ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسوننىڭ خىتاي زىيارىتى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسوننىڭ خىتاي زىيارىتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسوننىڭ خىتاي زىيارىتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون 28-سېنتەبىردە خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خېسېر ناۋۇرت (Heather Nauert) بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ مىنىستىر تىللېرسوننىڭ بۈگۈندىن تارتىپ  1-ئۆكتەبىرگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناۋۇرت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نويابىردا خىتاينى زىيارەت قىلىشىدىن ئىلگىرى تىللېرسوننىڭ خىتايدا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تىللېرسوننىڭ زىيارىتىدە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە سودا سېلىنمىلىرىدىن سىرت نۇرغۇن مەسىلىنىڭ كېڭەش قىلىنىدىغانلىقىنى دېدى.

مۇشۇ يىل ئىچىدە خىتايدا ئىككىنچى قېتىم زىيارەتتە بولغان تىللېرسوننىڭ خىتاي زىيارىتىنى كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن قېتىملىق  ئامېرىكا زىيارىتى، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى نۇقتىسىدىن قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ تىللېرسوننىڭ زىيارىتىدە كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان مەسىلىلەر ئىچىدە كورېيە يېرىم ئارىلىنى قوراللىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك ؟خىتاي بارغانچە كەسكىنلىشىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا - شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنى پەسەيتىشتە مۇرەسسەلەشتۈرگۈچىلىك رول ئۆتەۋاتامدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر