سۈرە مۆمىنۇن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ - 32 (ئاۋازلىق)

سۈرە مۆمىنۇن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

سۈرە مۆمىنۇن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ھەجنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە مۆمىنۇننىڭ نازىل بولغان ۋاقتى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە مۆمىنۇن ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى

بۇ ئىسىم سۈرىنىڭ «قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ» «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى» دېگەن 1 ـ ئايىتىدىن ئېلىنغان.

نازىل بولغان ۋاقتى

سۈرىنىڭ مەزمۇنى ۋە بايان ئۇسلۇبىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئوتتۈرا مەككە دەۋرىدە نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. سۈرىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىمۇ ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككە كۇپپارلىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن كۆرەش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كۇپپارلارنىڭ زۇلۇم ــ سىتەملىرى تېخى رەسمى چىڭىغا چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى ھىس قىلدۈرىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ 75 ـ ۋە 76 ـ ئايەتلىرىدىن نازىل بولغان ۋاقتىنىڭ ئىشەنچىلىك رىۋايەتلەردىكى ھەممىگە مەشھۇر قاتتىق قەھەتچىلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئوتتۈرا مەككە دەۋرىگە تۇغرا كېلىدىغانلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيرنىڭ بىر رىۋايىتىمۇ ئۇنىڭ دەل ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىمان ئېيتىپ بولغان چاغ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ ئابدۇررەھمان ئىبنى ئابدۇل قادىرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆز رىۋايىتىدە ھەزرىتى ئۆمەر روزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «بۇ سۈرە مىنىڭ ئالدىمدا نازىل بولغان» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۇرىدۇ. ئەينى چاغدا ۋەھىي نازىل بولۇش بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چىرمىۋالىدىغان ئاجايىپ ئىزتىراپلىق كەيپىياتنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۆرۇپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە ۋەھى تاماملانغاندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ماڭا ھازىر شۇنداق ئون ئايەت نازىل بولدىكى، ئەگەر ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭدىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلەلىسە، شەكسىز جەننەتكە كېرىدۇ» دېگەنلىكى ۋە مۇشۇ سۈرىنىڭ دەسلەپكى ئون ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. (ئەھمەد، تىرمىزى، نىسائىي، ھاكىم)

**** *** *** ** **** ***** **** ***

تىماتىك مەزمۇنى

پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىش بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق تىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى دەل ئەنە شۇ مەركىزى تىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلىدۇ. سۆز بىشى «پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇنداق، مۇنداق سۈپەتلەر پەيدا بولماقتا، چۇقۇمكى بۇنداق كىشىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر» دېيىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن ئاسمان، زېمىن، ئۆسۇملۇك ۋە ھايۋاناتلارنىڭ شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى قاتارلىق كائىناتتىكى يەنە باشقا ئالامەتلەر تەرەپكە دېققەت مەزكەزلەشتۈرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق «پەيغەمبەر سىلەرگە ئىمان ئېيتىشنى تەكىتلەۋاتقان تەۋھىد، ئاخىرەتتىن ئىبارەت بۇ ھەققەتلەرنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە مانا ئۆزۈڭلارنىڭ ۋۇجۇدى شۇنداقلا پۈتكۇل كائىنات سىستېمىسى تەڭلا گۇۋاھلىق بەرىۋاتمامدۇ؟» دېيىش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئارقىدىنلا ھەر قايسى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرى ھەققىدە قىسسە باشلىنىدۇ. گەرچە ئۇ قارىماققا تارىخىي قىسسىدەكلا تۇيۇلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەر قايسى بۇرۇلىشلىرىدا تىڭشىغۇچىلارغا تۇۋەندىكىدەك بىرقانچە ئىشلار چۈشەندۈرۈپ قويۇلىدۇ.

1 ـ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قارشى سىلەرنىڭ شۈبھە، ئېتىرازلارنى بىلدۇرىۋاتقانلىقىڭلار ھېچقانچە يىڭى ئىش ئەمەس. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن شۇنداقلا سىلەر ئۆزىڭلارمۇ ئۇلۇغلايدىغان ئەشۇ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئەينى چاغدىكى جاھالەتچىلەر دەل مۇشۇنىڭدەك ئېتىرازلارنى بىلدۈرىشكەن ئىدى. مانا ئەمدى پەيغەمبەرلەر ھەقتىمۇ ياكى ئەشۇ جاھالەتچىلەرمۇ؟ قېنى تارىخنىڭ سىلەرگە قانداق ساۋاقنى يەكۈنلەپ بىرىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار.

2 ـ سىلەرگە تەۋھىد ۋە ئاخىرەت ھەققىدە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بېرىۋاتقان بۇ تەلىماتلارنى بارلىق پەيغەمبەر ئۆز زامانىلىرىدا ئوخشاشلا تەلىم بېرىپ كەلگەن. بۇ ھەرگىزمۇ دۇنيا تېخىچە ئاڭلاپ باقمىغان، بۈگۈنلا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان يېڭى، غەيرى نەرسە ئەمەس. 

3 ـ پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىگە كىرمىگەن ۋە قارشىلىقتا چىڭ تۇرغان قەۋلەرنىڭ ھەممىسى ئاقىۋەت ھالاك قىلىنماي قالمىدى.

4 ـ ھەممىلا دەۋردە ئاللاھ تەرەپتىن ئوخشاشلا بىر دىن ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بارلىق پەيغەمبەرلەر ئوخشاش بىرلا دىندا ئىدى. ئەمما بۇ دىندىن باشقا ھازىر سىلەر كۆرۇپ تۇرىۋاتقان دۇنيادىكى خىلمۇ ـ خىل ئېتىقادلارنىڭ ھەممىسى كشىلەرنىڭ ئويدۇرمىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئاللاھ تەرەپتىن دېگىلى بولمايدۇ.

*** *** **** ***** **** *****

قىسسىلەر تاماملانغاندىن كىيىن كىشىلەرگە «دۇنيانىڭ خۇشال ـ خوراملىقىنى، مال ـ بايلىق ۋە ئىپى ــ ئەۋلادلارنىڭ كۆپلىكىنى، شۇنداقلا كۈچ ــ قۈۋەت، ھوقۇق، ئىمتىيازلارنىڭ ھېچبىرىنى قانداقتۇر بىرەر شەخىس ياكى جامائەنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىگە ئالامەت قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا مىھرىبان ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئاللاھنى سۆيۈندۈرگەنلىكىگە دەلىل قىلۋېلىشقا بولمايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك بىرەرسىنىڭ نامرات خەستە ھالدا بولىشىنىمۇ ئۇنىڭ تۇتقان يولىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭدىن رازى ئەمەسلىكىگە پاكىت قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. بەلكى ئىنساننى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەھبۇب ياكى مەغزۇپ (يەنى سۆيۈملۈك ياكى ئازاپقا ھەقلىق) قىلىدىغان  نۇقتىلىق نەرسە ئۇنىڭ ئىمان، ئىخلاسى، خۇداگويلىقى ۋە ساداقەتمەنلىكىدۇر.» دېيىلىدۇ. چۈنكى ئەينى چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قارشىلىق بىلدۇرىۋاتقان بايراقدارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەككىنىڭ باي، كاتىۋاشلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ۋە قول ئاستىدىكى ئادەملىرىمۇ «نېمەتنىڭ يامغۇرى كىمگە بەكرەك يېغىۋاتقان بولسا، كىم تېخىمۇ بەك ئىلگىرىلەۋاتقان بولسا، دەل شۇلارغا ئىلاھ، ئەۋلىيالارنىڭ كەرەملىك نەزىرى چۈشىۋاتقان بولىدۇ. ئەمما مۇھەممەدنىڭ نامرات سەپداشلىرىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تۈرمۇش ئەھۋالىنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ» دېگەن خاتا قاراشقا مۇبتىلا بولۇشقانلار ئىدى.

ئاندىن كەڭ مەككە ئەھلىنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ھەر خىل يوللار بىلەن قايىل قىلىشقا تىرىشىپ، ئۇلارغا: «نۇۋەتتىكى بۇ قەھەتچىلىكنىڭ نازىل بولۇشى سىلەرگە نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ياخشىسى سىلەر بۇنىڭدىن چۈچۈپ، ئۆزىڭلارنى ئوڭشاپ، ھەق يولغا قەدەم قويۇڭلار، ئۇنداق بولمىغاندا، بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك ئازاپقا دۇچار قىلىنىسىلەر» دېيىلىدۇ ۋە ئۇلارنى يىڭى باشتىن كائىناتتىكى ھەم ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئالامەتلەرنى كۈزىتىشكە چاقىرىپ، «كۆزۈڭلانى يوغانراق ئېچىپ قاراپ بىقىڭلاركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەرنى خەرۋەردار قىلىۋاتقان تەۋھىد ۋە ئۆلۇمدىن كىيىنكى ھاياتلىقتىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ ئالامەتلىرى ئەتراپىڭلاردا مانا كەڭ چىلىپ تۇرمامدۇ؟! ھەتتا ئەقىل، تەبېئىتىڭلارمۇ ئۇلارنىڭ نەقەدەر توغرا، ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىۋاتمامدۇ؟» دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «مەيلى بۇلار ساڭا قارشى ھەرقانچە ناچار مۇئامىلە قىلسىمۇ، سەن ئۇلارغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە بىلەن تاقابىل تۇرغىن. شەيتاننىڭ سېنى پۈۋلەپ، يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قايتۈرۇشىغا ئۈندىشىدىن ساقلانغىن» دەپ يوليورۇق بېرىدۇ. ئاخىرىدا ھەققانىيەتكە قارشى تۇرغۇچىلارنى قىيامەتتىكى جاۋاپكارلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، «قىيامەت كۈنى ھەققانىيەتچىلەرگە قىلغان ھەر بىر ئەسكىلىكىڭلاردىن بىر ـ بىرلەپ ھېساپ بېرىسىلەر» دەپ تەكىتلىنىدۇ.  

**** ***** **** **** ** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە نۇرنىڭ ئاتىلىشى، تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر