سۈرە لوقمان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 43 (ئاۋازلىق)

سۈرە لوقمان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 43

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە رۇمنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە لوقماننىڭ ئاتىلىشى، نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە لوقمان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

ئاتىلىشى :

بۇ سۈرىنىڭ ئىككىنچى رۇكۇسىدا لوقمان ھەكىمنىڭ ئۆز ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۈرىنىڭ ئىسمى ”لوقمان“ دەپ ئاتالغان. 

 نازىل بولغان ۋاقتى :

سۈرىنىڭ مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلغاندا شۇنى ئىنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇكى، ئۇنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ئىسلام دەۋىتى بىسىمغا ئۇچراشقا باشلىغان، ئىسلام دەۋىتىنى توسۇش ئۈچۈن جەبىر ـ زۇلۇم باشلىنىپ كەتكەن، ھەر خىل ھېلە ـ نەيرەڭلەر ئىشلىتىلىۋاتقان، لېكىن كۇپپارلارنىڭ قارشى تۇرۇش ھەركىتى تېخى تۇلۇق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمىگەن دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. سۈرىنىڭ 14 ـ ۋە 15 ـ ئايەتلىرىدە، يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ياشلارغا «شەكسىزكى، ئاللاھدىن قالسىلا ئاتا ـ ئانىنىڭ ھەققى ئەڭ ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەمما ناۋادا ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن سىلەرنى توسۇپ، شېرىكچىلىككە قايتىشقا مەجبۇرلايدىكەن، ھەرگىز ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرمەڭلار» دېيىلگەنلىكىمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ مەزمۇن سۈرە ئەنكەبۇتتىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ھەر ئىككى سۈرىنىڭ ئوخشاش دەۋردە نازىل بولغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمما ھەر ئىككىلى سۈرىنىڭ بايان ئۇسلۇبىنى ۋە مەزمۇنلىرىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، سۈرە لوقماننىڭ بالدۇر نازىل بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. چۇنكى سۈرىنىڭ ئارقا كۆرىنىشىدە بىرەر ئەشەددى مۇخالىپەتچىلىك ھەركىتىنىڭ ئالامىتىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. سۈرە ئەنكەبۇتتا بولسا، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئەھۋال بولۇپ، ئۇنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ نازىل بولغان دەۋرىدە مۇسۇلمانلارغا ئېغىر زۇلۇم ـ سىتەم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.   

تېما ۋە مەزمۇنى :

بۇ سۈرىدە شېرىكچىلىكنىڭ مەنىسىزلىكى ۋە ئەقىلگە سىغماسلىقى، تەۋھىدنىڭ بولسا، ئەقىلگە ئۇيغۇن ھەق ئىكەنلىكى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئەجداتلىرىنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلماسلىققا، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام بېرىۋاتقان ئىلاھىي تەلماتلار ئۈستىدە ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن تەپەككۈر قىلىشقا ھەمدە كۆزنى يوغان ئىچىپ، كائىناتتا ۋە ئۆز ۋۇجدىدا قانداق روشەن ئالامەتلەرنىڭ ئۇنىڭ ھەقلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقىغا قاراپ چىقىشقا كىشىلەرنى دەۋەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇلارغا: «بۇ قانداقتۇر دۇنيادا ياكى ئەرەپ دىيارىدا تۇنجى قېتىم قىلىنىۋاتقان ناتونۇش چاقىرىق ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىلىم ۋە ئەقىل ساھىبى بولغان، ھېكمەت ۋە دانالىققا سازاۋەر بولغان كىشىلەر خۇددى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلىۋاتقاندەك مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلاتتى. سىلەرنىڭ ئۆز دىيارىڭلاردىمۇ لوقمان ئىسىملىك بىر ھەكىم ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ دانىش، ھېكمەتلىرى ئاراڭلاردا ھېلىھەممۇ مەشھۇر. ئۇنىڭ قىلغان سۆز تەمسىللىرىنى ھازىرمۇ سىلەر سۆھبەتلىرىڭلاردا نەقىل قىلىپ تۇرىسىلەر. بولۇپمۇ سىلەرنىڭ شائىر، خەتىپلىرىڭلار كۆپرەك تىلغا ئېلىپ تۇرىدۇ. قېنى سىلەر ئۆزۈڭلار قاراپ بېقىڭلار، ئۇ كىشى زادى قانداق ئەقىدە، ئەخلاقنى تەلىم بېرەتتى؟» دېيىلىدۇ.        

**** ******** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە سەجدەنىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر