ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ياشاش

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 38 (ئاۋازلىق)

812411
ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ياشاش

 

 ئەزىز قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«نۇھ ئېيتتى: كېمىگە چىقىڭلار، كېمىنىڭ مېڭىشى ۋە توختىشى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەندۇر، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئى ئاللاھ! ئىسمىڭ بىلەن ياشاپ، ئىسمىڭ بىلەن ئۆلگىنى نېسىپ قىلغىن»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزلەرگە ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىمىزنىڭ ئىزھارى سۈپىتىدە بىر سۆزنى ئۆگەتكەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ «رەھىم شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن بىسمىللاھ بولۇپ، بىسمىلاھ، خۇددى كەلىمە تەۋھىدكە ئوخشاشلا ئۇلۇغ دىنىمىزنىڭ مۇھىم سېمۋوللىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ. بىسمىللاھ «رەببىمىز بىزلەرنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۈرىدۇ ۋە كۆزىتىپ تۇرىدۇ» دېگەن ئاڭ بىلەن ھايات كەچۈرىشىمىزنىڭ ئىزھارىدۇر. ئاللاھنىڭ بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەنلىكىمىزنىڭ ئېلانىدۇر. ئاللاھقىلا تايىنىپ، ئاللاھقىلا ئۆزىمىزنى بېغىشلىغانلىقىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ چەكسىز رەھمىتىگە سىغىنىدىغانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئەزىز قېرىندىشلار! ئۇلۇغ رەببىمىز قۇرئان كەرىمنى «ياراتقۇۇچى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ!»[3] دېگەن بۇيرۇقى بىلەن ئىنسانىيەتكە يوللىغان ئىدى. بۇ ئىلاھىي بۇيرۇق ئەسلىدە، پۈتۈن ئۆمرىمىزنى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ياشىشىمىز كېرەكلىكىگە دائىر مۇھىم ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ. شۇڭلاشقا بىز ھەر قانداق سۆز ۋە ئىشلىرىمىنى باشلاشتا «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دېيىش ئارقىلىق توپ توغرا يولدا بولۇشقا ۋە شۇ يولدا مەھكەم تۇرۇشقا نىسىپ قىلىشنى تېلەيمىز. بىسمىللاھنى قەلب ئىددىيىمىزدە ۋە تىلىمىزدا زىكىر قىلىپ تۇرىمىز. قىسقىسى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا قاراپ يول ئالىمىز.

بىسمىللاھنىڭ مۆئمىن ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا قاراپ چىقىش لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسام «ئى ئاللاھ! ئىسمىڭ بىلەن ياشاپ، ئىسمىڭ بىلەن ئۆلگىنى نېسىپ قىلغىن»[4] دېگەن دۇئانى ئۆزىگە ھاياتلىق دەستۇرى قىلغان ئىدى. ھەر بىر يىڭى كۈننى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايتتى ۋە يەنە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كەچ قىلاتتى. 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىگە كىرگەن چاغدىمۇ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كىرەتتى. «ئى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ساڭا تەۋەككۈل قىلدىم، كۈچ - قۇدرەت پەقەتلا ئاللاھتىندۇر»[5] دېگەن دۇئانى ئوقۇيتتى. ئۆيىدىن چىققان چاغدىمۇ بىسمىللاھ بىلەن چىقاتتى. ھەر قانداق ئىشقا ۋە پۈتۈن ئۆمرىگە بىسمىللاھنى بەرىكەتنىڭ ۋەسىلىسى قىلغان ئىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈلگىلىك ھاياتىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزمۇ بىسمىللاھ بىلەن پەلىمۇ پەللە قۇرۇپ چىقىلغان ئىدى. بىزنىڭ مەدىنىيىتىمىزدە كۆزلىرىمىز دۇنياغا بىسمىللاھنىڭ ھەمراھلىقىدا ئېچىلىدۇ. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئۆگىتىدۇ. ئىبادەتلىرىمىزمۇ بىسمىللاھ بىلەن باشلايدۇ. ئۇلۇغ كىتابىمىزمۇ بىسمىللاھ بىلەن ئوقۇلىدۇ. قوللىرىمىزمۇ دۇئاغا بىسمىللاھ بىلەن كۆتۈرىلىدۇ. بېمارلىرىمىزمۇ كېسىلىگە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن شىپالىق تېلەيدۇ. تۇرمۇشتىكى ھەر تۈرلۈك دەرت – ئەلەم ۋە قېيىنچىلىقلاردا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاللاھقا سىغىنىدۇ. يېغىپ ئېيتقلاندا، بىسمىللاھ بارلىق خەيرىلىك ئىشلارنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى:

«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانمىغان ھەرقانداق سۆز ۋە ئىش بەرىكەتسىز ۋە نەتىجىسىزدۇر»[6]

ئەزىز قېرىنداشلار ئاتاقلىق ئالىمىمىز سۇلايمان چەلەبىمۇ بۇ ھەدىستىن ئىلھام ئېلىپ، بىسمىللاھنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيىتىنى مۇنۇ مىسرالىرى بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى:

ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلايلى ئەڭ دەسلەپ

ۋاجىپ بولدى پۈتۈن ئىشتا ھەر قۇلغا

ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلسا ئەڭ دەسلەپ

ئاللاھ ئۇنىڭ پۈتۈن ئىشىنى ئاسان قىلا

بىسمىللاھ بىلەن بېزەلگەن ھەر قانداق بەدەن، ئۆز تىلى بىلەن دائىم ئۇنى تەرەننۇم قىلىدۇ.  «ئى پەرۋەردگارىم! باشپاناھىم، تايانچىم ۋە ئۈمىدىم! دۇئا ۋە تېلەكلىرىمنى پەقەتلا سەندىن تېلەيمەن. سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق مەبۇد يوق. قۇلغا قۇللۇق قىلمايمەن. سەندىن باشقىسىغا قەتئىي بويۇن ئەگمەيمەن. قەلبىمدە سېنىڭ سۆيگۈڭدىن باشقا سۆيگۈگە ئورۇن بەرمەيمەن. ماڭا بۇ ھاياتنى ۋە شۇنچە نېمەتلەرنى نېسىپ قىلدىڭ. مەنمۇ بۇ ھاياتنى سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ياشايمەن، پەقەتلا سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئىستەيمەن. بۇ دۇنيادىن ئاخىرەتكىمۇ سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن كېتىشنى ماڭا نېسپىپ قىلغىن» دەپ ئىلتىجا قىلىدۇ.

 ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇنداقتا كېلىڭلار! بىزمۇ ھەر بىر سۆزىمىز ۋە ئىشلىرىمىزنى بىسمىلاھ بىلەن باشلايلى! تىلىمىزنىڭ چېگىشلىكىنى بىسمىللاھ بىلەن يېشەيلى! قەلبىمىزدىكى كىرلارنى بىسمىللاھ بىلەن تازىلايلى! ئىددىيەيىمىزدىكى يامانلىقلارغا بىسمىللاھ بىلەن تاقابىل تۇرايلى! رەھمان ۋە رەھىم بولغان ئاللاھنىڭ ئىسمى، گۇناھلارغا قالقان ۋە مەغپىرەت بۇلۇقىغا ئايلانسۇن. بىسمىللاھنى تاپاۋەتلىرىمىزنىڭ بەرىكەت ۋەسىلىسى قىلايلى! قەلبلىرىمىز ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئۈلپەت بولسۇن. ئەمەللىرىمىزگە ياخشى نىيەتنىڭ زىننىتى بولسۇن. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىسمى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە سىقىلغان يۈرەكلىرىمىزگە تەسەللى ۋە مەمنۇلۇققا ئايلانسۇن. ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكلەرنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرى بىسمىللاھ بىلەن ئېچىلسۇن. يامانلىق ۋە رەزىللىكلەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا قۇلۇپ بولسۇن.

خۇتبىمىزنى مۇنۇ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزلەرنى سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ياشايدىغان، ھاياتىغا سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن مەنە قوشىدىغان، ئامانىتىڭنىمۇ سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ساڭا تاپشۇرىدىغانلاردىن قىلغىن ئامىن!!!

 

 


[1] - سۈرە ھۇد، 41 ئايەت

[2] - مۇسلىم

[3] - سۈرە ئەلەق، 1 – ئايەت

[4] - مۇسلىم

[5] - ئەبۇ داۋۇد

[6] - ئىبنى ھەنبەل



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر