جۈمە خۇتبىسى: سۈننەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قالدۇرغان يول خەرىتىسىدۇر

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار جۈمە خۇتبىلىرى ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «سۈننەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قالدۇرغان يول خەرىتىسىدۇر» دېگەن تېمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

840073
جۈمە خۇتبىسى: سۈننەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  قالدۇرغان يول خەرىتىسىدۇر

ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم  بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىن، ئەسسالاتۇ ۋەسسالامۇ ئەلا رەسۇلىنا ۋە ئەلا ئالىھى ۋە ئەسھابىھى ئەجمەئىين، ئەمما بەئد،

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە «سۈننەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  قالدۇرغان يول خەرىتىسى» دېگەن تېمىنى ئاڭلىتىمىز.

سۈننەت؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قالدۇرغان يول خەرىتىسى

ئەزىز قېرىنداشلار جۈمە كۈنۈڭلار مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھنى سۆيىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى سۆيسۇن ۋە گۇناھلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلسۇن. ئاللاھ ئىنتايىن ئەپۇ قىلغۇچى ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس- شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتتىم، ئۇلارغا مەھكەم ئېسىلىدىغانلا بولساڭلار، ھەرگىز يولۇڭلاردىن ئېزىپ كەتمەيسىلەر. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدۇر»[2]  

ئەزىز قېرىنداشلار! دەرۋەقە ئىماننىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرسى پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتىشتۇر. بىز - مۆمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر ئەۋەتىلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئېتىراپ قىلىمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇ بىزنى چاقىرغان بارلىق ئىشلارغا ئىشىنىمىز. ئىمانىمىزنىڭ سۆز بىلەن ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدىغان كەلىمە شاھادەت ۋە كەلىمە تەۋھىدتىمۇ بۇ ئېتىقادىمىزنى چىن يۈرەكتىن تىلغا ئالىمىز. شۇنى ئىنتايىن ياخشى بىلىمىزكى، پەيغەمبىرىمىزگە ئىمان ئېيتماي تۇرۇپ تەۋھىد ئەقىدىسى ئىشقا ئاشقان بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھەممەيلەندىن ۋە ھەممىلا نەرسىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ، مۇكەممەل مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگەشمەي تۇرۇپ ھەقىقىي مەنىدە ئىسلام دىنىنى ھاياتقا تەتبىق قىلغىلى بولمايدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! بىز ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامنى ئىككى ئاساسلىق مەنبەدىن ئۆگىنىمىز. بىرىنچىسى ھىدايەت رەھبىرىمىز بولغان قۇرئان كەرىم، ئىككىنچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق دەۋرلەرگە چىراغ تۇتىدىغان سۈننەتلىرىدۇر. پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتماي تۇرۇپ ،ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشنىڭ ھېچ قانداق ئەھمىيىتى بولمىغانغا ئوخشاش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇرمۇش ئۈلگىلىرى، تەرجىمىھالى، سۈننەتلىرى ۋە ھەدىسلىرى بولماي تۇرۇپ، قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىش،  توغرا ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىي ھاياتقا ئايلاندۇرۇشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگە بولۇشى ئارقىلىق ئەمەلىي ھاياتقا ئايلاندۇرۇلغان كىتابتۇر. دەرۋەقە، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار»[3]  دېيىش ئارقىلىق ئۆزى بىلەن بىرلىكتە پەيغەمبەرگىمۇ ئىشىنىش ۋە ئەگىشىش كېرەكلىكىنى بۇيرۇيدۇ.

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە: «ئى ئىمان ئېيتقۇچىلار! ئاللاھقا ۋە ۋە پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار»[4] دېيىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش بىلەن بىرگە پەيغەمبەرگىمۇ ئىتائەت قىلىش لازىملىقىنى تەلىم بېرىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇرئان كەرىمدە بىلدۈرۈلگىنىگە ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، ئاللاھنى سۆيۈش ياكى سۆيمەسلىك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت بولمىغان ھەرقانداق بىر ئەقىدە، ئىنساننى ھەرگىزمۇ مۆمىن ياكى مۇسۇلمان قىلالمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن رەھمەت ۋە ھىدايەتنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇ بىزگە مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ غايىسىنى تەلىم بەردى. ئاللاھقا توغرا ۋە ھەققىگە يارىشا ئىبادەت قىلىشنى، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ يولىنى ئۆگەتتى. ئۇ بىزنى ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە سۆزلىرى ئارقىلىق يۈكسەك پەزىلەتكە دەۋەت قىلدى.

شۇنىسى بىر ھەقىقەتكى،  دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادىتىنى نىشان قىلغان ھەر قانداق مۆمىننىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىش مەسئۇلىيىتى بار.  سۈننەتكە ھەقىقىي مەنىدىن ئەگىشىش بولسا، قۇرئان كەرىمنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن شەكىلدە توغرا چۈشىنىش ۋە  ھاياتىغا تەتبىقلاش بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. سۈننەتكە ئەگىشىش مۆئمىنلەرنى قەلب چوڭقۇرلۇقىغا، پىكىر ئۇپۇقىنىڭ كەڭلىكىگە، ئۇلۇغۋار روھقا ۋە مەردانە خاراكتېرگە ئىگە قىلىدۇ.

سۈننەتكە ئەگىشىش؛ جاھالەت، ھۇرۇنلۇق، ئۆچ- ئاداۋەت، زوراۋانلىق ۋە تەپرىقىچىلىكنىڭ ئالدىدا سېپىل بولغانلىق بولىدۇ. كەلگۈسى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ ياخشى بىر دۇنيانى قالدۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەر دائىم ئۇلۇغۋار غايىلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈرگەنلىك بولىدۇ.

سۈننەتكە ئەگىشىش؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش پاراسەت ۋە بەسىرەت بىلەن، ساداقەت ۋە ئىشەنچلىك بولۇش بىلەن، سەبىر ۋە تەمكىنلىك بىلەن، مېھرى شەپقەت، ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ مۇھەببەت بىلەن جۈملىدىن  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىي بىلەن قوراللانغانلىق بولىدۇ. 

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىلىك ھاياتىنى بىزگىچە يەتكۈزىدىغان سۈننىتى ۋە ھەدىسلىرى بارلىق مۆئمىنلەرنىڭ ئورتاق مىراسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چىن قەلبىدىن مۇھەببەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ قالدۇرغان ئۈلگىلىك ھاياتىنى ئۆزلەشتۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭ يولىدا ماڭىدىغان ھەرقانداق مۆمىن سۈننەت ئەھلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھېچ كىشى ياكى گۇرۇپپا ئۆزىنى سۈننەتنىڭ بىردىنبىر ھىمايىچىسى دەپ كۆرسىتىشكە ھەققى يوقتۇر. شۇنىڭدەك سۈننەتنىڭ ئېتىبارىغا زىيان يەتكۈزۈش، فۇنكسىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن غەلىتە ئۇقۇملارنى پەيدا قىلىشقا تىپىرلاۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىمۇ بىھۆدىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئاللاھنىڭ سۈننىتى ئۈستىدە ھەرخىل سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ياتلىشىش ۋە ئايرىمىچىلىق تۇغدۇرماقچى بولغانلار، قېرىنداشلىرىمىزغا، ئۆزئارا مۇھەببىتىمىزگە، بىرلىكىمىز ۋە باراۋەرلىكىمىزگە ئېغىر زىيان سالماقچى بولغانلاردۇر.

ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ  يولىدا ماڭغۇچىلارغا بەخت يار بولسۇن!  ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىدىغانلار بەختىيار بولسۇن!

ئىي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ساڭا چەكسىز دۇرۇت - سالاملار بولسۇن! ئى ئاللاھنىڭ ھەبىبى! ساڭا چەكسىز دۇرۇت - سالاملار بولسۇن! 

ئاخىرىدا مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن يورۇقلىرى ۋە پۈتۈن مىللىتىمىزگە سەۋر - تاقەت، تىلەيمىز.

ئاللاھ بىزلەرنى ئەنە شۇ شېھىتلىرىمىز جېنىنى پىدا قىلغان مەنىۋى بايلىقلىمىزدىن قەتئىي ئايرىمىسۇن ئامىن!!! 

 

[1] - سۈرە ئالى ئىمران، 31ئايەت

[2] - مۇۋاتتا

[3] - سۈرەنىسا، 136 – ئايەت

[4] - سۈرە نىسا، 59ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر