مۆئمىن، ئۈلگىلىك ئىنساندۇر

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار جۈمە خۇتبىلىرى ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «مۆئمىن، ئۈلگىلىك ئىنساندۇر» دېگەن تېمىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

مۆئمىن، ئۈلگىلىك ئىنساندۇر

مۆئمىن، ئۈلگىلىك ئىنساندۇر

مۆئمىن، ئۈلگىلىك ئىنساندۇر

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر - بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.[1]

ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھىبىلەردىن: <قايسىڭلارنىڭ ياخشى ۋە قايسىڭلارنىڭ يامان ئىكەنلىكىڭلارنى ئېيتپ بېرەيمۇ؟> دەپ سورايدۇ ۋە ئارقىدىنلا: <ياخشى بولغىنىڭلار؛ ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن ياخشلىقنى ئۈمىد قىلالايدىغان ۋە يامانلىق كەلمەيدىغانلىقىدىن ئەمىن بولالايدىغان كىشىدۇر. يامان بولغىنىڭلار بولسا، ئۇنىڭدىن ھېچ كىشى ياخشىلىق كۈتەلمەيدىغان ۋە يامانلىقىدىنمۇ خاتىرىجەم بولالمايدىغان كىشىدۇر> دەيدۇ»[2] 

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى بىر مۆئمىن ۋە ئۈلگىلىك بىر ئىنساننىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرى ۋە ئۆز ئەمەلىي ھاياتى ئارقىلىق بىزلەرگە كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. قېنى ئەمىسە بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە «مۇھەممەدۇل ئەمىن» دەپمۇ تونۇلغان پەيغەمبىرىمىز بىزگە تەلىم بەرگەن ئۈلگىلىك بىر مۆئمىننىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ھەمەيلەن بىرلىكتە قۇلاق سالايلى! بىزلەرنى بۇ دۇنيادا خاتىرىجەملىك ۋە خوشاللىققا، ئاخىرەتتە بولسا، ئەبىدىي نىجاتلىققا ئېرىشتۇرىدىغان گۈزەل خۇسۇسىيەتلەرنى قايتىدىن ئەسلەپ باقايلى!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بويىچە، مۆئمىن كىشى ئالدى بىلەن ئاللاھقا ئۆزىنى ئاتىغان، سادىق كىشىدۇر. ئۇ ئالتۇنغا ئوخشاشلا قىممەتلىك كىشىدۇر.[3] مۆئمىن؛ ھاياتى بويىچە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش مەيدانلىق ۋە قەتئىي ئىرادىلىك بولىدۇ، شەرىپىنى قويدايدۇ. ھەر قانداق ئەھۋالدا «بىز ئاللاھقا ئائىت ۋە ئۇنىڭغا قايتىمىز» دېيىش ئارقىلىق ئىمانىدىن، قىممەت قاراشلىرىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدۇ. قۇرئانى كەرىمنىڭ ۋە سۇننەتنىڭ رەھبەرلىكىدىن قەتئىي ئايرىلمايدۇ. سىراتەل مۇستەقىمدىن يۈز ئۆرىمەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بويىچە، مۆئمىن گويا ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ. ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش ھەر دائىم گۈزەل، پاكىز، ھالال نەرسىلەرنى يەيدۇ. گۈزەل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھېچ كىشىنى ئازارلىمايدۇ.[4] قەلبىدە يامانلىققا ئەمەس، ياخشىلىققا، زىيانللىققا ئەمەس، پايدىلىق ئىشلارغا، سەلەبىيلىككە ئەمەس، ئىجابىيلىققا ئورۇن بېرىدۇ.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بويىچە، مۆئمىن خورما دەرىخىگە ئوخشايدۇ.[5] ھەر دائىم ئىماندىن ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ، كۈچ - قۇۋۋىتىنى قوغدايدۇ. يارىتىلىشىنىڭ غايىسىنى ئۇنتۇپ قالماستىن، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىنسان بولىدۇ. مۆئمىن، ھەر تۈرلۈك مۇسىبەتلەر بىلەن سىنالغاندا، ھالىدىن كەتمەيدۇ. تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرىدۇ.[6] شۇنى ئوبدان بىلىدۇكى، بەندىنىڭ ۋەزىپىسى ئېمتىھان ۋە مۇسىبەتلەرنى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش سەبىرچانلىق، تەمكىنلىك  ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن قوبۇل قىلىش، ئۇلۇغ ئاللاھتىن كەلگەن مۇسىبەتلەرگە «ئۇنىڭ رەھمىتىمۇ ئېسىل ۋە قەھرىمۇ ئېسىلدۇر» دېيىش ئارقىلىق رازىمەنلىك بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

مۆئمىننىڭ ھاياتىدا غەم – قايغۇ ۋە ئۈمىتسىزلىككە ئورۇن بولمايدۇ. ئۇ «قايغۇرما! ئاللاھ چوقۇم بىز بىلەن بىرگە»[7] دېگەن ئايەتكە چىن يۈرەكتىن ئىشىنىدۇ. ھەممەيلەن ئۇنى تاشلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدىغان، ئۇنىڭغا ئۈمىد ۋە چارە بولىدىغان بىر پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.

قولى ۋە تىلىدىن باشقىلارغا زىيان كەلمەيدىغان كىشى ھەقىقىي مۆئمىندۇر.[8] «باشقىلارنى ئالدىغان كىشى بىزدىن ئەمەس»[9] دېگەن ھەدىسنىڭ تەققەززاسى بويىچە، باشقىلارنى ئالداشتىن ۋە ئالدىنىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھلىق تېلەيدۇ. مۆئمىننىڭ تىلىدىن يامان ۋە يالغان سۆزلەر، باشقىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ۋە قەلبىنى زىدە قىلىدىغان جۈملىلەر چىقمايدۇ. مۆئمىن ياتلاشتۇرىدىغان ئەمەس، بىرلەشتۇرىدىغان، نەپرەتلەندۇرىدىغان ئەمەس، خۇشخەۋەر بېرىدىغان كىشىدۇر. ئۇ ھەر بىر سۆزى ۋە ھەر بىر ئىشى ئۈچۈن چوقۇم بىر كۈنى ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بويىچە، مۆئمىن پاراسەت، بەسىرەت ۋە مۆتىدىللىققا ئىگە كىشىدۇر. ھاياتقا ۋە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ھېكمەت ھەم ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدۇ. مۆئمىن؛ بىر قېتىم چىقىۋالغان كامارغا ئىككىنچى قېتىم  قولىنى تىقمايدۇ.[10] بىلىپ تۇرۇپ خاتالىق ئۆتكۈزمەيدۇ. ئېتىقادىنىڭ ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىنىڭ سۇيىئېتىمال قىلىنىشىغا يول قويمايدۇ. قەلبىنى ۋە پىكرىنى باشقىلارنىڭ مونوپول قىلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ.  مۆئمىن «قەلبىدە زەررىچە كىبىر بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ»[11] دېگەن ھەدىسنىڭ رۇھىغا بىنائەن كەمتەرلىكنى قولدىن بەرمەيدىغان كىشىدۇر. يارىتىلغانلارنى پەقەت ياراتقۇچىنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ. شۇنى ياخشى بىلىدۇكى، ئىنسانلارغا دوست بولمىغان ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقىلىمۇ بولمايدىغان كىشىدە خەير بولمايدۇ.[12] مۆئمىننىڭ پوزىتسىيەسى مېھرى – شەپقەت، سەمىمىيەت، غەمغۇزارلىق ۋە سۆيگۈ – مۇھەببەت بىلەن تولغان بولىدۇ. يېغىپ ئېيتقاندا، مۆئمىن؛ خۇشپۇراقلىق ئەتىر ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ.[13] ئىنسانلارغا ئەدەپ – ئەخلاق ۋە مەردانىلىقنى تەقدىم قىلىدۇ. زىھىنلەردە دائىم ياخشى خاتىرە ۋە  قەلبلەردە خوش سادا قالدۇرىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ ھەمممىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدھىيەسىگە لايىق بولىدىغان.... يارىتىلىشىنىڭ ھېكمىتىگە مەھكەم ئېسىلىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغىلا يۈگرەيدىغان.... پانى دۇنياسىنى ئاخىرەتتىكى مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بەختىيارلىق خەزىنىسىگە ئايلاندۇرالايدىغان ھەقىقىي مۆئمىنلەردىن قىلسۇن ئامىن!!!

 


[1] - سۈرە تەۋبە، 71- ئايەت

[2] - تىرمىزى ۋە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل

[3] - ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل

[4] - ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل

[5] - بۇخارى

[6] بۇخارى

[7] - سۈرە تۆۋبە، 40 – ئايەت

[8] - بۇخارى

[9] - مۇسلىم

[10] - بۇخارى

[11] - مۇسلىم

[12] - ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل

[13] - تەبەرانى، مەجمەئۇل كەبىر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر