سۈرە نۈر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - 1

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ 33 - بۆلۈم (ئاۋازلىق)

793016
سۈرە نۈر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - 1

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە مۆمىنۇننىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە نۇرنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە نۈر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - 1

ئاتىلىشى:

بۇ ئىسىم سۈرىدىكى 5 ـ رۇكۇنىڭ «اللَّهُ نُورُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ» «ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر» دېگەن 1 ـ ئايىتىدىن ئېلىنغان. 

نازىل بولغان ۋاقتى:

بۇ سۈرىنىڭ ”بەنى مۇستەلىق غازاتى“دىن كىيىن نازىل بولغانلىقىدا ھەممەيلەن بىردەك پىكىرگە ئىگە. قۇرئاننىڭ ئۆزىدىكى بايانلارمۇ بۇ سۈرىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى رۇكۇلىرىدا تىلغا ئىلىنغان ”افك“ ”بۆھتان“ ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك نازىل بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بارلىق ”مۆتەبىر“ (ئىشەنچىلىك) رىۋايەتلەرگە كۆرە ”افك“ ”بۆھتان“ ۋەقەسىنىڭ ”بەنى مۇستەلىق غازاتى“ سەپىرىدە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. ئەمما «بۇ غازات ھىجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى ئىھزاب غازىتىدىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەنمۇ ياكى ھىجرىيەنىڭ 6 ـ يىلى ئىھزاب غازىتىدىن كىيىن يۈز بەرگەنمۇ؟» دېگەن مەسىلىدە مەلۇم ئىختىلاپلار ساقلانماقتا. بۇنى تەكشۇرۇپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى شۇيەردىكى، نۈر سۈرىسى ۋە ئېھزاب سۈرىسىدىن ئىبارەت قۇرئان كەرىمنىڭ مۇشۇ ئىككىلا سۈرىسىدە ”ھىجابقا“ (پەردىگە) ئائىت ئەھكاملار بايان قىلىنغان ھەمدە پەقىھلەرنىڭ بىردەك قارىشى بويىچە بۇ ھەر ئىككى سۈرە ئېھزاب غازىتى مەزگىلىدە نازىل بولغان. ناۋادا بىز ”ئېھزاب غازىتى بەنى مۇستەلىق غازاتىدىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن“ دەپ قارىساق، بۇنىڭ مەنىسى «ھىجابقا ئائىت ئەھكاملار ئېھزاب سۈرىسىدە باشلىنىپ، نۈر سۈرىسىدە مۇكەممەللەشكەن» دېگەنلىك بولىدۇ. ناۋادا بىز «بەنى مۇستەلىق غازاتى ئىھزاب غازىتىدىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن» دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا ھىجابقا ئائىت ئەھكاملارنىڭ تەرتىپى تەتۈرىسىگە ئۆرىلىپ، نۈر سۈرىسىدە باشلانغان ۋە ئېھزاب سۈرىسىدە مۇكەممەللەشكەن بولىدۇ. بىز يەنىمۇ ئىچكەرلەشتىن ئىلگىرى مانا بۇ نۇقتىدىن سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىنى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرىشنى زۆرۈر تاپتۇق.

ئىبنى سەئىدنىڭ بايانىدا، «بەنى مۇستەلىق غازاتى ھىجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى شابان ئىيىدا مەيدانغا كەلگەن، ئاندىن ھىجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى زۇلقەدە ئىيىدا ئېھزاب غازىتى (ياكى خەندەك غازىتى) مەيدانغا كەلگەن» دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدىغان چوڭ پاكىت ھەزرەتى ئائىشە رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ ”افك“ ”بۆھتان“ ۋەقەسىگە ئائىت بەزى رىۋايەتلىرىدە، سەئىد ئىبنى ئۇبادە بىلەن سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ماجرانىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى ھەمدە بارلىق ”مۆتەبىر“ (ئىشەنچىلىك) رىۋايەتلەرگە كۆرە سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېھزاب غازىتىدىن كىيىنلا مەيدانغا كەلگەن «بەنى قۇرەيزە غازىتىدا» شەھىد بولغانلىقى، شۇ ۋەجىدىن سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھىجرىيەنىڭ 6 ـ يىلى مەۋجۇت بولۇش ئىمكانى قەتئىي مۈمكىن ئەمەسلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

*** ***** ******

يەنە بىر تەرەپتە مۇھەمەد ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتى ھىجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى شاۋۋال ئىيىدا ئېھزاب غازىتى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ھىجرىيەنىڭ 6 ـ يىلى شۆبان ئىيىدا بەنى مۇستەلىق غازاتى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئائىشە رەزىيەللاھا ئەنھا ۋە باشقىلارنىڭ ئىنتايىن نۇرغۇن ”مۆتەبىر“ (ئىشەنچىلىك) رىۋايەتلىرى تەكىتلەپ بېرىدۇ ۋە بۇ رىۋايەتلەردىن ئېھزاب سۈرىسىدە ئۇچرايدىغان ھىجابقا ئائىت ئەھكاملارنىڭ ”افك“ ”بۆھتان“ ۋەقەسىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلاردىن يەنە شۇنىمۇ بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرەتى زەينەب رەزىيەللاھا ئەنھا بىلەن ئېھزاب غازىتىدىن كىيىن ھىجرىيەنىڭ 5 ـ يىلى زۇلقەدە ئېيىدا نىكاھلانغان بولۇپ، (بۇ ۋەقە ئېھزاب سۈرىسىدىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ) ھەمنە بىنت ھەجىش ئۆز ھەمشىرىشى   ھەزرەتى زەينەب رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ ھەزرەتى ئائىشە رەزىيەللاھا ئەنھاغا كۈندەش بولغانلىقى سەۋەبىدىنلا ”افك“ ”بۆھتان“ ۋەقەسىگە قاتناشقان ئىدى. شۇنىسى ئىنىقكى، ھەمشىرىسىنىڭ كۈندىشىگە قارشى تۇيغۇدا بولۇش كۈندەشلىك مۇناسىۋېتى باشلىنىپ خېلى مەزگىلگىچە ساقلىنىدىغان بىر ئىش. مانا بۇ پاكىتلارنىڭ ھەممىسى ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما ئۇنى قوبۇل قىلىشقا ھىجرىيەنىڭ 6 ـ يىلى ھەزرىتى سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ماۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىن ئىبارەت بىرلا ئىش تۇسالغۇ بولىدۇ. بۇ قېيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولىدىغان نۇقتا شۇيەردىكى، ئائىشە رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك راۋايەتلىرىنىڭ بەزىسىدە سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تىلغا ئېلىنغان بولسا، يەنە بەزىلىرىدە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇسەييىد ئىبنى ھۇزەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تىلغا ئېلىنغان. دەل مانا بۇ كېيىنكى رىۋايەتلەر يۇقىرىقى ئىككىنچى بايانغا تازا ماس كەلگەن بولىدۇ. ناۋادا سەئىد ئىبنى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەۋجۇتلىقى نۇقتىسىدىنلا بەنى مۇستەلىق غازىتى بىلەن  ”افك“ ”بۆھتان“ ۋەقەسىنى ئېھزاب ۋە قۇرەيزە غازاتلىرىدىن ئىلگىرى بولغان ئىشلار دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇ چاغدا ھىجابقا ئائىت ئەھكاملارنىڭ نازىل بولىشى ۋە زەينەب رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ نىكاھلىنىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش تېخىمۇ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھالبۇكى، زەينەب رەزىيەللاھا ئەنھانىڭ نىكاھلىنىشى بىلەن ھىجابقا ئائىت ئەھكاملارنىڭ نازىل بولىشى دەل ئېھزاب ۋە قۇرەيزە غازاتلىرىدىن كىيىنكى ئىشلار ئىكەنلىكىنى قۇرئان كەرىم ۋە ئىنتايىن كۆپ ساندىكى سەھىھ ھەدىسلەر دەلىللەپ بېرىدۇ. ئىبنى ھەزىم ۋە ئىبنى قەييۇم قاتارلىق باشقا نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار دەل مۇشۇ ئاساستا ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىنى توغرا دەپ قارار قىلغان ھەمدە بىزمۇ ئوخشاشلا تۇغرا دەپ قارايمىز.

**** **** ******* *****

تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى:

نۈر سۈرىسىنىڭ ھىجرىيە 6 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىقى يېرىمىدا، ئېھزاب سۈرىسىدىن بىرقانچە ئاي كىيىن نازىل بولغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەمدى ئۇنىڭ قانداق ۋەزىيەتتە نازىل قىلىنغانلىقىغا قاراپ  چىقىشىمىز لازىم.

ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ ئەرەپلەر ئىچىدىكى يۈكسىلىشى بەدىر ئۇرىشىدىن تاكى خەندەك غازىتىغىچە بولغان مەزگىللەردە شۇ دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئىدىكى، ھەتتا مۇشرىك، يەھۇدىي، مۇناپىق ۋە باشقا پۈرسەتپەرەسلەرنىڭ ھەممىسى قورال كۈچىگە تايىنىپ بۇ يېڭى نەۋقىران جامائەتنى مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشماقتا ئىدى. خەندەك ئۇرىشىدا ئۇلار بىرلىشىپ ئون مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە بىر ئايغا قەدەر شۇنچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تۇرۇقلۇق، يەنىلا مەغلۇپ بولغان ھالدا چىكىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «لن تغزوكم قريش بىد ىامكم ھۇا ولكنكم تغزونھم» «مۇشۇ يىلدىن ئېتىبارەن قۇرەيش سىلەرگە ھۇجۇم قىلالمايدۇ، بەلكى سىلەر ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر» دېگەن ئىدى. بۇ گويا «ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇم كۈچى ئاخىرىلاشتى. ئەمدى ئىسلام ھەركىتى مۇداپىئە ئەمەس، بەلكى ھۇجۇم ئۇرىشى قىلىدۇ. كۇپىرلىق بولسا، ھۇجۇم ئەمەس، مۇداپىئە ئۇرىشى قىلىشقا باشلايدۇ» دەپ جاكارلىغانلىق ئىدى. بۇ شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتكە بېرىلگەن ئىنتايىن توغرا باھا بولۇپ، باشقا بارلىق پىرقىلەرمۇ ئۇنى چۇڭقۇر ھېس قىلماقتا ئىدى.

شۇنىسى ئىنىقكى، ئىسلامنىڭ بۇنچە كۈنسىرى ئالغا ئىلگىرىلەپ كېتىشىگە قانداقتۇر سانىنىڭ كۆپلىكى سەۋەب بولالمايتتى. چۇنكى ”بەدىر“دىن تارتىپ، ”خەندەك“كىچە بولغان بارلىق ئۇرۇشلاردا كۇپپارلار سان جەھەتتە نەچچە ھەسسە ئۈستۇن، مۇسۇلمانلار بولسا، ئاران ئوندا بىرىگە تەڭ كېلىدىغان سانغا ئىگە ئىدى.

بۇ ئىلگىرىلەشنى يەنە قانداقتۇر ئىسلامنىڭ قۇرال كۈچىدىنمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. چۇنكى كۇپپارلار قۇرال جەھەتتە مۇسۇلمانلاردىن خېلىلا ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئىقتىساد، نام ـ شۆھرەت ۋە جەمىيەتتىكى تەسىرى جەھەتتىنمۇ مۇسۇلمانلار كاپىرلارغا تەڭ كېلەلمەيتتى. كاپىرلار ئەرەپلەرنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي ۋاستىلىرىغا ئىگە بولغان بولسا، مۇسۇلمانلار ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتقان ئىدى. كاپىرلارغا بارلىق ئەرەپ مۇشرىكلىرى ۋە ھەر قايسى ئەھلى كېتاب قەبىلىلەر ئارقا تۈرۈك بولىۋاتقان بولسا، مۇسۇلمانلار يېڭى بىر دىننى دەۋەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن جاھالەت تۈزىمىنى قوللاۋاتقان پۈتۈن قەۋمنىڭ غەمخورلىقىدىن ئايرىلىپ قالماقتا ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يەنىلا مۇسۇلمانلارنى ئالغا ئىلگىرىلەتكەن نەرسە خۇددى بارلىق دۈشمەنلەر ھېس قىلىۋاتقىنىغا ئوخشاش دەل ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. كۇپپارلار بىر تەرەپتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابە كېراملارنىڭ يۈكسەك ئەخلاق ـ پەزىلىتىدىكى پاكلىق ھەم مۇستەھكەملىكنىڭ قەلبلەرنى رام قىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە يەككە ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق جەھەتتىكى پاكلىقنىڭ مۇسۇلمانلاردا نەقەدەر مىسلىسىز ئىتىتىپاقلىق ھەم يۈكسەك ئىنتىزامچانلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالدىدا مۈشرىكلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ بوشاڭ ئىجتىمائىي تۈزىمى تىنچلىق ھەم ئۇرۇش ۋەزىيەتلىرىنىڭ ھەرقاندىغىدا ئوخشاشلا مەغلۇپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە ئىدى.

**** ***** **** **** ** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە نۇرنىڭ داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر