دائېش ئويۇنى

تەتقىقاتچى ئەردال شىمشەكنىڭ «دائېش ئويۇنى»ناملىق ماقالەسى

849625
دائېش ئويۇنى

يىللاردىن بۇيان دائېشنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قوللىغۇچى قاتلىمىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدۇق، بۇنىڭغا غەربتىكى دوستلىرىمىز ئىشىنىشى خالىمايتتى، ھەتتا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئاشكارە دېگەنلەرمۇ چىققانىدى.

بۇ كەسىپداشلىرىمىز  بىلەن ئارىمىزدا چوڭقۇر مۇناسىۋىتىمىز بار ئىدى، ئۇلار بىلەن قانداقتۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ياكى زېرىكىشلىك خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا تونۇشمىغانىدۇق، ئۇلار بىلەن جەڭگاھلاردا ۋە كەسىپ جەريانىدا تونۇشقانىدۇق. بۇ كىشىلەر بىلەن يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشتىن باشلىنىپ رىۋاندا، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن ئۇرۇشتا ئوخشاش تەقدىرنى ئورتاقلاشتۇق. بەزىدە بۇلار بىلەن ئوخشاش جايدا ياكى كونا بىنالاردا بىرگە ياشاپ ئوخشاش داستىرخاندا بىرگە غىزالىناتتۇق، يارىلانغان چېغىمىزدا بىر-بىرىمىزنى سائەتلەرچە ھەتتا كۈنلەرچە يۈدۈپ ماڭغان چاغلىرىمىز بولغانىدى. لېكىن دائېش توغرۇلۇق بۇ رىئاللىققا داۋاملىق گۇمان بىلەن قاراپ كەلدى.

دائېشنىڭ ھەققىي ئەپتى –بەشرىسىنى تونۇپ يەتكەنلەر بۇ توغرۇلۇق ئىشلىگەن پىروگرامما ۋە يازغان خەۋەرلىرىنى تاراتقۇلاردا ئېلان قىلدۇرالمىدى. دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بولۇپمۇ «ھەربىي ماشىنىلىق جەڭلىرى»ھەممىگە مەلۇملۇق بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللىرى ۋە ھەربىي ماشىنىلىق جەڭلىرى گويا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى ۋە ئۇسۇلىغا ئوخشايتتى.

بىزنى گۇمان سېلىپ چوڭقۇر ئويلارغا سالغان بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بۇلتۇر ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا تاپتۇق.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن Twitter ئادېرىسىدا تارتقان ئۇچۇرىدا «دائېشنى پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ قۇرغۇزغانلىقىنى»دېگەنىدى. كېيىنچە بۇ ئۇچۇر ئۆچۈرۈپ تاشلاندى.

ترامپنىڭ بۇ ئېتىراپىدىن جاسارەتلەنگەن غەربلىك كەسىپداشلىرىمىز تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ دائېشقا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق ئازراق مەلۇمات بېرەيلى: خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارغا تەۋە ئايروپىلانلار دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن جەمئىي 28181 قېتىم ئۇچقان، ھەربىي ھەرىكەتلەردىكى كۈن سانى 1185 ئىكەن. خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى بىر تەرەپ قىلغان تېررورچى سانى 5000 ئەتراپىدا بولغان. دائېش بازىلىرىغا قويۇپ بېرىلگەن راكېتامىيوت ۋە بومبىلارنىڭ سانى 102082 ئىكەن.

بۇ سانلىق-مەلۇماتلار ئەمەلىيەتتە ئوتتۇراشەرقتىكى ئويۇنلارنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار ۋە ئامېرىكىنىڭ دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن قاتناشتۇرغان ئەسكەر سانى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات بېرىش تەس. ناۋادا ئامېرىكىنىڭ شىرىكى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ 100مىڭ ئەتراپىدا قوراللىق ئەسكىرى بارلىقىنى نەزەردە تۇتساق، ئەسكەر سانى ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمەيمىز. تېخى يېقىندا ئەنگلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى BBC دائېش بىلەن ئامېرىكىنىڭ شىرىكچىلىكىنى دەلىللەپ بېرىدىغان ھۆججەت ۋە ۋىدېئو ئېلان قىلدى. نورمالدا بۇ ھادىسە غەربتە ئېغىر داۋالغۇش پەيدا قىلىشى كېرەك ئىدى،غەلىتە يېرى شۇكى ھېچكىم بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى،دائېش ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقراسىدىن ئايرىلىپ قالغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇردى.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەربىي مەلۇماتلارنىڭ %1 چىلىك قىسىمى بىلەن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان تۈركىيە دائېشقا ئېغىر زەربىلەرنى بەردى. ئىككى ئاي ئىچىدە 300دەك تۈركىيە ئەسكىرى دائېشنى خېلىلا ھاسىراتتى ۋە تۈركىيە چېگراسى دائېش تېررورچىلىرىدىن تازىلاندى. بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈرك ئەسكەرلىرى دائېشقا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 7000دەك تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ئەسكەرلىرى قۇرۇقلۇقتىنلا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەتلەر قاتناشمىغان. تۈركىيە ئارمىيەسى ئازغىنە ئەسكەر بىلەن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ 2 ئاي ئىچىدە بۇنچىۋېلا كۆپ تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغان بولسا، خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 4 يىلدا ئون مىڭلارچە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان، يۈز مىڭدىن ئارتۇق بومبا ۋە راكېتامىيوت قويۇپ بەرگەن ۋە قۇرۇقلۇقتا ئەسكەر ۋە پ ي د تېررورچىلىرى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلغان تۇرۇپ مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ دائېش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ژۇرنالىستلارنىڭ نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىدىغان ۋاقىت ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى.

تۈركىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە، ئىران ۋە سۈرىيە بىرلىكتە خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىگە ئەزر سۇنۇشى كېرەك. چۈنكى دۇنيانى قانغا بويىغان، يۈز مىڭلارچە بىگۇناھ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى ئاشكارىلاندى. شۇڭا مەسىلىنى خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم، ناۋادا بۇ بىر تەرەپ قىلىنمىسا مىللەتلەرنىڭ خەلقئارا تەرتىپىگە بولغان ئىشەنچىسى يەنە بىر قېتىم سۇسلىشىدۇ.

خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا تۈركىيەنى قارىلاپ تارتقان خەۋەرلىرىگە پۈتكۈل دۇنيا ئىشىنىپ قالغانىدى، ھەتتا بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيە دائىرىلىرى سۈرىيەلىك بىگۇناھ كىشىلەر بىلەن ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە ئېلىپ ماڭغان ياردەم بۇيۇملارنى «دائېشقا ئېلىپ ماڭدى»دېگەن مەزمۇندا يالغان خەۋەر يېزىپ پۈتكۈل دۇنياغا تارتقانىدى. غەرب دۇنياسى بولسا بۇ يالغان خەۋەرلەرنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ تۈركىيەنى ئەيىبلەش بىلەنلا بولدى قىلماي، مۇشۇ يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ھەتتا جاسوسلۇق قىلغانلارغا ئىگە چىقتى. بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى تۈركىيە قانۇنىغا زىت قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرگە دىپلوماتىك پاسپورتلارنى بېرىشتى، ھەتتا بۇلارنى پىرېزىدېتنلىرى قوبۇل قىلىشتى.

تۈركىيەگە قىلىنغان بۇ تۆھمەتلەرگە چىڭ يېپىشقان غەرب دۇنياسى  ئەنگلىيەلىك كەسپىداشلىرىمىز تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دائېش-ئامېرىكا ئويۇنى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچماسلىقى دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە قانۇنغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت ۋە تولىمۇ نومۇس قىلارلىق قىلمىشتۇر.

ھالبۇكى، غەرب دۇنياسى بۇ ئويۇنغا سۈكۈت قىلىشنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلىدى، چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن پۇقرالىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ھەقىقەتنى سۆزلەش ۋە تېررورچىلارنىڭ شىرىكلىرىنى« سەنمۇ تېررورچىسەن»دېيىش شۇنچىۋېلا تەسمۇ؟ ياكى بەزىلەر بۇ ئويۇننىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالىمامدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر