز! بىزنى پاراسەتسىز، بەسىرەتسىز، ۋىجدانسىز، زالىملارنى قوللايدىغانلاردىن قىلمىغىن! 

ئىي رەببىمىز! قۇددۇسنى ۋە باشقا ئىسلام دىيارلىرىنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلارغا، «ئىسلاھ قىلىش» نامى بىلەن ۋەيران قىلماقچى ۋە تىنچلىققا پالتا ئۇرماقچى بولۇۋاتقانلارغا پۇرسەت بەرمىگىن!

 ئى رەببىمىز بۇ مۇبارەك جۈمە نامىزىنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، ئامىن!!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر