پەيغەمبىمىز ۋە بىز

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى - 47 (ئاۋازلىق)

پەيغەمبىمىز ۋە بىز

پەيغەمبىمىز ۋە بىز

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«قەسەم بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرگە ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىدۋار بولغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەن كىشىلەرگىمۇ ھەم» (سۈرە ئەھزاب 21 – ئايەت)

پەيغەمەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن مۇھەممەدمەن، ئەھمەدمەن، رەھمەت ۋە تەۋبە پەيغەمبىرىمەن» (مۇسلىم)

ئەزىز قېرىنداشلار! ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كېچسى ھەممىمىز بىرلىكتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىمىز. ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم خاتىرىلەيمىز. ئاللاھ پەيغەمبىرمىزگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىمىزنى قەتئىي ئازايتمىسۇن. بىزلەرنى ئۇنىڭ يولىدىن ۋە سۈننەتلىرىدىن بىر دەممۇ ئايرىلمايدىغان قىلسۇن ئامىن!

بىز ئۈممىتى بولغانلىقىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپتىخارلىنىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە جاۋابكارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاخىرىقى پەيغەمبەردۇر. ئۇ ھايات ۋە ئۆلۈمگە، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىگە مۆئمىنچە قاراشنى ئۆگەتتى. ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە ساداقەتنى، ھەق ۋە ھەقىقەتنى، ئىنساپ ۋە ئادالەتنى، ۋىجدان ۋە پەزىلەتنى، سەبىر ۋە مۆتىدىللىقنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەلىم بەردى.

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك تۇنجى ۋەزىپىمىز ئۇنى توغرا تۇنۇپ توغرا چۈشۈنۈشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن يارىتىلىشنىڭ غايە ھېكمېتىنى، ئىنسان ۋە ئەخلاقىغا بولغان قىممەت قاراشلىرىنى، ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان قارىشىنى، مېھرى – شەپقەتكە تولغان پىكىر نەزىرىيەلىرىنى چۈشۈنىشىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى توغرا تۇنۇش بولسا، ھاياتلىق كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈشكە ۋىسىلە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلۇغ كىتابىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەمەلىيلەشكەن ۋە ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەن بىر ئەمەلىي ھاياتلىق كىتابىدۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە :«قەسەم بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرگە ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىدۋار بولغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەن كىشىلەرگىمۇ ھەم» (سۈرە ئەھزاب 21 – ئايەت) دېگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىس – شەرىپتە ئۆزىنىڭ رەھمەت ۋە تەۋبە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئايەت ۋە ھەدىس شەرىپ بىزلەرگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى توغرا چۈشۈنۈش بىلەن بىرگە بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئەسلى ۋەزىپىمىز؛ ئۇ ئۆزى ئىجرا قىلىپ بىزگە ئۆگەتگەن قۇرئان كەرىمنى ھاياتىمىزغا توغرا تەتبىقلاشتىن ئىبارەتتۇر.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلغان ھالدا ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۈلگىلىك بىر مۆئمىن ۋە ياخشى بىر ئىنسان بولۇشقا غەيرەت قىلىش، ئۇنىڭغا ئوخشاش ۋاپادار ئەر، خەيرىلىك ئەۋلاد، شەپقەتلىك دادا ۋە كۆيۈمچان چوڭ دادا بولۇشقا تىرىشىش، ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەمميەيلەن خاتىرىجەم بولالايدىغان بىر قوشنا، جاندىن ئەزىز بىر قېرىنداش ۋە ساداقەتمەن تۇغقان بولۇپ تۇنۇلۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! مانا بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا ۋە تەڭداشسىز تەلىماتلىرىغا ھەر قانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك مۇھتاج ئەھۋالدا تۇرماقتا. چۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسى خاتىرجەمسىزلىك گىردابىدا، زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقلارنىڭ زۇلمىتىدە توزۇپ يۈرمەكتە.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غايىسى، دۇنيا ۋە ئىنسان تەسەۋۋۇرى تۇلۇق چۈشىنىلمىگەن بولغاچقا، تېررورلۇق، زوراۋانلىق، ئۇرۇش ۋە ۋەھشانىيەت ئىسلام دۇنياسىدا ئەۋج ئالماقتا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرۈشنى ئەمەس، ياشىتىشنى ئاساس قىلغان قاراشلىرى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدا ھەر كۈنى قانچىلىغان ئىنسانلار رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ خىيانەت، ئۇنىڭ مۇبارەك نامىنى بىر تۈركۈم قاراڭغۇ ئېقىم ۋە قاراشلارغا سۇيىئېستىمال قىلىشقا ئۇرۇنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ئۇلۇغۋار قىممەت قاراشلىرىنى سۇيىئېستمال قىلىپ، كۈچ ۋە نەپ ئېلىشقا ئۇرۇنىشتىن ئىبارەتتۇر.

شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ۋە شەرىئەتى، ئۈلگىلىك ھاياتى، بىزگە مىراس قالدۇرغان ئۇلۇغ قىممەت قاراشلىرى بىز مۆئمىنلەرگە ئامانەتتۇر. رەببىمىز بىزلەرنى بۇ ئامانەتلەرگە مەھكەم ئىگە چىقىدىغان ئامانەتدار بەندىلىرىدىن قىلسۇن ئامىن!

ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈن بىز پەزەنتلىرىمىزنى ئامانەت قىلغان شۇنداقلا ئەۋلادلىرىمىزنىڭ يېتىلىشىگە چوڭ ئەمگەك سىڭدۇرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بايرىمىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىممەتلىك ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز.  بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەتە «ئاياللارغا زورۋانلىق قىلىشقا قارشى كۈرەش» كۈنى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز. بۇ كۈنلەر مۇناسىۋىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىمغا، ئالىمغا ۋە ئاياللارغا قانداق ئېتىبار بەرگەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقنى، بۇ جەھەتتىكى مەسۇلىيەتلىرىمىزنى ئورۇنداشقا سەل قارىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمىز.

خۇتبىمىزنى ئىستىقلال شائىرىمىز مۇھەممەد ئاكىف ئەرسوينىڭ مۇنۇ مىسرالىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز؛

دۇنيانىڭ ئېرىشكەنلىرى ئۇنىڭ ئىلتىپاتىدۇر

قەرزدار ئۇنىڭغا شەخىسلەر، قەرزدار ئۇنىڭغا جەمئىيەت

قەرزداردۇر ئۇ ماسۇم زاتقا پۈتۈن ئىنسانىيەت

ئى رەببىم!

بىزنى مەھشەردە مانا بۇ ئىقرار بىلەن ھەشىر ئەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر