سۈرە شۇئەرا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 38 (ئاۋازلىق)

سۈرە شۇئەرا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (38)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (83)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە فۇرقاننىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە شۇئەرانىڭ ئاتىلىشى، نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە شۇئەرا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ «وَالشُّعَرَاء يَتَّبِعُهُمُ الْغَاوُونَ»  «شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ» دېگەن 224 ـ ئايىتىدىن ئىلىنغان.

 نازىل بولغان ۋاقتى:

سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە بايان ئۇسلۇبى بىلەن سۈرە ھەققىدە قىلىنغان رىۋايەتلەر ئۇنىڭ ئوتتورا مەككە دەۋرىدە نازىل بولغانلىقىنى چۇشەندۈرىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «تاھە سۈرىسىدىن كىيىن ۋاقىئە سۈرىسى، ئاندىن شۇئەرا سۈرىسى نازىل بولغان» دەيدۇ. (رۇھۇل مەئانى، 19 ـ جىلد، 64 ـ بەت) دېمەك شۇنىسى ئېنىقكى، تاھە سۈرىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى نازىل بولغان ئىدى.    

سۈرىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە تېماتىك مەزمۇنلىرى:

مەككە كۇپپارلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبلىغ، ئەسكەرتىشلىرىگە قارشى، بار كۈچى بىلەن ئىنكارچىلىق قىلىپ، خىلمۇ خىل باھانە - سەۋەپلەرنى كۆرىسىتىۋاتاتتى. بەزىدە «بىزگە بىرەر مۆجىزە كۆرسەتمىسەڭ، پەيغەمبەرلىكىڭگە قانداق ئىشىنىمىز؟» دېيىشسە، يەنە بەزىدە "شائىر"، "سىھرىگەر"  دەپ باھا بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلقىن، تەلىماتلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرىناتتى. يەنە بەزىدە «ئۇنىڭغا پەقەت جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم گۆدەك ياشلار ياكى تۆۋەن تەبىقىدىكى نامراتلار ئەگىشىۋاتمامدۇ؟! ناۋادا ئۇنىڭ تەلىماتلىرىدا راستىنلا بىرەر جان بولىدىغان بولسا، بىزنىڭ ئېسىل، كاتتىلىرىمىز ۋە شەيىخلىرىمىز ئۇنى قوبۇل قىلغان بولمامتى؟!» دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقلىرىنى تۆۋەن كۆرسەتمەكچى بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئىنتايىن مۇناسىپ دەلىللەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەقىدە جەھەتتىكى ئازغۇنلۇقىنى ۋە تەۋھىد بىلەن ئاخىرەتنىڭ ھەقلىكىنى يەتكۈچە چۈشەندۈرۈپ ھېرىپ كېتىۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇلار تەرسالىقنىڭ يېڭى ـ يېڭى يوللىرىنى ئاختۇرۇپ ھارمايتتى. دەل مانا بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روھىنى پۇچىلاپ، ئېغىر دەرىجىدە غەم ـ قايغۇغا سالاتتى. بۇ سۈرە مانا شۇنداق ۋەزىيەتتە نازىل قىلىنغان ئىدى. شۇڭا سۆز بېشى «ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا نىمانچە قايغۇرۇپ كىتىسەن؟ ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقىنىڭ سەۋەبى قانداقتۇر سېنىڭ مۆجىزە كۆرسەتمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلكى شۇنچە چۈشەندۈرسىمۇ چۈشەنگىلى ئۇنىمايدىغان جاھىل، تەرسالىقىدىندۇر ھەمدە قاتقان بويۇنلىرىنى مەجبۇر ئىتائەتكە ئېگىپ قويىدىغان بىرەر مۆجىزە تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىدىندۇر. پەيتى كېلىپ شۇنداق مۆجىزە كۆرسىتىلگەن چاغدا ئۇلارغا چۈشۈندۈرۈلىۋاتقان ئىشلارنىڭ نەقەدەر بەرھەق ئىكەنلىنى ئايان بولىدۇ» دېيىش بىلەن باشلانغان. بۇ مۇقەددىمىدىن كىيىن سۈرىنىڭ 10 ـ رۇكۇسىغا قەدەر «ھەققانىيەتنىڭ تەلەبكارلىرى بولسا، زېمىننىڭ ھەممىلا ئەتراپىدا ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مۇجىزە، ئالامەتلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ھەقنى تۇنۇپ يېتىدۇ. ئەمما مەنمەنچىلەر ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە ئىمانمۇ ئېيتمايدۇ. ئۇلارغا نە كائىناتتىكى ئالامەتلەر، نە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى كار قىلمايدۇ. ئۇلار ھەمىشە ئاللاھنىڭ ئازابى يوپۇرلۇپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆز قوينىغا ئالمىغۇچە جاھالەت ۋە زالالەتلىرىدە مەھكەم تۇرۇپ كەلگەن» دېگەن مەزمۇن ئۇزۇلمەي داۋام قىلىدۇ. ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تارىختىكى يەتتە خىل قەۋمنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ خۇددى مەككە مۈشرىكلىرىگە ئوخشاش مەنمەنلىك، تەرسالىق بىلەن ئىش تۇتۇقانلىقى ئېيتىپ بېرىلىدۇ. بۇ تارىخىي بايانلار ئارقىلىق مۇنداق بىر قانچە ئىش ئەسكەرتىلىدۇ.

**** ***** ****** *******

1 ـ «ئالامەتلەر ئىككى خىل بولۇپ، بىرى زېمىننىڭ ھەممىلا ئەتراپىدا كەڭ يېيىلىپ تۇرغان ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگىسى شۇلارنى كۆرۈش ئارقىلىق پەيغەمبەرنىڭ ھەقكە چاقىرىۋاتقان ياكى چاقىرمايۋاتقانلىقىنى تەتقىق قىلىپ بىلىۋالالايدىغان ئالامەتلەردۈر. يەنە بىرى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى كۆرگەن، نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد قەۋمى، سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە "ئەسھابۇل ئەيكە" قاتارلىق قەۋلەر كۆرگەن ئالامەتلەردۇر. ئەمدى كۇپپارلار بۇلاردىن زادى قايسىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى قېنى ئۆزلىرى تاللاپ باقسۇن» دېيىلىدۇ.

2 ـ «ھەممىلا دەۋردىكى كۇپپارلانىڭ ئىددىيىسى دائىم بىر خىللا بولۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغان پاكىت، ئىتىرازلىرىمۇ، ئىمان ئېيتماسلىق ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىدىغان ھېلە ـ نەيرەڭ، باھانە ـ سەۋەپلىرىمۇ بىر خىل بولۇپ كەلگەن. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ كۆرگەن ئاقىۋەتلىرىمۇ ئوخشاش بولدى. شۇنىڭدەك، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرىمۇ، ئەخلاقىي ئوبرازىنىڭ رەڭ ـ پۇراقلىرىمۇ، قارشى كۈچلەرگە دەلىل، پاكىت كۈسىتىش ئۇسۇللىرىمۇ شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بولغان مەرھەمەتلىرىمۇ ئوخشاش بىر خىللا بولۇپ كەلگەن. مانا بۇ ھەر ئىككى خىل ئورنەك تارىختا مەۋجۇت. كۇپپارلار ئۇنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆز تەسەۋۋۇرىنىڭ زادى قايسىسىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوبرازىدا زادى قايسى خىل تەسۋىرنىڭ ئالامەتلىرى مەۋجۇتلىقىنى ئوبدان بىلىپ يېتەلەيدۇ» دېيىلىدۇ.

3 ـ «ئاللاھ ئىنتايىن كۈچلۈك، غالىپ، ھەممىگە قادىر زاتتۇر، ئىنتايىن مىھرىباندۇر. تارىختا ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ ۋە رەھمىتىنىڭ مىسالى ناھايىتى نۇرغۇن. كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ رەھمىتىگە ھەقلىق قىلامدۇ ياكى غەزىپىگە ھەقلىق قىلامدۇ؟ بۇنى ئەمدى ئۆزلىرى قارار قىلسۇن» دەپ قايتا قايتا تەكرارلىنىدۇ.

سۈرىنىڭ ئاخىرقى رۇكۇسىدا، بۇ بارلىق تىمىلار يىغىنچاقلىنىپ، «ئەگەر راستىنلا بىرەر ئالامەت كۆرمەكچى بولساڭلار، نېمە ئۈچۈن ھالاك قىلىنغان قەۋلەر كۆرگەندەك ئالامەتلەرنى كۆرىشتە مەھكەم تۇرىۋالىسىلەر؟ ئۆز تىلىڭلاردىكى بۇ قۇرئانغا قاراڭلار، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قاراڭلار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا قاراڭلار. ئەجىبا بىرەر شەيتان ياكى جىننىڭ مۇشۇنداق كالامى بولارمۇ؟ ئەجىبا بۇ كالامنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى سىلەرگە سىھرىگەرگە ئوخشاش كۆرىنىۋاتامدۇ؟ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەپداشلىرى سىلەرگە خۇددى شائىرلارنىڭ مەشرەپداشلىرىدەك تۇيىلىۋاتامدۇ؟ تەرسالىقىڭلار بىلەن ئۆچمەنلىكىڭلار باشقا بىر مەسىلە. قېنى سىلەر قەلبىڭلارنىڭ ھەقىقىي ساداسىنى، زادى نېمە دەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقىنى تىڭشاپ باقمامسىلەر؟ ناۋادا قەلبىڭلار سىھرىگەرلىك بىلەن شائىرلىقنىڭ ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن، شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر قاتتىق زۇلۇم قىلىۋاتقان بولىسىلەر. ئاقىۋەتتە زالىملارغا تىگىشلىك ئاقىۋەتنى كۆرمەي قالمايسىلەر» دېيىلىدۇ.

**** ******** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە نەمەلنىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر