ئەڭ خەيىرلىك كۈن: جۈمە كۈنىدۇر

بۈگۈنكى خۇتبەنىڭ تېمىسى « ئەڭ خەيىرلىك كۈن: جۈمە كۈنىدۇر»

ئەڭ خەيىرلىك كۈن: جۈمە كۈنىدۇر

ئەڭ خەيىرلىك كۈن: جۈمە كۈنىدۇر

ئىسلامنىڭ پەرزلىرىدىن بىرى بولغان جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇ مۇقەددەس ماكانىمىزغا يىغىلغان ئەزىز قېرىنداشلار! جۈمەيىڭلارغا مۇبارەك، كۈنىڭلار خەيىرلىك بولسۇن.

جۈمە كۈنى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشەققەتلىك ھىجرەت سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەدىنىگە كېلىشكە ئازلا قالغانىدى، مەدىنىگە يېقىن جايدىكى رانۇنا دېگەن جايغا كەلگىنىدە چۈش ۋاقتى بولغانىدى، رەھمەت ئەلچىسى ھاياجان ئىلكىدە ئۆزىنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان جامائەتكە خۇتبە سۆزلىدى ۋە تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئادا قىلدى. بۇ مۇبارەك خۇتبىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر ھۇزۇرىدا ھەممىمىزگە مۇنداق دېدى: ئاخىرەتكە ئۆزۈڭلار بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ جايغا ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى ئەۋەتىڭلار، ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ھەممىڭلار بۇ دۇنيا بىلەن ھامان بىر كۈنى خوشلىشىسىلەر. ئۇ دۇنيادا ئاللاھ سەندىن: ئەلچىم ساڭا دىنىمنى يەتكۈزمىدىمۇ؟ ساڭا مال-دۇنيا ئاتا قىلمىدىممۇ؟ شارائىت يارىتىپ بەرمىدىممۇ؟ ئۇ دۇنيادىكى چېغىڭدا ئاخىرەتكە قانداق تەييارلىق قىلدىڭ؟ دەپ سورايدۇ... ئۇنداقتا ھەممە كىشى چامىنىڭ يېتىشىچە ئۆزىنى دوزاخ ئوتىدىن قوغدىسۇن. يېرىم تال خورما ياكى ياخشى سۆز بىلەن بولسىمۇ ياخشى ئەمەل قىلىشقا تىرىشسۇن.»

ئەزىز قېرىنداشلار!

بۈگۈن مۇبارەك جۈمە كۈنى، شۇنداقلا ھەپتىلىك بايرام كۈنىمىز. بىز ھەر جۈمە كۈنىنى ھاياجان ۋە خوشاللىق  ئىچىدە ئۆتكۈزىمىز، تەرىپلەش تولىمۇ مۈشكۈل بولغان ھاياجاننىڭ تەمىنى تېتىيمىز. دەرۋەقە، جۈمە كۈنى ھەپتىلىك تىرىشىلىمىزغا، ھاياتقا قايتىدىن مەھكەم يېپىشىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغان ئالاھىدە كۈندۇر. تۈرلۈك قىيىنچىلىقتىن پەرىشان بولغان كۆڭلىمىز يايراپ مەنىۋى ئازادىچىلىكنىڭ تەمىنى تېتىيدىغان قىممەتلىك ۋاقىتتۇر.

قىممەتلىك قېرىنداشلار!

رەببىمىز قۇرئانى كەرىم مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! جۈمە كۈنى ئەزان چىققاندا سودا-سېتىقنى توختىتىپ نامازغا ئالدىراڭلار. بىلىڭلاركى بۇ سىلەر ئۈچۈن تولىمۇ خەيىرلىكتۇر.» بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، جۈمە كۈندىلىك ئىشلىرىمىز ۋە دۇنيالىق غەم-غۇسىلىرىمىزدىن يىراقلىشىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشىمىزنىڭ نامىدۇر. كۈندە بەش ۋاخ نامىزىمىزدا رەببىمىزگە قانداق تەسلىم ۋە سادىق بولغان بولساق، جۈمە نامىزىدىمۇ ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىمىز. ھەر جۈمە كۈنى بەندىچىلىك ۋەدىمىزنى يېڭىلاپ تۇرىمىز، بىر ھەپتە ئىچىدە ئادا قىلغان ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللىرىمىزنى جۈمىدە رەببىمىزگە قايتا سۇنىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار!

جۈمە ئۆزىمىز توغرىسىدا ئويلىنىدىغان، ئۆز-ئۆزىمىزنى سوراققا تارتىدىغان ، تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان، بىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمىزدىن پاكلىنىدىغان  كۈندۇر. جۈمەدە دۇئاللار قوبۇل قىلىنىدۇ، دېگەن ئاڭ بىلەن ئاللاھقا يېلىنىشنىڭ، ئۇنىڭ چەكسىز رەھمىتى ۋە شەپقىتىگە يۈزلىنىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتىدۇر.

بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنى، قېرىنداشلىق ۋە مېھىر-مۇھاببىتىمىزنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ياڭرىتىدىغان كۈندۈر جۈمە،    چوڭ-كىچىك ۋە قىز-ئوغۇل بولۇپ ھەممىمىز بىرلىكتە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جامىلەرگە يىغىلىدىغان كۈندۈر جۈمە، پەيغەمبەر ماقامى  بولغان مۇنبەرلەردىن ياڭرىغان خۇتبىلەرنى زەن سېلىپ ئاڭلايمىز، خوشاللىقىمىز ۋە  قايغۇلىرىمىز بىلەن قايتىدىن قۇچاقلىشىمىز، بىرلىكتە ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىشنىڭ، قېرىنداش بولۇشنىڭ، ئورتاقلىشىشنىڭ، ھەمكارلىقنىڭ تەمىنى روھىمىزدا چوڭقۇر ھېس قىىلمىز.

ئى مۆمىنلەر!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتقاندا، كۈنلەر ئىچىدە ئەڭ خەيىرلىك كۈن جۈمەدۇر. بۇ ۋەجىدىن، جۈمە مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۈمە دېگەنلىك رەھمەت، بەرىكەت ۋە ھۇزۇر دېگەنلىكتۇر. ئېتىقادىمىزدا ھەر سېكونت، ھەر مىنۇت قىممەتلىك، دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى زاماننى ياراتقانمۇ ۋە بۇنى  بىزگە ئامانەت قىلغانمۇ ئاللاھتۇر، ئاللاھ نەزىرىدە زامانغا قانداق مەنە بېرىش ياكى قانداق ئاتاشتىن بەكرەك زاماننى قانداق ۋە قايسى شەكىلدە ، شۇنداقلا ھەر نەپەسىمىزنى ئۇنىڭ رىزاسىنى كۆزلەپ ئۆتكۈزۈشىمىز مۇھىمدۇر. قىسقىسى، ئۆمۈر سەرمايىمىزنى مەڭگۈلۈك كىرىمگە ئايلاندۇرۇشىمىز تولىمۇ مۇھىمدۇر.

قىممەتلىك قېرىنداشلار!

يېقىنقى كۈنلەردە تارقىلىپ يۈرگەن «قارا جۈمە»دېگەن ئىبارە ھەممىمىزنى بىئارام قىلماقتا، دەرۋەقە، ئېتىقادىمىزدا پۈتكۈل كۈنلەر ئاللاھنىڭدۇر، ھەر كۈننىڭ ئەتىگىنى پارلاق كېلەچەككە ئويغىنىشتۇر، بىر ئېتىقادنىڭ سىمۋولىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆزگە ئىلماي قىلىنغان مۇشۇنداق ناچار گەپ-سۆزلەرنىڭ كەلگۈسىمىزدە قىلچە ئورنى بولمايدۇ. بىر دىننىڭ  مۇقەددەس سىمۋولىنىڭ ئاشقۇن ئىستېمال چۈشەنچىسىگە ۋاستە قىلىنىشى تولىمۇ بىمەنلىك ۋە نادانلىقتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار!

زىھىن دۇنياسىدا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان بۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشلار ئالدىدا بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز دىنىمىزغا ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىمىزغا چىڭ يېپىشىشىمىز لازىم. بىزنىڭ ئىنسانىيەت ئالدىدىكى بۇرچىمىز دىنىمىز ئىسلام، ھىدايەت رەھبىرىمىز قۇرئان، رەھمەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بۇ يولدا قانچىلىك غەيرەت قىلساق ئاللاھمۇ بىز بىلەن شۇنچىلىك بىرگە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر